جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قاتتىق كېسەللىك سەۋەبىدىن روزىسىنى بۇزغان كىشى خاتالاشقان بولامدۇ؟

سۇئال

ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، مۇسۇلمان قىزچاق ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، رامىزان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى قاتتىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىشقا تاس قالدى، شۇنىڭ بىلەن روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىۋەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قىز گۇناھكار بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ قىزچاققا گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئىنسانغا كېسەللىك يەتسە، روزا تۇتۇش قېيىن بولسا ئۇ ۋاقىتتا روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ شەرىئەتنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ  تەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى ياقتۇرمىغاندەك، ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلغانلارنى ياقتۇرىدۇ.

    ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، رۇخسەتكە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇ كىشى گۇناھكار بولماستىن بەلكى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! سىزنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن روزىنى بۇزغانلىقىڭىزغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ["پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 3-توم 1229-بەت].