جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

سۇئال

   پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟ ئۇنى ئافغانىستاندىكى ياكى باشقا جايلاردىكى مۇجاھىدلارغا ئەۋەتسەك توغرا بولامدۇ؟ ياكى خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا بەرسەك، ئۇلار تۈرلۈك يوللارغا سەرپ قىلسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    پىتىر سەدىقىسى شۇ كىشى تۇرىۋاتقان يۇرتتىكى كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ داۋۇدتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى رامزاندا كەمبەغەللەرگە يېمەكلىك بولسۇن دەپ پەرز قىلدى.....»، بۇنى ئۆز يۇرتىدىن يۆتكەپ بەكرەك ئېھتىياجلىق بولغان رايۇنلارغا ئەۋەتسە توغرا بولىدۇ، ئەمما مەسچىت قۇرۇلىشى ۋە باشقا خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر