سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەيتاننىڭ ئىنسانغا بولغان ئاداۋىتى

13308

تارقاتقان ۋاقىت : 25-09-2019

كۆرگۈچىلەر : 3926

سۇئال

شەيتان ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بىلىۋېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسماندىن قوغلىدى. شەيتان قىيامەت كۈنىگىچە ئاللاھنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە گىرىپتار بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ، وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِتەرجىمىسى: سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن دېدى. [سۈرە ساد 77-78-ئايەتلەر].

شەيتان ئاللاھ تائالادىن ئۆزىگە قىيامەت كۈنىگىچە مۆھلەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۆھلەت بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَ أَنظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ، قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنظَرِينَتەرجىمىسى: ئىبلىس: ‹‹ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) مۆھلەت بەرگىن›› دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ›› دېدى. [سۈرە ئەئراپ 14-15-ئايەتلەر].

شەيتان ھالاك بولۇش-يوقىلىشتىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن گەدەنكەشلىك قىلىپ، ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ،ثُمَّ لَآتِيَنَّهُم مِّن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَن شَمَائِلِهِمْ ۖ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ﴾تەرجىمىسى: «ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن›› [سۈرە ئەئراپ 16-17-ئايەتلەر].

شەيتان بۇ سۆزنى ئېيتقان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ﴿اذْهَبْ فَمَن تَبِعَكَ مِنْهُمْ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَاؤُكُمْ جَزَاءً مَّوْفُورًا،وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُم بِصَوْتِكَ وَأَجْلِبْ عَلَيْهِم بِخَيْلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكْهُمْ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ وَعِدْهُمْ ۚ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا ، إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ ۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلًا﴾تەرجىمىسى: بارغىن (ساڭا مۆھلەت بەردىم)، ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بالىلىرىدىن) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، (جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىشىڭ بىلەن) قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن-شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. [سۈرە ئىسرا 63-64-65-ئايەتلەر].

مانا بۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۆزىنىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىك ئاداۋىتىنى ئوچۇق ئېلان قىلدى. ئالدى بىلەن ئادەم ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، چەكلەنگەن-ھارام، ناچار قىلمىشلارغا قىزىقتۇردى، پەسكەشلىك ۋە پىسق-پۇجۇرغا بۇيرىدى، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنىڭغا ئالدىنىپ كەتتى. شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن گۇناھ-مەسىيەت، ھارام ئىشلارغا گىرىپتار بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ صَدَّقَ عَلَيْهِمْ إِبْلِيسُ ظَنَّهُ فَاتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقًا مِّنَ الْمُؤْمِنِينَتەرجىمىسى: ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى [سۈرە سەبەئ 20-ئايەت].

ئادەم ئەۋلادلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بىر-بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك، ئۆچ-ئاداۋەت، زىنا-پاھىشە ئىشلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى، ئاياللارنىڭ يىرىم يالىڭاچ بولۇپ يۈرۈشى، ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارغا يېقىنلىشىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىدىن بولۇپ، شەيتان بۇ رەزىل ئىشلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، بۇزۇقچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ، إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّـهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَتەرجىمىسى:ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟[سۈرە مائىدە 90-91-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا بىزنى شەيتانغا ئەگىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ [سۈرە نۇر21-ئايەت].

ئىنسان ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈگەندە، ئۇنىڭغا شەيتان ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئازغۇنلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا يىتەكلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا تەرجىمىسى: بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى (يەنى مۇسەللەت قىلغانلىقىمىزنى) بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ. [سۈرە مەريەم 83-ئايەت]

ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈپ، شەيتانغا ئەگىشىپ ماڭغانلار، ئۆزىنى ھالاك قىلىپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە چوڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِّن دُونِ اللَّـهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُّبِينًاتەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ [سۈرە نىسا 119-ئايەت].

شەيتان كىشىلەرنى ئازدۇرۇشتا تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، ئۇلارغا ناچار قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسۈتۈپ،ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ئۆزى بىلەن جەھەننەمگە بىرگە ئىلىپ كىرىدۇ. شۇنداقلا شەيتانغا ئەگەشكۇچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَعِدُهُمْ وَيُمَنِّيهِمْ ۖ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا ، أُولَـٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنْهَا مَحِيصًا تەرجىمىسى: شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ. [سۈرە نىسا 120-121-ئايەتلەر].

شەيتاننىڭ ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان دۈشمەنلىكى-ئاداۋىتى ئەزەلدىن تارتىپ بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ھاۋانى جەننەتتە تۇرغۇزدى، شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا خاتالىقنى زىننەتلەپ چىرايلىق كۆرسەتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام شەيتاننى راستچىل-سەمىمى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئاسىي بولدى، ئاللاھ ئادەمنى جەننەتتىن چىقاردى، ئاندىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تائالا بىزنى شەيتانغا ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُم مِّنَ الْجَنَّةِ تەرجىمىسى: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن. [سۈرە ئەئراپ 27- ئايەتنىڭ بىرقسمى].

شەيتان ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ئاداۋىتىنى ئاشكارا قىلغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا ۚ إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ تەرجىمىسى: شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ. [سۈرە پاتىر 6-ئايەت].

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن قەلبىمىزدە گۇناھ مەسىيەتكە يىقىنلىشىش ئىستىكى تۇغۇلغان ھامان، ئاللاھ تائالادىن شەيتاننىڭ يامانلىق ۋە ئازدۇرۇشىدىن ھىمايە قىلىشىنى تىلەپ ئۆزىگە سېغىنىشىمىزنى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّـهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُتەرجىمىسى:ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە پۇسسىلەت 36-ئايەت].

قىيامەت كۈنى راستچىللىق، سەمىمىيەت ۋە ئادالەتنىڭ كۈنىدۇر، بۇ كۈندە شەيتان ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق-راست ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنىڭ بولسا، يالغان، كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلىنماستىن پەقەت ئەگەشكەن كىشىلەرگە مالامەت قىلىنىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتانغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّـهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ إِلَّا أَن دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنفُسَكُم ۖ مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنتُم بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌتەرجىمىسى: ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەيدۇ. [سۈرە ئىبراھىم 22-ئايەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: www.islamqa.com