سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەر مەكتەپلەردىكى ئەخلاقسىزلىقلار سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ

132214

تارقاتقان ۋاقىت : 27-05-2014

كۆرگۈچىلەر : 3205

سۇئال

مەن دائىم يولدىشىم بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتىشتىن چەكلىمىسىمۇ ئەمما ھازىرقى مەكتەپلەر بالىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدۇ. دىنى جەھەتتىن بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا، بۇ قىيامەت كۈنى ئىنسان سوئال قىلىنىدىغان ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى (مەسئۇلىيەت ئىگىسى) سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر. ئىمام (ئەمىر) يولباشچىپادىچىدۇر، ئۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇلدۇر. ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئەھلىگە پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەۋلادلىرىغا پادىچىدۇر، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىگە مەسئۇلدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 853-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس]. (دېمەك؛ ھەر كىم ئۆز دائىرسى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ-م).

پەرزەنتلەرنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان بارلىقماددى ۋە مەنىۋىي ئىشلاردىن ساقلاش دادىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە ساغلام ئەخلاقىنى ھىمايە قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئىككىنچى: ئەسلىدە مۇسۇلمان كىشى بىر ئىشنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تەرىپىنى ئۆلچەپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆز قارىشىدا كۈچلۈك بولغان تەرىپىنى قوللىنىشى كېرەك.

ھەقىقەتەن مەكتەپلەرنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مەكتەپلەرنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلار مەكتەپلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلەرلىرىدىن شىكايەت قىلىدۇ، بۇ ئەمەلىي ۋاقىئە بولۇپ كۆپچىلىك مۇسۇلمان ئائىلىلەر بۇ رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. لېكىن مۇسۇلمان تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق بۇ سەلبىياتلارنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالايدۇ:

ئا-پەرزەنتلەرنى مۇھاپىزەت قېلىشتا ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن كۆپ دۇئا قىلىش كېرەك. چۈنكى دۇئا ئەۋلادلارنى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئاللاھ تائالا سالىھ كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا تەرجىمىسى: ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن، دەيدۇ. [سۈرە پۇرقان 82-ئايەت].

ئاتا-ئانىلارنىڭ سالىھ كىشىلەردىن بولۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئوپ-ئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنزٌ لَّهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَن يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنزَهُمَا رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَتەرجىمىسى: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ ھەققى بولغان خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدۇر. [سۈرە كەھپ 82-ئايەت].

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەندىنىڭ سالىھ بولىشى سەۋەبلىك ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكَانَ أَبُوْهُمُا صَالِحاً تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئېدى. يەنى ئۇلارنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىپ ياشىغان كىشىلەر بولغانلىقى سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەققى ساقلىنىپ قالدى". [جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم ناملىق ئەسەر 186-بەت].

ب- ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى، ساغلام تەلىم-تەربىيە ئىلىشى، شۇنداقلا مەكتەپ تەربىيەسىگىلا قاراپ تۇرماستىن ئائىلىدىمۇ ئەتراپلىق تەلىم-تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئاتىلارنىڭ بالىلىرىنى مەسچىتكە بىرگە ئىلىپ بېرىشى، قۇرئان كەرىم كۇرسلىرىغا، دىنى سۆھبەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىدە دىن سۆيگۈسىنى يىتىلدۇرۇشى لازىم بولغىنىدەك، ئانىلارنىڭمۇ ئائىلىدە قىزلارنىڭ تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ج-پەرزەنتلىرىنى ئىنچىكە كۈزىتىش ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى، مېھرىبانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى ۋە قىزىقتۇرۇش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بىرگە ئىلىپ بېرىشى لازىم.

د-بالىلارنىڭ دىنى مائارىپ تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلامى مەكتەپلەر بىلەن دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاللاپ بېرىش كېرەك. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇ تۈردىكى مەكتەپلەر كۆپلىگەن شەھەرلەردە تېپىلىدۇ. ئەگەر ئاتا خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقتىكى مەكتەپلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە قادىر بولالمىسا، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياخشىراقىنى كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، شۇنىڭغا بېرىشى كېرەك.

ھ- ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ ۋە مەھەللىدە مەسچىتتە، قۇرئان ياد قىلىش كۇرسلىرىدا ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئىچىدە ئىشەنچ قىلىدىغان ئەخلاقلىق بالىلار بىلەن ھەمراھ بولىشىغا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

و-ئاتا-ئانىلار بىرەر قىيىنچىلىق پەيدا بولغاندا، ئۆزلىرى بىلەن پەرزەنتلىرى ئارىسىدا بوشلۇق قويماسلىقى لازىم. پەرزەنتلەرگە بىرەر ئىش بولۇپ قالغان تەقدىردە، مەزكۇر ئىشنى تىزدىن ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلىشقا ئالدىرايغان شارائىت ھازىرلاش كېرەك. شۇنداقلا بۇ تەجرىبە ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن ئىشتۇر.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر، بۇ توغرىدا ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنتنىڭ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئىلىشى ۋە تەربىيىلىنىشىگە سەل قارىغان ۋە ئۇنى بوش قويۇۋەتكەنكىشىچوڭ خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىك بالىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئاتا-ئانىلىرىدۇر. يەنى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرنىبوش قويۇۋېتىپ، كىچىكلىكىدىن ئۇلارغا زۆرۈر بولغان دىنى بىلىملەرنى ئۆگەتمەسلىك سەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنىڭ كېلىچىكى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوللىرىدا زايا بولغان بولىدۇ". [تۆھپەتۇل مەۋدۇد 229-بەت-بەت].

شۇنداقلا بىرەرشەخس بالىسىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىشى زۆرۈر بولغاندا، بالىنىڭ ئىلىۋاتقان تەلىملىرىنىمۇ يوق قىلماستىن، مەزكۇر مەكتەپتىن چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئورنىدا مۇناسىپ بىر تەلىم تەربىيە مۇھىتى ھازىر قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپتىن تولۇق قايتۇرۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىراق ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلىقى سەۋەبى تۈپەيلى، مەكتەپتىن قايتۇرۇۋېلىنغان بالىلار كۆپۈنچە ھالدا، ئۆيدە تېلىۋېزۇر ئالدىدا ياكى كوچىدا لاغايلاپ يۈرۈش، جاھالەتتە ياشاش، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش بىلەن بولۇپ ھېچبىر ئىشنى ئاخىرغا ئىلىپ كېتەلمەيدۇ، بەلكى مۇنداق ئەھۋالدا پەرزەنتىنى مەكتەپتىن چەكلەپ قويغان كىشى ئۇلارغا قاتتىق زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاتىلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: بالىلارنى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىشتىن چەكلىمەسلىك كېرەك، مەكتەپنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى بولسا ئىمكان قەدەر بۇنى تۈزىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

سوئال سورىغان ھەمشىرىمىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، سىز ئاللاھ تائالادىن ئىشلىرىڭىزغا ياردەم سوراڭ، ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىڭ، يولدىشىڭىز بىلەن بۇ ھەقتە كۆپ سۆھبەتلىشىڭ، مۇلايىملىق بىلەن ۋە دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، توغرىنى بايان قىلىپ بېرىڭ. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىڭىز ئارىسىدىكى ياكى يولدىشىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەقىل-پاراسەتلىك، توغرا پىكىرلىك كىشىلەردىن ياردەم سوراڭ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىزنى، بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىلدىكى يامانلىقتىن مۇداپىئە قىلغۇچى ۋە ساقلىغۇچىدۇر.

توغرىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر.

مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى