Fri 27 Rmd 1435 - 25 July 2014
130689
"زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟
"زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆز توغرىمۇ؟، بۇ قائىدىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە كۆپ ئەجرى ئاتا قىلسۇن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

     زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ دېگەن مەسىلىدە بىرقانچە نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتىمىز:

     1-قۇرئان ۋە سۈننەت ئۈستىگە قۇرۇلغان شەرئى ھۆكۈملەر زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز ۋاجىپ بولىدۇ. مىسالغا ئالساق: ھاراقنىڭ، زىنانىڭ، جازانىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش قاتارلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھەرگىز ھالال ياكى جايىز بولمايدۇ. چۈنكى شەرىئەتتە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنىڭ ھۆكۈملىرى ئىلاھىي ۋەھيى ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن شەرىئەت ھۆكۈملىرى مۇكەممەللەشكەندۇر.

     2-ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان بەزى كىشىلەر "زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆزنى دەستەك قىلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس ۋەھيى ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى مەسخىرە قىلىپ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلاپ ئالىم-ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارىسىدا دىننى تولغاشقا-ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ھېچ ئاساسى يوق، دىنى ھۆكۈملەرنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى غەرەز-مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ھەددى ئەمەس. 

     جۈملىدە "پەتىۋا" ئۆزگىرىدۇ دەپ كەلگەن، ئەمما شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرى ئۆزگىرىدۇ دېيىلمىگەن. بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار. پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ دېگەنلىك قۇرئان-ھەدىستە ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىنمىغان ئىجتىھادىي مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، رېئاللىقتا يۈز بەرگەن يېڭى ۋەقەلىك بويىچە بولىدۇ، ۋەقەلىكنىڭ ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى بىلەن پەتىۋادا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىدۇ.

     شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرى ئۆز زاتىدا ھادىسە-ۋەقەلىكلەرنىڭ يېڭىلىنىشى، ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققى قىلىشى، زامانلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ھەرقانداق بىر مەسىلە بولىدىكەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى ئوچۇق-ئاشكارە شەكىلدە ياكى ئومۇمى ھۆكۈملەرنىڭ مەزمۇنىدىن بايقاش ئارقىلىق بايان قىلىنغان. بۇ ھۆكۈملەرنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر جاھىل قالدى. بۇنىڭدىن ئەھلى ئىلىملەر بايان قىلغان "ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ" دېگەن مەنا ئىپادىلەنمەيدۇ.     

     شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بىلمىگەن ياكى ھۆكۈملەرنىڭ ئىللەت-سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشى تۆۋەن بولغان كىشىلەر ئۆز گۇمانى بويىچە "ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋالار ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆزنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا تەسەۋۋۇرلىرى، دۇنياۋى غەرەز-مەقسەتلىرى ۋە ھايۋانىي شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ چۈشەنگەن.   

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھەرۋاقىت مەزكۇر سۆزنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇلار نېمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر قۇرئان-ھەدىسنى بۇ سۆزگە يەنى"ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋا ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆزگە ئەگەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر  سۆزنى ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمەستىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

     "ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋالار ئۆزگىرىدۇ" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ مەقسەت قىلىدىغىنى: مادامىكى پەتىۋادا شەرئى ئۇسۇل ۋە مۇئەييەن ھۆكۈم چىقىرىشقا سەۋەب بولغان ئىللەت، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك، دېگەن مەنادىن ئىبارەتتۇر". [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى12-توم 288-289-بەتلەر].

     3-ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغان ۋەھيى ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆزگىرىدۇ دېگەن سۆزدىن، دىننى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈملەرنى ئالماشتۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن مەنا ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ سۆزدىن، شەرىئەت ھۆكۈملىرى تولۇقلىنىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرا بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم چىقىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئالىملار بىرەر مەسىلىدە قۇرئان-ھەدىسكە تايانماستىن بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ھۆكۈمدىن بىرەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. -ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ-ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇنىڭدىن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش دۇرۇس دېگەنلىك ئىپادىلىنىپ قالىدۇ.

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۇلارنىڭ: "ئىجمائ" يەنى ئالىملارنىڭ بىرەر مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ھۆكۈمگە دالالەت قىلىدۇ، دېگەن سۆزىنى مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار: "ئىجمائ" يەنى ئالىملارنىڭ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى كۈچگە ئىگە ھۆكۈم دەپ زىكىر قىلغانلىقىنى ئۇچراتتۇق. ئەگەر ئۇلار راستىنلا شۇنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ سۆزدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار دىنى ھۆكۈملەرنى ئۆزگەرتسە-ئالماشتۇرسا توغرا بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ. بۇ خۇددى خرىستىئانلارنىڭ: "ئىسا ئەلەيھىسسالام خرىستىئان ئالىملىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قارىشىدا بىر نەرسىنى چەكلەش-ھارام دەپ بېكىتىش- مەنپەئەتلىك دەپ قارالسا، ئۇنى چەكلەش-ھارام دەپ بېكىتىش-، ھالال دەپ يولغا قويۇش ياخشى دەپ قارالسا، ھالال دەپ بېكىتىشكە رۇخسەت بەرگەن" دېگەن سۆزىگە ئوخشاپ قالىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بۇنداق بولمايدۇ. ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇنداق قىلىشنى توغرا دەپ قارىمايتتى. ساھابىلار شۇنداق قىلاتتى دەپ ئىتىقاد قىلغان كىشىلەر ۋە ئۇلار بىلەن بىر پىكىردىكىلەر بولسا، دەرھال بۇ خاتالىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

     ئىسلام پرىنسىپىدا خەلىپە ۋە پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ شەرىئەت پرىنسىپى روھى ئاستىدا ئىجتىھاد قىلىشى (يەنى دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرگە ھەل شەرئى يول بىلەن ھەل تېپىشى دۇرۇس بولىدۇ)، ئۇلار تىرىشىپ، ئىزدىنىپ توغرا ھۆكۈم قىلسا قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر خاتا كەتكەن تەقدىردىمۇ تىرىشچانلىقى ئۈچۈن بىر ئەجىر بېرىلىدۇ. [پەتىۋالار توپلىمى(33-توم 94-بەت].

     مانا بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزگەرمەس كەسكىن ھۆكۈملىرىدۇر. ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەسكىن ھۆكۈملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەتتە كەسكىن بېكىتىلگەن ھۆكۈملەر ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ھۆكۈملىرى مۇكەممەل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئومۇمى ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مۇتلەق بايان قىلىنغانلىرىنى بىر نەرسىگە ئالاقىدار قىلىدىغانلىقىنى ۋە بېكىتىلگەن ھۆكۈملەردىن بىرەر ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز. مەيلى مۇكەللىپلەرنىڭ ئومۇم ئەھۋالىدىن بولسۇن ياكى بەزىسىنىڭ خۇسۇسىي تەرەپلىرىدىن بولسۇن، مەلۇم زامان ئېتىبارى بىلەن بولسۇن ياكى مەلۇم ھالەت ئېتىبارى بىلەن بولسۇن، كەسكىن بېكىتىلگەن ھۆكۈمىدىن بىرەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمىگەن.

     بەلكى سەۋەپ دەپ  بېكىتىلگەن ھۆكۈم ئەبەدىي سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ، زامانلارنىڭ ئۆتىشى ۋە ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك دەسلەپتە شەرت بىلەن كەلگەن ھۆكۈم ئەبەدىي شەرت بولۇپ كېلىدۇ، پەرھىز-ۋاجىپ دەپ كەلگەن ھۆكۈم ئەبەدىي پەرھىز-ۋاجىپ بولىدۇ، مۇستەھەپ بولغىنى ئەبەدىي مۇستەھەپ بولىدۇ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ، ئۇ ھۆكۈملەر يوقالمايدۇ، ئۆزگەرتىلمەيدۇ ۋە ئالماشتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر شەرىئەت بەلگىلىمىسى چەكسىز دەپ قارالسا، ئۇ ۋاقىتتا ھۆكۈملەرمۇ شۇنىڭدەك چەكسىز بولىدۇ". [ئەلمۇۋاپىقات 1-توم 109-110-بەتلەرگە قارالسۇن].

     4- زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەتىۋالار ئۆزگىرىدۇ دېگەن ئىبارىلەرنى چۈشىنىش قائىدىسى ئىككى تۈرلۈك  ئىش بىلەن بولىدۇ:

     بىرىنچى: كەسكىن دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئەمەس بەلكى پەتىۋا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

     ئىككىنچى: پەتىۋادىكى ئۆزگىرىش سەۋەبى زامان ۋە ماكاننىڭ، بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايون ياكى دۆلەت ياكى مىللەت ئارىسىدىكى ئادەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بولىدۇ.

     ئىمام ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "زامان ۋە ماكاننىڭ، ئەھۋاللارنىڭ، نىيەت-مەقسەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە تۈرلۈك بولىشى بىلەن پەتىۋالارنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە ئۆزگىرىشى" دېگەن بۆلۈمدە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلغان. كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىبنى قەييۇمنىڭ "ئىئلام ئەلمۇۋەققىئىين" ناملىق ئەسىرى 3-توم 3-بەتتىن كىيىنكى بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن]. 

     تۆۋەندە بۇ ھەقتە بەزى مىساللارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

     1-چۈشۈپ قالغان ياكى تېپىۋېلىنغان نەرسە: بۇ نەرسىلەر شەھەر-رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقى، زامانلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە چۈشۈپ قالغان ياكى تېپىۋالغان نەرسىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بېكىتىلىشى، ئىگىسىگە تونۇتماستىن ئۆز مۈلكىگە قېتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار  بىر شەھەرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ بەلكى شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئەھۋالى پەرقلىق بولىدۇ، شەھەر-رايونلارنىڭ ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.

     2-پىتىر سەدىقىسى: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا 3 كىلو ئەتراپىدا يىمەكلىك بېرىشنى يولغا قويغان. ھەدىس شەرىپتە ئارپا ياكى خورما ياكى پىشلاق بېرىلىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.  ئەمما ھازىرقى دەۋىردە بۇ نەرسىلەر كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلاردا يىمەكلىك قىلىنمايدۇ. ئارپىنى چارۋىلارغا يىمەكلىك قىلىپ بېرىدۇ، خورما ئاساسلىق يىمەكلىك بولماستىن بەلكى ئىپتاردا ياكى باشقا سورۇنلاردا بىرەر تالدىن يېيىلىدۇ، پىشلاقنى ئاز ساندىكى كىشىلەر باشقىلار ئىستىمال قىلمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر قايسى يۇرتتىكى ئالىم-ئۆلىمالار مەزكۇر يۇرتتا يېمەكلىك قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېتىبارغا ئىلىپ، شۇ بويۇنچە پەتىۋا بېرىدۇ. بەزى يۇرتتا گۇرۇچ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزى يۇرتلاردا قوناق ياكى باشقا دانلارنى  بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (بەزى يۇرتلاردا قىممىتىنى بېرىشكە تەرغىب قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىدىكى رايونلاردا قىممىتىنى بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ).

     پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى كەسكىن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارىمۇ بەلگىلەنگەن. بېرىلىدىغان يىمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىختىلاپ كېلىپ چىققان. بۇنداق مىساللار، نىكاھ، تالاق، قەسەم ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى مەسىلىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. 

      ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆرپ-ئادەتلەر قانچىلىق يېڭىلانسۇن ياكى ئۆزگىرىپ كەتسۇن، سەن پۈتۈن ھاياتىڭ بويىچە كىتابنىڭ قۇرلىرىغا قاراپ قاتماللىق قىلماستىن بەلكى ئەمەلىي ۋەقەلىككە ماسلىشىشىڭ كېرەك. سىنىڭ يېنىڭغا باشقا بىر دۆلەت ياكى رايوندىن بىر كىشى كېلىپ پەتىۋا سورىسا، سەن ئۇ كىشىگە ئۆز يۇرتۇڭ ياكى دۆلىتىڭنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە پەتىۋا بەرمەستىن، بەلكى سەن ئۇنىڭ يۇرتى، يۇرتىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سوراپ شۇ بويىچە پەتىۋا بەرگىن، ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭ تۇرىۋاتقان يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە شۇ قاراشتىكى كىتاپ ئىبارىلىرى بويىچە پەتىۋا بەرمىگىن. مانا بۇ ئوچۇق ھەقىقەتتۇر.

     ئەھلى-ئىلىم بولغۇچى بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايون ياكى دۆلەت ياكى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە شارائىتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئېتىبارغا ئالماستىن، پەتىۋادا كىتابلاردىن يۆتكەلگەن ئىبارىلەرگىلا تايىنىۋېلىشى ئۇنى دىندا ئازغۇنلۇققا ئىلىپ بارسا، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ مەسىلىگە بولغان قارىشى ۋە مەقسەتلىرىنى ئېتىبارغا ئالمىغان بولىدۇ. مۇشۇ ئاساسقا تايانغاندا تالاقنىڭ قەسەملىرى، قۇل ئازات قىلىش ۋە ئوچۇق لەۋزى بىلەن كىنايە قىلىنغان لەپزىلەرنى بىرلەشتۈرۈش قائىدىسى چىقىرىلىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئوچۇق لەپزىلەر كىنايىگە ئۆرۈلگەندە نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا كىنايە لەپزىلەر ئوچۇق لەپزىگە ئۆرۈلىدۇ بۇ ۋاقىتتا نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ".  [ئەلپۇرۇق 1-توم 321-بەت].

     ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى قۇرلارنى يۆتكەپ بايان قىلغاندىن كېيىن، ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشلىرىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: "مانا بۇ ھەقىقى چۈشەنچىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، زامان-ماكانلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئەھۋاللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماستىن پەقەت كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ئىبارىلەر بويىچە پەتىۋا بەرگەن كىشى ئۆزىمۇ ئېزىپ كېتىدۇ ۋە كىشىلەرنىمۇ ئازدۇرىۋىتىدۇ، بۇنداق پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ دىندا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ياشىغان دەۋرىگە قارىماستىن پەقەت تىببى كىتابقا تايىنىپ كېسەل داۋالىغان دوختۇرنىڭ جىنايىتىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىرى جاھىل تىۋىپ يەنە بىرى جاھىل مۇپتىدۇر. ئالارنىڭ بىرى كىشىلەرنىڭ دىنىغا زىيان يەتكۈزسە يەنە بىرى بەدىنىگە زىيان يەتكۈزگۈچىدۇر.

     ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرىغا يېتەكلىسۇن. ["ئىئلام ئەلمۇۋەققىئىين"3توم 78-بەت].

     توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز     

           تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى