Tue 7 DhQ 1435 - 2 September 2014
12634
شېرىك ئەقىدىلەر خىرىستىئان دىنىغا قانداق ئارلىشىپ قالغان ؟
ئەگەر ھەقىقى خىرىستىئان دىنى بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ئەقىدىسىنى ، ھەمدە ئىبادەتنى ئۇنىڭدىن مەخلۇقاتلىرىدىن ھىچكىم مەيلى ئەيسا ياكى باشقا بىرى بولسۇن ئىبادەت قىلىنمايدۇ دىگەن ئەقىدىنى ئىلىپ كەلگەن تۇرسا ، ئۇنداقتا بۇ دىن قانداقسىگە كۆپ ئىلاھلىق ئەقىدىسى بىلەن ئارلىشىپ كەتتى ھەمدە ئۇلار قانداق بولۇپ ئەيسا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار قىلىۋالدى ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش ، ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىرىگە ئەمەس ، يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش _ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەيسا ۋە شۇنىڭدەك باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن ئەلچىلىكنىڭ ئاساسى قىسمى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :«بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە:ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار،شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا،كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار دەپ پەيغەمبەر ئېۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار،گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار، يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار» نەھل سۈرىسى 36-ئايەت يەنە بىر ئايەتە مۇنداق دېيىلىدۇ:«سەندىن ئىلگىرى ئېۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار دەپ ۋەھيى قىلدۇق»ئەنبىيا سۈرىسى 25-ئايەت ئەيسا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) بۇ دەۋەت بويىچە خەلقىگە گۇۋاھ بولىدۇ ، ئاللاھ مۇنداق دىگەن:« ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى:« ئى مەريەم ئوغلى ئىسا ! سەن كىشىلەرگە،اﷲ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار،دېدىڭمۇ؟» ئىسا ئېيتتى:« (رەببىم!)شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى،ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن،ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام،ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن(يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق).سەم مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن،مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن،غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن﴿116﴾.مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى،يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار،دېدىم.مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە،ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم،مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن،ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ،سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن»مائىدە سۈرىسى 116-117- ئايەتلەر ئەمدى بۇ دىنغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قانداق بولۇپ ساپ تەۋھىدتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار قىلىۋىلىپ ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا كەلسەك ، بۇ خىرىستىئان تارىخىدىكى بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىش . بىز بۇيەردە ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ سۆزلىرىدىن بىر قىسىم ئىسپاتلارنى ئېيتىپ ئۆتىمىز ،قۇلاق بار كىشىلەر ئاڭلىسۇن : ئامرىكا ئىنسىكىلوپىدىيسىدە مۇنداق دىيلىدۇ : بىر ئىلاھلىق ئەقىدىسى ئىلاھ ھەركىتى سۈپىتىدە تارىختا ناھايىتى بۇرۇنلا باشلانغان. ھەمدە ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون يىللار مابەينىدە ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان . خىرىستىئان دىنى يەھۇدىي دىنىدىن تەرەققى قىلىپ چىققان ، ھەمدە يەھۇدىي دىنى بىر ئىلاھلىق ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغان . يىرۇسالىمدىن( مەسىيھنىڭ تۇنجى شاگىرىتلىرىنىڭ ئۆيى) باشلانغان نىسا( مىلادى 325-يىلى مەسىيھ ئاللاھ بىلەن ماھىيەت ۋە مەڭگۈلۈكلۈكتە باراۋەر دەيدىغان قارار ماقۇللانغان جاي ) غىچە بولغان يولنى توغرا يول بولغان دەيدىغان دەيدىغان سۆز ئىنتايىن ئاز بولغان . مىلادى 4- ئەسىردە قارار قىلىنغان ئۈچ ئىلاھ بىر گەۋدە تەلىماتى ئاللاھنىڭ خاراكتىرى ھەققىدىكى تۇنجى مەسىيھ تەلىماتىغا ئوخشىمايىتتى . ئەكسىنچە ئۇ تەلىماتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنىدى ، شۇڭلاشقا بىر ئىلاھ ئەقىدىسىگە زىت ھالدا تەرەققى قىلغان . [ 27 294] سىز ئامرىكا ئىنسىكىلوپىدىيسىدە تىلغا ئىلىنغان ئىالھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم خىرىستىئانلارنىڭ قاراشلىرىغا قاراڭ . [ 27 300-301] ۋىل دۇرانت مۇنداق دەيدۇ : " خىرىستىئان دىنى رىمنى ئىشغال قىلغاندا ، يىڭى دىن يەنى ، خىرىستىئان دىنىغا كۆچتى . قەدىمىي بۇدىزىم دىنىنىڭ قېنى : چوڭ پوپنىڭ نامى ، ئۇلۇغ ئانىغا ئىبادەت قىلىش ، كۆڭۈللەرگە خاتىرجەملىك بىرىدىغان سانسىزلىغان خۇدالارنىڭ سانى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممە يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ، ئۇلارنى سىزىم بىلەن بىلگىلى بولمايدىغانلىقى ،مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئانىنىڭ قېنى بالىغا كۆچكەندەك ، خىرىستىئان دىنىغا كۆچتى . مەدەنىيلەشكەن ئىمپىرىيە كۈچى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچلۈك پوپلىققا قاراتتى ھەمدە سۆزنىڭ رولى قىلىچنىڭ رولىغا ئالماشتى . چىركاۋ پوپلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى . خىرىستىئان دىنى شېركىزىمنى ئاخىرلاشتۇرماستىن ، بەلكى ئۇنى كۈچەيىتتى . گېرىك ئەقىل-پاراسىتى ھاياتقا يىڭىچە شەكىلدە ، چىركاۋنىڭ دىنىي مۇراسىملىرى ۋە تەلىماتلىرى شەكلىدە قايىتتى . يۇشۇرۇن گېرىك قائىدە-مۇراسىملىرى ئىبادەتخانا مۇقەددەس كىشىلىرىنىڭ قائىدە-مۇراسىملىرى بولۇپ كۆچتى . ھەمدە مىسىردىن مۇقەددەس ئۈچ ئىلاھ بىر گەۋدە ، ھىسابات كۈنى ، مەڭگۈلۈك ساۋاپ ۋە جازا ، ھەمدە ئادەمنىڭ بۇنىڭدا ياكى ئۇنىڭدا مەڭگۈ ياشايدىغانلىقى ئىددىيەلىرى كەلدى . مىسىردىن يەنە بالىنىڭ ئانىسىغا ئەبادەت قىلىش ، ئىلاھ بىلەن تەسەۋۋۇپلارچە باغلىنىش قاراشلىرى كەلدى ؛ ئۇ باغلىنىش ئەپلاتونىزىم ، ۋە لائەدرىزىمنى پەيدا قىلدى ھەمدە