13480: رامزان ئېيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى


رامىزان ئېيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە روزا تۇتۇشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

Published Date: 2016-05-22

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

رامىزان ئېيى ھىجىرىيە كالېندارىدىكى ئەرەبچە 12 ئاينىڭ بىرى بولۇپ ئىسلام دىنىدا ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىدىغان، بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقا ئايلاردىن پەۋقۇلئاددە پەرقلىنىدىغان ئاي بولۇپ، بۇ ئاي تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە   ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:

1- ئاللاھ تائالا بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى ئىسلامنىڭ تۆتىنچى ئاساسى قىلىپ بېكىتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن ..» بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت» . بۇخارىي بىلەن مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئىسلام بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش».

2- بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى رامزاندا نازىل قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق.»

3-ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق تۇرىدىغان شەبى قەدىر كېچىسىنى رامىزان ئېيىدا قىلدى . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىردە نازىل قىلدۇق، شەبى قەدىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ، شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنىچ-ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر .» سۈرە قەدەر 1-5- ئايەتكىچە. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: « بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق.» دۇخان سۈرىسى3-ئايەت. ئاللاھ تائالا رامزاننى شەبى قەدرى كېچىسى بىلەن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدى،  بۇ مۇبارەك كېچىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ قەدەر سۈرىسىنى نازىل قىلدى. شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى . ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە رامزاندىن ئىبارەت  مۇبارەك ئاي يېتىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى . بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلارغا كىشەن-تاقاق سېلىنىدۇ. بۇ ئايدا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بىر كېچە بولۇپ، ئۇ كېچە شەرەپ-پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق، بۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشى بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ.» [نەسائىي 2106-، ئەھمەد 8769- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىس دەپ بېكىتكەن]. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى قەدىر كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

4- ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا ئۆزىگە ئېشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتۇپ-ناماز ئوقۇشنى بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم بولىشىنىڭ سەۋەبى قىلدى. بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». «كىمكى رامزاننىڭ كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» ( بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ).

بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى رامزاننىڭ كېچىلىرىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.

5- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا رامزاندا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋاتىدۇ . شەيتانلارغا تاقاق-كىشەن سېلىنىدۇ . بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : «رامىزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ».

6- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا رامزاننىڭ ھەر كېچىسى دوزاختىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازات قىلىدۇ. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى ئىپتار ۋاقتىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]. ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا رامزاننىڭ ئېيى ئىچىدە دوزاختىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازات قىلىدۇ. رامزاندا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ .» [بەززار رىۋايەت قىلغان].

7-ھەقىقەتەن رامىزان روزىسى رامزاندىن بۇرۇنقى كېچىك گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك، رامىزان روزىسى يەنە بىر رامىزانغىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلار ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

8- رامىزان ئېيىدا تۇتقان روزا باشقا ئون ئايلىق روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر كېلىدۇ، ئەبى ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىدىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئىگە بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتسا ئون ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا، روزى ھېيتتىن كىيىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا بىر يىل تولۇق روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئىگە بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان].

9- كىمكى رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن ئوقۇپ بىرگە يانسا بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ . ئەبى زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىپ، مەسچىتتىن ئىمام بىلەن بىللە چىقىدىكەن، كېچىچە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇغان بىلەن باراۋەردۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان].

10- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلسا ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ . ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ئايالغا: «بىز بىلەن بىرگە ھەج قىلمامسىز؟ دېگەندە، ئۇ ئايال: بىزنىڭ سۇ تارتىدىغان ئىككى تۆگىمىز بار، يولدىشىم بىرىگە مېنىپ ھەجگە بارىدۇ، بىرىنى سۇ تارتىشقا ئىشلىتىمىز دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: رامىزان ئېيى كەلسە ئۆمۈر قىلىۋېلىڭ، رامزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەجگە باراۋەر بولىدۇ دېدى .» يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ دېدى.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

11- رامىزان ئېيىدا ئېتىكاپ قىلىش سۈننەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم شۇنداق قىلاتتى . ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى : «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھغا ئۇچراشقانغا قەدەر ھەر يىلى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈننىتىنى داۋاملاشتۇرغان.» [بۇخارىي 1922-، مۇسلىم 1172-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

12-رامىزان ئېيىدا قۇرئان-كەرىمنى دەرسلىك قىلىش ۋە كۆپ ئوقۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ياخشى ئىشلارنىڭ بىرىدۇر . دەرسلىك قىلىش دېگەنلىك: ئوقۇغانلىرىنى باشقىلارغا تىڭشىتىش ۋە باشقىلارنىڭ ئوقۇغانلىرىنىمۇ تىڭشاپ قويۇشتىن ئىبارەت، بۇنىڭ دەلىلى: « جىبرئىيل ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ھەر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ رەسۇلۇللاھتىن قۇرئان تىڭشايتتى.» [بۇخارىي ۋ ە مۇسلىم رىۋايىتى]. دائىم قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇش ياخشى بولسىمۇ بۇ رامزاندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

13-  رامزاندا روزى تۇتقۇچىلارغا ئىپتارلىق بېرىش ياخشى ئىشلاردىندۇر. زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ .» [بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 807-، ئىبنى ماجە 1746- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ بېكىتكەن].

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments