سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج، كاپارەت ۋە قەرز قاتارلىق ئادا قىلىش ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى كەتكۈزمەيدۇ

سۇئال

ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۆتكەن يىلى مەن ئۈچۈن ھەج قىلىش پۇرسىتى بولدى، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە: ساغلام ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ دېگەن، مۇسۇلمان پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ھەجدىن ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىكىدەك گۇناھسىز قايتىدۇ. مېنىڭ سوئالىم: مەن ئۆتكەن ئىككى يىلدا رامزاندا تۇتالمىغان روزام بار ئىدى، مەن بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىپ تۇتالمىغان روزىنى تولۇقلايمەنمۇ ياكى ھەج قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالا مېنى ئەپۇ قىلىپ، تۇتالمىغان روزام مەندىن ساقىت بولامدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ كۆپ ئەجرى بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەجنىڭ پەزىلىتى توغرىدا شۇنداقلا ھەج قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىپ، خاتالىقلىرى كەچۈرۈلۈپ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان بوۋاقتەك گۇناھتىن پاك قايتىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى. بۇنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن 34359- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان ئەجىر-ساۋاب ۋە پەزىلەت سەۋەبلىك، ئادا قىلىش ۋاجىپ بولغان ھەق-ھۆقۈقلارمۇ ساقىت بولىدۇ دېگەن مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ. كاپارەت، نەزىر، ئادا قىلىنمىغان زاكات، تۇتالمىغان روزا قاتارلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرى بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەرگە بېرىشكە تىگىشلىك بولغان قەرز بولسۇن بۇنىڭ ھېچ بىرىھەج ئارقىلىق بىكار قىلىنمايدۇ. بۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر.

مىسالغا ئالساق: بىر كىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى رامزاندا روزا تۇتالمىدى، ئاندىن قازا روزىنى تۇتماستىن ھەج قىلغان بولسا، ئۇ كىشىدىن تۇتالمىغان رامىزاننىڭ روزىسى ئەپۇ قىلىنمايدۇ، پەقەت ھەج قىلىش سەۋەبىدىن قازا روزىنى روزىنى ئادا قىلىشنى كىچىكتۈرگەنلىكنىڭ گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئەمما تۇتالمىغان روزىسى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

دۇمەيرى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامىنڭ «كىمكى پىسق-پۇجۇر قىلماي، گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىپ ھەج قىلىدىكەن ئۇ كىشى، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىكىدەك گۇناھسىز قايتىدۇ،» دېگەن ھەدىسى سەھىھ بولۇپ، بۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھ-مەسىيەتكە ئالاقىدارلىق، ئەمما شەخسلەرگە ئالاقىدار بولغان ھەق-ھوقۇقلار ھەج قىلىش سەۋەبلىك ساقىت بولمايدۇ. شۇنىڭدەك تۇتالمىغان روزا، ئادا قىلىنمىغان كاپارەت ۋە ناماز قاتارلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىدىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتلەر ساقىت بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەق بولۇپ، گۇناھ ئەمەس، پەقەت بۇ ئەمەللەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغاننىڭ گۇناھى ھەج قىلىش بىلەن ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەگەر ھەج قىلىپ قايتقاندىن كىيىن مەزكۇر قازا روزىنى تۇتماستىن يەنە كېچىكتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىدىن گۇناھ يېزىلىدۇ.گۇناھ مەسىيەت ئارىلاشماي ئادا قىلىنغان ھەج بىلەن خاتالىقلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، ھەق-ھوقۇقلار ساقىت بولمايدۇ." تۈگىدى. ["كەشپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 2-توم 522-بەت].

ئىبنى نۇجىيم رەھىمەھۇللاھ "بەھرى ئەررائىق" ناملىق ئەسىرى 2-توم 364-بەتتە، ھەجنىڭ چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىختىلاپنى بايان قىلغاندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: "سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ئىجتىھادى مەسىلە بولۇپ، ھەج ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان چوڭ گۇناھلارغا كاپارەت بولمىغان يەردە، شەخسلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەلۋەتتە بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ. بىز ھەممىگە كاپارەت بولىدۇ دېسەك، بۇنىڭ مەنىسى بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك؛ ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان قەرز، ئوقۇيالمىغان ناماز، تۇتالمىغان روزا ئادا قىلىنمىغان زاكات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساقىت بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى دىنى ئالىملاردىن ھېچ كىشى بۇنداق دېمىدى. بۇنىڭ بولغان مەقسەت ۋاقتىدا ئادا قىلماي كىچىكتۈرگەننىڭ گۇناھىغا كاپارەت بولىدۇ. ئەگەر ئەرەپات مەيدانىدا تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە قەرزنى ئادا قىلماي كېچىكتۈرسە، ئۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن يەنە گۇناھكار بولىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىدا ئادا قىلمىغان بولسا ھەج قىلىش بىلەن كېچىكتۈرگەنلىك گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ ئەمما قازاسىنى قىلمىغۇچە ناماز ساقىت بولمايدۇ. ئەرەپاتتا تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تىزدىن قازاسىنى قىلمىسا ئۇ كىشى يېڭىدىن يەنە گۇناھكار بولىدۇ. باشقا ئەمەل-ئىبادەتلەرمۇ بۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ. ئومۇمەن: ئەھلى -ئىلىملەردىن ھېچ بىر كىشى ھەجنىڭ پەزىلىتى توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەج قىلىش بىلەن ھەممە ئىش يۇيۇلۇپ كېتىدۇ، دېمىدى" تۈگىدى.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز ئادا قىلمىغان رامىزان روزىسىنى تۇتقاندىن كىيىن، مەزكۇر ئىبادەت سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ساقىت بولىدۇ، بولمىسا ئۈستىڭىزدە قەرز بولۇپ تۇرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار