سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قەدىر كېچىسى پەرقلىق بولامدۇ؟

سۇئال

قەدىر كېچىسى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر كېچىدە بولامدۇ؟ ياكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

كېچىنىڭ كىرىشى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق بولسىمۇ لېكىن قەدىر كېچىسى بىر كېچىدە بولىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىدەكۈندۈزنىڭ ئاخىردا كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۇ كېچىنىڭ ۋاقتى كېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ كېچىنىڭ ۋاقتى كېرىدۇ. قايسى رايون ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدە كۈن ئولتۇرىدىكەن كېچىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ھەتتا كۈندۈز 20 سائەتتىن ئارتۇق ھېسابلانغان تەقدىردىمۇ كۈننىڭ پېتىشى بىلەن كېچە كىرگەن بولىدۇ. شۇ كېچىسى پەرىشتىلەرنىڭ كېچە بولغان ئۇ تەرەپ ۋە بۇ تەرەپكە بىر ۋاقىتتا چۈشۈشىشىدە ھېچقانداق توسالغۇ يوقتۇر.

توغرىسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