سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كەش ياكى پايپاققا قانداق مەسىھ قىلنىدۇ ( سۈرتىلىدۇ )

سۇئال

مىنىڭ سۇئالىم پاك ھالەتتە پايپاقلارغا مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى ھەدىيس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئىبنۇ خۇزەيمە سەفۋان بىن ئەسسالدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىيسكە ئاساسەن مۇنداق دىگەن : " پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىزنى كەشىمىزنى پاك ھالەتتە كەيگەن بولساق ، مۇساپىرنىڭ ئۈچ كۈن ، مۇقىم كىشىنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بۇيرىدى . " مىنىڭ سۇئالىم بولسا : ھەدىيستىكى بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 سائەت دەپ پەرەز قىلىشقا بولامدۇ ؟ ئىككىنچىسى ، قانداق بىر ۋاقىتتا بولسۇن پاك ھالەتتە پايپاقلىرىمنى كىيىپ ، ئاندىن 24 سائەت مۇددەتكىچە تاھارەت ئالغىنىمدا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىمەنمۇ ؟ مەسىلەن ، مەلۇم بىر كۇنى كەچ سائەت 11دە پايپاقلىرىمىنى كىيىپ ، ئاندىن ئىككىنچى كۈنى كەچ سائەت 11گىچە تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭغا مەسىيھ قىلسام بولامدۇ ؟ شۇنىڭدەك ، پايپاقنىڭ قايسى قىسمىغا مەسىيھ قىلىنىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار ؟ بىلىمەنكى ، پايپاقنىڭ ئاستىغا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ . لىكىن پايپاقنىڭ ئىككى يىنى ، كەينى ۋە ئۈستىگە مەسىيھ قىلىشىمىز ۋاجىپمۇ ؟ جاۋاپقا ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ، چۈنكى بۇ تۇرمۇشۇمنى تولىمۇ ئاسان قىلاتتى . شۇنىڭدەك تېرەمدە زىيادە سەزگۈرلۈك بار . بۇ ئىشقا سەل قارىسام ، مىنى كۆپ ۋەسۋەسىگە ۋە رازى بولماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
كەشكە ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىش ۋاقتىنىڭ باشلىنىشىغا كەلسەك ، ئۇ كەشنى بىرىنچى قىتىم كەيگەندىن باشلانماستىن ، بەلكى تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن مەسىھ قىلىنغان بىرىنچى قىتىمدىن باشلىنىدۇ . 9640 - سۇئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ .

مەسىھنىڭ قانداق بولۇشىغا كەلسەك :" سۇ بىلەن ھۆللەنگەن ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى ئىككى پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ ئاندىن پاچاققىچە سۈرۈپ ماڭدۇرلىدۇ ، ئوڭ پۇت ئوڭ قول بىلەن ، سول پۇت سول قول بىلەن مەسىھ قىلىنىدۇ . مەسىھ قىلغاندا بارماقلار ئىچىلىدۇ ، مەسىھ قىلىش تەكرارلانمايدۇ ."
[ الملخص الفقهي للفوزان 1/43 ] كە قاراڭ .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " يەنى ، مەسىھ قىلىنىدىغان ئورۇن بولسا كەشنىڭ ئۈستى قىسمى بولۇپ ، قول پۇت بارماقلىرىدىن پاچاققىچىلا ماڭدۇرلىدۇ . ھەمدە مەسىھ قىلىش ھەر ئىككى قول بىلەن ھەر ئىككى پۇتقا بىرلىكتە قىلىنىدۇ ، يەنى ئوڭ قول ئوڭ پۇتنى سۈرتىدۇ ، ھەمدە بىر ۋاقىتتا سول قول سول پۇتنى سۈرتىدۇ ، خۇددى ئىككى قۇلاقنى سۈرىتكەندەك . چۈنكى بۇ بولسا سۈننەتنىڭ ئاشكارا مەنىسى . يەنى مۇغىيرە بىن شۇئېبەنىڭ سۆزى : ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى بولغاچقا ، ھەمدە ئۇ ئوڭ پۇت بىلەن باشلىدى دىمىدى ، بەلكى : ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى ، دىدى . سۈننەتنىڭ ئاشكارا مەنىسى مانا مۇشۇ . شۇنداق ، ناۋادا بىر كىشىنىڭ بىر قولى ئىشلىمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇ سولدىن بۇرۇن ئوڭنى باشلايدۇ . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەر ئىككى قولى بىلەن ئوڭ پۇتنى ، ۋە ھەر ئىككى قولى بىلەن سول پۇتنى سۈرتىدۇ ،مىنىڭ بىلىشىمچە بۇنىڭ ئاساسى يوق . . . ھەمدە كەشنىڭ ئۈستى قانداق شەكىلدە سۈرتۈلسە ، ئۇ يىتەرلىك . بىراق بىزنىڭ بۇ دىگىنىمىز بولسا ئەۋزىلى . "
[ انظر فتاوى المرأة المسلمة ج/1 ص/250 ] كە قاراڭ .
كەشنىڭ ئىككى يىنىغا ۋە كەينىگە مەسىھ قىلىنمايدۇ ، چۈنكى ئۇنى سۈرتۈش ھەققىدە ھىچ نەرسە كەلمىگەن .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " بەزىلەر : كەشنىڭ ياكى پايپاقنىڭ ئاستى سۈرتىلىشى كىرەك ، چۈنكى ئۇ ئاسان كىر ۋە مەينەت بولىدۇ ، دىيىش مۇمكىن . بىراق بىز ئۇ ھەقتە ئويلانساق ، پايپاق ئۈستىنىڭ سۈرتىلىشى بەكرەك ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى بايقايمىز ، چۈنكى بۇ سۈرتۈشنىڭ مەقسىتى تازلاش ئەمەس ، بەلكى ئۇ بىر ئىبادەت . ئەگەر بىز پايپاقنىڭ ئاستىنى سۈرتىدىغان بولساق ، ئۇنى تىخىمۇ مەينەت قىلىۋىتىدۇ ."
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ الشرح الممتع لابن عثيمين ج/1 ص/213. ] كە قاراڭ .

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار