Tue 7 DhQ 1435 - 2 September 2014
13206
ھەدىيس
نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دەلىل سۈپىتىدە قارىلىدۇ ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ھەدىيس بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )نەقىل قىلىنغان سۆزلەر، ھەركەتلەر، سۈپەتلەر ۋە ئىتراپ قىلىنغان نەرسىلەردۇر .
ھەدىيس بىر بولسا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرنى راستلايدۇ ، مەسىلەن ، ناماز ، زاكات قاتارلىقلار ، بىر بولسا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرگە ئومۇمى جەھەتتىن تەپسىلات بېرىدۇ ، مەسىلەن ، ھەر بىر نامازدىكى رەكئەت سانى، زاكات بېرىشنىڭ بوسۇغىسى(باشلىنىش نۇقتىسى) ، ھەجنىڭ تەپسىلاتى قاتارلىقلار . ئۇ يەنە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ ، مەسىلەن ، بىر ئايالنى ھاممىسى بىلەن بىرگە نىكاھىغا ئېلىشنى چەكلەش .
ئاللاھ قۇرئاننى ئەلچىسى مۇھەممەدكە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) چۈشۈردى ھەمدە ئۇنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈشكە بۇيرىدى ، ئۇ ئېيىتقاندەك :
« ، ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭ (ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ) ﺩﻩﭖ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . »
[ ھەسەلھەرىسى 16: 44 ]
پەيغەمبەرنىڭ ھەدىيسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كەلگەن ئىلھام(ۋەھىي) . ئاللاھ دەيدۇ :
« ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﯩﯖﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ) ﮔﯘﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﺷﻤﯩﺪﻯ (2). (ﺋﯘ) ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻳﺪﯗ (3). ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻫﻴﻨﯩﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . » [ يۇلتۇز 53 :2-4 ]
ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىنسانلارنى پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھەرقانداق تەڭرىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرىش ، ھەمدە جەننەتنىڭ خۇش-خەۋەرلىرىنى بېرىش ، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى :
« ﺋﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ! ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮔﯘﯞﺍﻫﭽﻰ، ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺗﭽﻰ، ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺗﺎﺋﻪﺕ- ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ) ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ . » [ قوشۇنلار(ئەھزاب) 33 : 45-46 ]
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇ ئۇممەتكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ، ئۇ ھەرقانداق ياخشى نەرسىنى بىلسىلا ئۇنى ئۇلارغا دەيىتتى ، ھەمدە ئۇ ھەرقانداق ناچار نەرسىنى بىلسىلا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇراتتى :
« (ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ!) ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ﭼﯧﻜﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ؛ ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ) ﻫﯧﺮﯨﺴﺘﯘﺭ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﺘﯘﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﺪﯗﺭ .» [ تەۋبە 9 : 128 ]
ھەربىر پەيغەمبەر پەقەت ئۆزىنىڭ خەلقىگىلا ئەۋەتىلگەن ، بىراق ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتتى :
«(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻩﻫىم-شەپقەت سۈپىتىدە ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ. » [ پەيغەمبەرلەر 21 : 107 ]
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)پەرۋەردىگارىدىن ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىلھامنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش لازىمدۇر . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئاللاھقا بويسۇنۇش :
« ﻛﯩﻤﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،..»
[ ئاياللار 4 : 80 ]
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بويسۇنۇش نىجاتلىق ۋە غەلبە قىلىشنىڭ ، ھەمدە بۇدۇنيا ۋە ئۇدۇنيادا بەخىت تېپىشنىڭ يولى :
« ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.»
[ قوشۇنلار 33 : 71 ]
شۇڭلاشقا بارلىق كىشىلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بوۇسۇنىشى كىرەك ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپېقىيتى ۋە نىجاتلىقى ئۇنىڭدىدۇر :
« ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﻫىم-شەپقەت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. »
[ ئىمران ئائىلىسى 3 : 132 ]
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەتسىزلىك قېلىدىكەن ، پەقەت ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزىدۇ . ئۇ ئاللاھقا قىلچىلىك زىيان زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ :
« ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .» [ ئاياللار4 : 14 ]
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا ، ھىچكىمنىڭ ئۇ توغىرسىدا تاللاش ھوقۇقى ياكى قارشى تۇرۇش ھوقۇقى يوق ؛ بەلكى ھەقىقەتكە بويسۇنۇشى ۋە ئىشىنىشى كىرەك :
« ﺍﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻫﯧﭻ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﻮﭘﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. »
[ قوشۇنلار 33 : 36 ]
بىر ئادەمنىڭ ئىيمانى تاكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى سۆيمىگىچە مۇكەممەل بولمايدۇ ، سۆيۈش بويسۇنۇشنى بىلدۈرىدۇ . كىمكى ئاللاھنىڭ ئۇنى سۆيۈشىنى ھەمدە ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىشىنى ئويلايدىكەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئەگىشىشى كىرەك :
« (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ سۆيسەڭلار، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰسۆيىدۇ، (ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ) ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ . » [ ئىمران ئائىلىسى 3 : 31 ]
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۆيۈش نوقۇل تەكرارلىنىدىغان سۆز ئەمەس بەلكى ئۇ ئەقىدە ۋە ھەركەتتۇر ، يەنى ئۇ بۇيرىغانغا بويسۇنۇش ، بىزگە ئېيىتقان نەرسىگە ئىشىنىش ، ئۇ چەكلىگەن نەرسىدىن ساقلىنىش ، ھەمدە ئۇ بەلگىلىگەندىن باشقا ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ساقلىنىش .
ئاللاھ بۇ دىننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ھەمدە ئاللاھ ئەلچىسى پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈپ بولغاندا ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كەتتى. ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇ ئۈممەتكە ھىچقانداق مۇجمەللىك بولمىغان ئىنىق دەلىلەرنى قالدۇردى . كىمكى ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كېتىدىكەن ، پەقەت ھالاك بولىدۇ :
« ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ (ﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ) ﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ ...»
[ داستىخان 5 : 3 ]
ئاللاھنىڭ پەزلى-كەرىمى بىلەن ، ساھابىلەر ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ) پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەدىسلىرىنى قوغدىدى ، ئاندىن ئۇلاردىن كىيىن كەلگەن توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر (سەلەف سالىھلار) ئۇلارنى كىتاپ قىلىپ تۈزدى ، ئۇلار سەھىيھلەر، سۈنەن ، ۋە مۇسنەد دىگەن ناملار بىلەن تونۇلدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ساغلاملىرى بولسا سەھىيھۇل بۇخارىي ، سەھىيھۇل مۇسلىم ، تۆت سۈنەنلەر ، ئىمام ئەھمەتنىڭ مۇسنىدى ۋە ئىمام مالىكنىڭ مۇۋەتتەسى قاتارلىقلار .
ئاللاھ بۇ دىننى مۇكەممەل قىلىپ بولدى . ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ھەرقانداق ياخشى نەرسىنى بىلسىلا ئۇنى ئۈممەتىگە ئۆگەتتى ، ھەمدە ئۇ ھەرقانداق ناچار نەرسىنى بىلسىلا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇردى . شۇڭا كىمكى دىنغا ھەر قانداق يېڭى نەرسىنى(بىدئەتنى) ياكى خۇراپاتلارنى ، مەسىلەن ، ئۆلۈكلەردىن تىلەش ،ئۇلارنىڭ قەبرىلېرىنى ئايلىنىش(تاۋاپ قىلىش) ، ياكى جىن ۋە ئەۋلىيالارغا دۇئا قىلىش(تىلەش)، ۋە باشقا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بېكىتمىگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدۇ ، قوبۇل قىلىنمايدۇ ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئېيىتقاندەك : « كىمكى بۇ ئىشىمىزدا(ئىسلامدا)ئۇنىڭ بىر قىسمى بولمىغان بىر نەرسىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدىكەن ، ئۇ رەت قىلىنىدۇ . » ( مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 1718 )
پېشىۋا مۇھەممەت بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ [ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى ] كىتابىدىن ئىلىندى .
 

www.islamqa.com