Sun 1 Saf 1436 - 23 November 2014
130828
رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى ئۆزى ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق تەييارلاشقا بۇيرىغانلىق توغرىسىدا
مېنىڭ ياتلىق قىلغان قىزىم بولۇپ، بىز رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قىزىم يولدىشى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى، قىزىمنىڭ يولدىشى دوستلىرى بىلەن ساياھەتكە چېقىپ، ئۇلارنى شەيتان ئازدۇرۇپ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزىسىنى بۇزۇپ يەپ-ئىچىپ يۈرۈپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندە قىزىمنىڭ يولدىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تاماق تەييارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، قىزىم يولدىشىغا تاماق تەييارلاپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئەگەر ماڭا تاماق تەييارلاپ بەرمىسەڭ تالاق قىلىمەن، دەپ قەسەم قىلىدۇ، قىزىممۇ ئۇنىڭغا تاماق تەييارلاپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىدۇ، مەن ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوغلۇمنىڭ ئايالىنى قىزىمنىڭ يولدىشىغا تاماق تەييارلاپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم، لېكىن كېلىنىممۇ دەسلەپتە ئۇنىمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنى مەجبۇرى تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇدۇم. كېلىنىم ياقتۇرمىغان ھالەتتە تاماق تەييارلىدى. قىزىمنىڭ يولدىشى يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماقنى يېدى. مەسىلە: بىز بۇ ئىش ئۈچۈن خاتالىق سادىر قىلغۇچى بولدۇقمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا بۇ خاتالىق ئۈچۈن قانداق كاپارەت كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     ھەقىقەتەن رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان ئۆزۈرلەردىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئېغىز ئىچىش چوڭ گۇناھ ۋە ئالاھىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر. ئەمما پىيادە ياكى ئۇلاغلىق 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا سەپەر قىلغان بولسا، ئۇ سەپەر  ئۆزۈر ھېسابلىنىپ ئۇ كىشىنىڭ ئېغىز ئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيى ياكى شەھەر ئەتراپىغا چىققان بولسا بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئېغىز ئىچىش چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، مەزكۇر كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا ياردەم بەرگەن كىشىمۇ گۇناھقا تەڭ شېرىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ۘوَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ﴾ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

     رامىزاندا شەرئى رۇخسەتسىز ئېغىز ئاچقۇچىغا تاماق تەييارلاپ بېرىش، چاي ياكى قەھۋە قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىشلار بىلەن ياردەم بەرگەن كىشى قەستەن روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.

      گەرچە توغرا بولمىغان ئىشقا ياردەملەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك.

      ئەمدى سۇئال سورىغۇچىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك: قېرىندىشىم! سىز قىزىڭىز ۋە كېلىنىڭىزگە ئاچچىقلىنىپ تاماق تەييارلاتقۇزغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ. سىز كېلىنىڭىزنى قىزىڭىزنىڭ يولدىشىغا تاماق تەييارلاشقا بۇيرۇپ خاتا ئىش قىلدىڭىز، ئەمما قىزىڭىز بۇ ئىشتا يولدىشىنىڭ سۆزىگە كىرمەي ناھايىتى ياخشى قىلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئېتائەت قىلىش-بويسۇنۇش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     قىزىڭىزنى يولدىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە كېسەللىك ياكى سەپەردىن ئىبارەت شەرئى رۇخسەتسىزلا تاماق تەييارلاشقا بۇيرىسا، قىزىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن-ھارام قىلغان ئىشتا يولدىشىغا ياردەم بەرمىگەنلىكى توغرا بولۇپ، گەرچە يولدىشى ئۇنىڭغا ئاچچىقلانسۇن ياكى تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالسۇن بۇنىڭ ھېچنېمىگە زىيىنى يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش دېگەن يولدىشىغا، دادىسىغا، پادىشاھقا ۋە باشقىلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئۈستۈن ۋە ئىلگىرى تۇرىدۇ.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا ئەمەس.» [شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دېگەن].

     ئۇ كىشى سەپەر قىلغۇچى ئەمەس، چۈنكى ئۇ قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغان. ھەقىقەتتە ئۇ ئۆيدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى كەسكىنلەشتۈرگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىگە روزا تۇتۇش بېكىتىلگەن. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. ئۇلار قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇشى لازىم بولىدۇ. (بۇ يەردىكى تۆت كۈندىن ئارتۇق دېگەن ھۆكۈم ھەنبەلى مەزھەب قارىشى، ئەمما ھەنەپى مەزھىپىدە مۇساپىرنىڭ روزىدا ئېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ياكى نامازنى قەسرى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى 15 كۈن دەپ قارىلىدۇ) ئەمما تۆت كۈن ياكى تۆت كۈندىن ئازراق تۇرىدىكەن، ئۇلار سەپەر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ روزا تۇتۇش بېكىتىلمەيدۇ، ئەمما قىيىنچىلىق بولمىغان ئاساستا روزا تۇتسا بولىدۇ. 

     ئەمما مۇساپىر تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن چېقىش ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىغا ئەگەشكەن ئاساستا روزا تۇتۇش تەلەپ قېلىنىدۇ. ئەسلىدە رامىزاندا روزا تۇتۇش كېرەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئېغىز ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا شەك قىلىنىدۇ.

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى ناملىق پروگراممىسى 3- توم 1266-بەت