خىرىستىئان ئەقىدىسىنىڭ بەلگىلىرىنى يوق قىلدى . پىرىسىيەدىن مەسىيھنىڭ قايتىپ كىلىشى ۋە ئۇنىڭ زىمىندا 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئەقىدىسى كەلدى . " [ مەدەنىيەت ھىكايىلىرى ، 11 418 ] دۇرانتنىڭ سۆزلىرىدىكى خۇداسىزلىق ئىددىيسىنىڭ ئامىللىرى ئۇنىڭغا مەلۇم بولسىمۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ساۋاپ ۋە جازا ئىددىيسى مىسىرلىقلاردىن كەلگەن دەيدىغان دەۋاسىدا كۆرۈلگەن بولسىمۇ ، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن خىرىستىئان دىنىدىكى شىركىزىمنىڭ مەنبەلىرىنى ئىزدەش ئەمدى سىر ئەمەس ، ھەمدە ئۇ بىردىنبىر ئۇنى تەتقىق قىلغان كىشى ئەمەس . ئۇنىڭ « خىرىستىئان دىنى ۋە شىركىزىم » دىگەن كىتابىدا ، روبىرىتسون مۇنداق دەيدۇ : " مىسراسىيە يەنى ، پارىسلارنىڭ ئەسلى دىنى بولسا ئەيسانىڭ تۇغۇلىشىدىن 6 ئەسىر بۇرۇن پارىسلار دۆلىتىدە گۈللەنگەن . ھەمدە تەخمىنەن مىلادى 70-يىلى رىمغا يېتىپ باردى ھەمدە ئۇ رىمنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كىڭەيدى . ئاندىن ئۇ بىرىتانىيەگە يىتىپ بىرىپ ، بىر قانچە بىرىتانىيە شەھەرلىرىگە كىڭەيدى . بۇ دىننىڭ بىزگە مۇناسىۋەتلىكلىرى توغىرسىدا مۇنداق دىيلىدۇ : - مىسراس ، ئۇ شۇنداق ئاتالغاندىن كىيىن ئاللاھ بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ۋاستە . [ ئۇنىڭ خىرىستىئان دىنىدىكى ئوخشىشىغا قاراڭ : ئەلچىلەر ئىش-ھەركەتلىرى ، 4 12 ] - ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 25- دىكابىر . [ ھەمدە ئۇ خىرىستىئانلارنىڭ ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش كۈنى ] - ئۇنىڭ 12 ھەۋۋارىيۇنى بولغان . [ مەتا ،1 10 غا قاراڭ ] - دۇنيانى قۇقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلگەن .[ بىرىنچى كورنىسوس ، 315 كە قاراڭ ] - ئۇ دەپنە قىلىنغان ، بىراق ئۇ ھاياتلىققا قايتىپ كىلىدۇ .[ بىرىنچى كورنىسوسقا قاراڭ ، 4: 15 ] - [ ئۇ ھەۋۋارىيۇنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ كەتكەن . [ئەلچىلەر ئىش-ھەركەتلىرى ، 19 غا قاراڭ ] - ئۇ قۇتقازغۇچى دەپ ئاتالغان . [ تىتۇس 2 13 كە قاراڭ ] - ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بىرى – ئۇ يۇۋاش قوزىغا ئوخشايىتتى .[ جون ، 1: 29 غا قاراڭ ] - ھەر يىلى ئۇنى ئەسلەپ ئىلاھى كەچلىك غىزا ئۆتكۈزىلىدۇ . [ بىرىنچى كورنىسوس ، 11 23-25 كە قاراڭ ] - ئۇنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى – ئۇ يۇيۇلغان . - يەكشەمبە كۈنى ئۇلارغا مۇقەددەس كۈن . " فىرانسىيلىك لىئون جوتەھ ئۆزىنىڭ « ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش سۆز » ناملىق كىتابىدا خىرىستىئان ئۈچ ئىلاھ بىر گەۋدە قارىشىنىڭ مەنبىيى گېرىك پەلسەپىسىدە بولۇپمۇ ، ھازىرقى زامان ئەپلاتونىزىم ئىددىيسىدە بايقالغان دىگەن قاراش بار بولۇپ ، ئۇ ئەپلاتوننىڭ كائىناتنى ياراتقۇچى ئىددىيسى قارىشىنى ئۈچ ئىلاھ بىر گەۋدە ئىددىيسىنىڭ ئاساسى قىلغان ، ئاندىن ئۇنى زور كۆلەمدە تەرەققى قىلدۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىددىيە بىلەن خىرىستىئان دىنى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىق زورىيىپ كەتكەن . شۇڭا ( ئۇلارنىڭ قارىشىدا ) ياراتقۇچى ، مۇتلەق مۇكەممەللىك ئىگىسى ئۆزى بىلەن مەخلۇقاتلىرى ئوتتۇرسىدا ئىككى ۋاستىچىنى تەيىنلىگەن ، ھەمدە ئۇ ئىككەيلەن ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ، يەنى ئۇنىڭ جەۋھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . بۇ ئىككى مۇستەقىل گەۋدە ئەقىل ۋە ئىلاھى روھ . ئاندىن ئۇ مۇنداق دىدى : يەھۇدىي ئەقىدىسى بىلەن گېرىك پەلسەپىسىنىڭ نىكاھلىنىشى بىر پەلسەپىنى ئىشلەپ چىقىرىپلا قالماستىن ، بەلكى بىر دىننىمۇ يەنى ، نۇرغۇن ئىددىيەلەرنى گېرىكلەردىن قوبۇل قىلغان خرىستىئان دىنىنى ئىشلەپ چىقاردى . خىرىستىئان ئىلاھ چۈشەنچىسى ھازىرقى ئەپلاتونىزىمدەك ئوخشاش مەنبەدىن ئىلىنغان . شۇڭلاشقا ، گەرچە ئۇلار بىر قىسىم تەپسىلاتلاردا پەرقلىق بولسىمۇ ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى كۆرىسىز . ئۇلارنىڭ ھەرئىككىلىسى ئۈچ ئىلاھ بىرگەۋدە ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ھەمدە بۇ ئۈچ ئىلاھ ھەر ئىككىلىسىدە بىر نەرسە . مانا بۇ ئامرىكا يازغۇچىسى دىراپىرنىڭ كۆرسىتىدىغىنى : بۇدىزىم ۋە كۆپ ئىلاھىزىم بولسا خىرىستىئان بولۇۋىلىپ رىم ھۆكۈمىتىدە تەسىرى بار ئورۇنلار ۋە يۇقۇرى مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولۇۋالغان مۇناپىقلارنىڭ تەسىرىدە خىرىستىئان دىنىغا كىرگەن . بىراق ئۇلار دىن ئىشىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمىگەن ۋە ئۇنىڭغا بىرەر كۈن بولسىمۇ ، ئىخلاسى بولمىغان . ئوخشاشلا كونىستانتىن ھاياتىنى زۇلۇم ۋە رەزىللىكتە ئۆتكۈزگەن . ھاياتىنىڭ ئاخىردىكى قىسقىغىنە ۋاقتىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، چىركاۋنىڭ بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلمىغان . [ 337-ب ] گەرچە خىرىستىئان جامائىتى كۈچ-قۇدرەت تېپىپ ، كونىستانتىننى پادىشاھلىققا تەيىنلىگەن بولسىمۇ ، بۇدىزىمنى يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي قومۇرۋىتىشكە كۈچى يەتمىگەن . ئۇلارنىڭ كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىغا بۇدىزىمنى ئارلاشتۇرۋىتىش بولغان . ئۇنىڭدىن بىر يىڭى دىن يىتىلىپ ، ئۇنىڭدا خىرىستىئان دىنى بىلەن بۇدىزىمنىڭ باراۋەرلىكى گەۋدىلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابىدا گۇۋاھلىق بەرگىنىدەك ، شۇنداق قىلىپ خىرىستىئانلار ئۇلاردىن ئىلگىرى كەلگەن كاپىرلارنىڭ يولىغا قەدەممۇ-قەدەم ئەگەشتى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :« يەھۇدىيلار:« ئۈزەير اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر » دېدى،ناسارالار:« مەسىھ(يەنى ئىسا) اﷲ نىڭ ئوغلىدۇر » دېدى، بۇ،ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى)ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ(يەنى مۇشرىكلارنىڭ:« پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ قىزلىرىدۇر » دېگەن)سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ.اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى،(اﷲ نىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا،ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ)ئۇلار قانداقمۇ(اﷲ نىڭ بالىسى باردەپ)اﷲ غا يالغان چاپلايدۇ .» تەۋبە سۈرىسى 30-ئايەت ھەمدە ئاللاھ بولسا كۈچ-قۇۋۋەت مەنبىيى
www.islamqa.com