سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزان كۈنلىرىنى تۈرلۈك مۇسابىقە، كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بەزى روزىدارلار رامىزان كۈنلىرىنى كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش، قەرت، شاھمات ئويناش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

روزىدار ياكى باشقا مۇسۇلمانلار بولسۇن ھەممە ۋاقىت ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ناچار ئىشلار ئاشكارا بولىدىغان فىلىملەر، يالىڭاچ ۋە يىرىم يالىڭاچ سۈرەتلەر، ناچار تېمىلار يېزىلغان ماقالىلار شۇنداقلا كىشىلەرنى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىغان ناخشا-مۇزىكا ۋە رەسىملەرنى كۆرمەسلىكى كېرەك. مۇسۇلمان روزىدار بولسۇن ياكى روزا تۇتمىغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن قەرت، دامكا، شاھمات، ناخشا-مۇزىكا، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق ئويۇن ۋاسىتىلىرىدىن ھەزەر قىلىشى، كۆرۈش ۋە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى بۇنداق ئىشلار قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىشى، كېسەل بولىشى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلماسلىقى، ئاللاھ تائالا جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بۇيرىغان نامازغا سەل قاراش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماسلىق، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن ساقلانماسلىق قاتارلىقلار ئىشلارغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّـهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَـٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ . وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍتەرجىمىسى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئى مۇھەممەد! ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. [سۈرە لوقمان 6-7-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا سۈرە فۇرقاندا سالىھ بەندىلىرىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًاتەرجىمىسى: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. [سۈرە فۇرقان 72-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتىكى الزُّورَيالغان گۇۋاھلىق دېگەن سۆز چەكلەنگەن-مۇنكەر ئىشلارنىڭ ھەممە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى گۇناھ-مەسىيەت ئورۇنلىرىغا ھازىر بولمايدۇ دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە ناخشا-مۇزىكىنى ھالال دەپ قارايدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى ھارام قىلدى، ئەلۋەتتە چەكلەنگەن فىلىملەرنى كۆرۈش، تىلۋېزۇر ئىكرانىدىن ناچار يىرىم-يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرۈشمۇ چەكلەنگەن-ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن بولۇپ، بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش كېرەك. بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن كىشى ھارام ئىشلار سادىر قىلىنسىمۇ ئۇنى ئىنكار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئىشلاردىن ساقلىسۇن. .

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 158-بەت