سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پىۋا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

127020

تارقاتقان ۋاقىت : 19-01-2013

كۆرگۈچىلەر : 4122

سۇئال

پىۋا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پىۋىنىڭ تەركىبىدە مەست قىلغۇچى ماددىلار بولمىسا بۇنى ئىچكىلى بولىدۇ، ئەمما مەست قىلغۇچى ماددىلار بولۇپ قالسا بۇنى ئىچىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك تەركىبىدە مەست قىلغۇچى ماددا بار بولغان بارلىق يېمەكلىك ۋە ئېچىملىكلەردىن ھەزەر قىلىش لازىم. تەركىبىدە چەكلەنگەن نەرسىلەر مەۋجۇت بولغان نەرسىلەرنى يېيىش-ئېچىش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ . إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّـهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ، فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَ﴾ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟. [مائىدە سۈرىسى 90-91-ئايەت].

بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق مەست قىلغۇچى ماددا ھاراقتۇر، ھەر قانداق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ماددىسىنى تەييار قىلغۇچى ۋە تەييار قىلدۇرغۇچى، يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىلگۈچىگە، ساتقۇچى ،سېتىۋالغۇچى ۋە ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىگۈچىگە لەنەت قىلدى. [ئىبنى داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ھارامدۇر.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ۋە ئەقىلنى يوق قىلغۇچى نەرسىلەردىن چەكلىگەن.

بارلىق مۇسۇلمانلارھەرقانداق مەست قىلغۇچى ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق ئىشنى قىلىپ سالغانلار بولسا، دەرھال ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ، قىلمىشىغا ئۆكۈنۈپئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتسۇن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّـهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار [تەھرىم سۈرىسى 8-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى