سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قانداق قىلغاندا بالىلارنى روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ توققۇز ياشلىق بالام بار، ئوغلۇم ئۆتكەن يىل ئون بەش كۈن روزا تۇتتى، ئوغلۇمنى بۇ يىل رامىزاننى تولۇق روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا بۇ توغرىدا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: مۇشۇنداق سوئاللارنى كۆرۈش بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ، مانا بۇ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىقىغا بولغان سەمىمىيىتىدۇر.

ئىككىنچى: توققۇز ياشلىق ئوغۇلنى ئىسلام شەرىئىتى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇمايدۇ، چۈنكى ئۇ بالا بالاغەتكە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىلارغا ئەۋلادلارنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ياراملىق تەربىيىلەشنى، ئۇلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشنى ئۈگىتىش، ئون ياشقا كىرىپمۇ ناماز ئوقۇمىسا ئۇلارنى ئەدەپلەشكە بۇيرىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ پەرزەنتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ناماز-ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئۇلۇغ، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرەتتى، بۇنىڭ ھەممىسى پەرزەنتلەرگە ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئېسىل، ئەخلاق-پەزىلەتلىك قىلىپ يېتىلدۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەتتۇر.

بالىلارنى نامازغا بۇيرۇش توغرىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەرزەنتلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا، ئۇلارنى ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئۇخلايدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىم قىلىپ بېرىڭلار. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 495-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

بالىلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا، رەبىئە بىنت مۇئەۋۋىز ئىبنى ئەفرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى) ئەتتىگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەنسارىلار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىلەرگە خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ: بۈگۈن روزا تۇتقان كىشىلەر، تۇتقان روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن، روزا تۇتمىغانلار بولسا كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يىمەي روزىدار ھالەتتە بولسۇن، دېدى. بىز شۇنىڭدىن كىيىن روزا تۇتتۇق، كىچىك باللىرىمىزمۇ روزا تۇتتى، بىز ئۇلارنى مەسچىتكە ئىلىپ بېرىپ ئۇلارغا يۇڭدىن ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى تەييارلايتتۇق، ئۇلار يېمەكلىك تەلەپ قىلىپ يىغلىسا، شۇ ئويۇنچۇقلاردىن بېرىپ يىغىسىنى پەس قىلاتتۇق، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا يېمەك بېرەتتۇق. [بۇخارى رىۋايىتى 1960-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1136-ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامزاندا مەس بولۇپ قالغان كىشىنى: ئېسىت ساڭا! بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز روزا تۇتىۋاتىدۇ دەپ تاياق بىلەن ئەدەپلەيتتى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى كىچىك بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشى دېگەن بۆلۈمگە ئالاقىدار قىلىپ بايان قىلغان].

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا روزا تۇتۇشنى تەلىم بېرىش ۋاقتى پەرزەنتلەرنىڭ روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان يىشىدۇر. بۇ ياش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى پەرقلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولىدۇ.بەزى ئۆلىمالار بۇ ياشنى ئون ياش دەپ بېكىتكەن. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 65558- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۈچىنچى: ئەمما بالىلارنى روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ۋاستىلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر:

1-روزىنىڭ ساۋابى، پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىش ۋە جەننەتتە مەخسۇس روزىدارلار كېرىدىغان رەييان ئىسىملىك بىر ئىشىكنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.

2-رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن شەئبان ئايلىرىدا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە كۈندىن روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا رامىزان ئېيى كەلگەندە ئۇشتۇمتۇتلۇق ھېس قىلمايدۇ.

3-كۈندۈزنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىغىچە روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈپ ئاستا-ئاستا ۋاقىتنى ئۇزارتىش.

-4سوھۇرلۇق يېيىشنى كېچىنىڭ ئاخىرغا كېچىكتۈرۈش كېرەك، بۇمۇ ئۇلارنىڭ كۈندۈزى روزا تۇتۇشىغا ياردەمچە بولىدۇ.

-5ھەر كۈنى ياكى ھەر ھەپتىدە مەلۇم ماددى مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

6-ئائىلە ئەزالىرى ئىپتار قىلغاندا، سوھۇرلۇق يېگەندە بالىلارنى روزا تۇتقانلىقىنى ماختاپ قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ.

7- ئەگەر بىر قانچە پەرزەنت بولسا، ئۇلارنى ئۆز-ئارا مۇسابىقە قىلدۇرۇش، كىيىن قالغانلارنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك.

8- بالىلارنىڭ قورسىقى بەك ئىچىپ كەتسە، ئۇلارنى ئۇخلىتىش ياكى ئۇلارنى چارچاتمايدىغان ئويۇنلارغا مەشغۇل قىلىش كېرەك، ساھابىلارمۇ بالىلىرىغا شۇنداق قىلغان. شۇنىڭدەك بالىلارغا خاس پروگراممىلار ياكى ئىسلامى كارتۇن فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

9- ئاتا بولغۇچى ئوغلىنى مەسچىتكە بىرگە ئىلىپ بېرىشنى ئادەت قىلىۋېلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىدىن كىيىن مەسچىتكە بېرىپ دەرس ئاڭلاش، مەسچىتتە ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇش.

10- بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىلىپ، كۈندۈزدە ياكى كەچ تەرەپلەر مەخسۇس كىچىك بالىلار روزا تۇتىدىغان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش كېرەك.

11- ئىپتاردىن كىيىن ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىت سەيلە قىلدۇرۇش، كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئۇلارغا كۆڭلى خالىغان يىمەكلىك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى ، مېۋە سۈيى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىلىپ بېرىش.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بالىلار كۈننىڭ ئۇزۇن، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولىشى سەۋەبىدىن ئىپتار بولغۇچە تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان، بەك چارچاپ كېتىدىغان، سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغان ياكى شۇ سەۋەپتىن ئىبادەتنى ئۆچ كۆرىدىغان ھالەتلەر كۆرۈلسە، ئۇلارغا تېخى روزا تۇتۇش پەرز بولمىغانلىقى سەۋەبلىك (ئۇلارنى روزىغا ئادەتلەندۇرۇش باسقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىقلىق قىلماي)،ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش كېرەك.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى