Sat 25 DhQ 1435 - 20 September 2014
12675
رامىزاندا روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇپ رامزاندىن كىيىن ناماز ئوقۇمايدۇ
سوئال: بىر كىشى رامىزاندا روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن، لېكىن رامزاندىن كىيىن ناماز ئوقۇمايدۇ، بۇ كىشىنىڭ رامىزاندا تۇتقان روزىسىىنىڭ ھۆكمى نېمە، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا؟.


جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر
ناماز ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئاللاھنى بىر، پەيغەمبىرىمىزنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ شاھادەت (گۇۋاھلىق) بەرگەندىن كىيىنكى ئەڭ مۇھىم ئاساس، كىمكى نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلىدىكەن ئۇ ئادەم كاپىر ھېسابلىنىدۇ، كۆزگە ئىلماستىن سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمايدىكەن ئۇ ئادەم ئاللاھقا ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىشلىگەن بولىدۇ. ئەمما رامىزاندا روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇپ رامزاندىن كىيىن ناماز ئوقۇمىغانلىق دېگەن ئاللاھنى ئالداشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەكسىچە ئۇ ئىنسان ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ. ئاللاھنى پەقەت رامزاندىلا تونۇغان كىشىلەر نېمىدېگەن ئەسكى ھە !
ئۇلارنىڭ رامزاندىن كىيىن ناماز ئوقۇماسلىقى بىلەن رامىزاندا تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەڭ خەتەرلىك ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ، بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدا نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ كافىر ھېسابلىنىدۇ دېيىلگەن، ئۇلار سۆزلىرىنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بىلەن دەلىللەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ:« بىز بىلەن مۇناپىقلار ئارىسىدىكى ئەھدە(ئۇلارغا تەگمەسلىكنىڭ ئامىلى) نامازدۇر، قانداق بىر ئادەم نامازنى تەرك ئەتسە كافىر بولىدۇ». ئىمام ئەھمەد(22428)، تىرمىزىي(2621)، نەسائىي(431)، ئىبنى ماجە(1079) قاتارلىقلار بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن توغرا ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ:« ئىشنىڭ بېشى ئىسلام، تۈۋرۈكى ناماز، ئەڭ يۇقىرى چوققىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش». ئىمام تىرمىزىي(2616)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك، كافىر ئوتتۇرسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىش ياكى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ». ئىمام مۇسلىم (82) دېگەن سۆزلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر.
ئاللاھ ھەممە ياخشىلىققا مۇۋاپىق قىلغۇچىدۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ئاللاھدىن رەھمەت- مەغپىرەت تىلەيمىز. ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا ئىشلىرى ھەيئەتلىرى مەجمۇئەسى 10-توم 140-بەت . تۇگىدى.
(ئىنسان بىر ئاي زامزاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق روھانىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ، رامىزاندا قاچىلانغان مەنىۋى ئېنېرگىيىنىڭ كۈچىدىن كېلەر يىلى رامىزانغىچە پايدىلىنىش ئاقىل مۇسۇلمان ئۈچۈن يېتەرلىك نېمەت بولسا كېرەك، چۈنكى ئىنسان رامزاندىن ئىبارەت بۇ بىر ئايلىق كۇرسنى كۈندىلىك ھاياتىغا ئۆرنەك قىلىپ، رامىزاندا تونىغان ياراتقۇچىنى باشقا ۋاقىتتىمۇ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى لازىم. رامزاندىن كىيىن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئىماندا چىكىنمەستىن ئالغا ئىلگىرىلىشى، روزا ۋە نامازلىرىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئەكسىچە رامزاندىلا ناماز ئادا قىلىپ باشقا ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تونۇماسلىق بولسا ئۇ ئىنساننىڭ ئىبادەتلىرىدە ناتوغرىلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مۇنداق ئېھتىماللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ كىشى جەمئىيەتتىن ياكى ئەتراپىدىكى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن روزا تۇتىدۇ ۋە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇنداقلا تەبىئىى ھالدا رامزاندىن كىيىن ئىبادەتتىن يىراق بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن پايدىلانمايدۇ. بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي...چۈنكى ئۇلار ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلماستىن، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ ئىبادەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىنساننى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئىلىپ بارىدىغان بولۇپ بەزى ئۆلىمالارنىڭ بۇنداق كىشىلەرگە كاپىر دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىكى سەۋەپ بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننىڭ ئىبادىتىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشى، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن مەنپەئەتلىكدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا نېمە دېگەن مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ھە !
روزا تۇتۇش ئارقىلىق كۈچلاندۇرۇلغان مەنىۋىيىتىمىزنى رامزاندىن كىيىن سۇسلاشتۇرماستىن داۋاملىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن بېزەشكە تىرىشىشىمىز بولسا ئىسلام دىنىنىڭ بىز مۇسۇلمانلاردىن كۈتكەن تەقەززاسى ۋە روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.-مۇھەررىر-)

www.islamqa.com