پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

زاكاتنى رامىزانغىچە كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ

سۇئال

رامىزاندىن بىر ئاي بۇرۇن ماللىرىمنىڭ زاكىتىنى بېرىدىغان ۋاقىت كەلگەن بولۇپ، رامزاندا ئايرىغان زاكاتنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن زاكاتنى كېچىكتۈرۈپ رامىزاندا ئايرىسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مال ئىگىسى ئۈچۈن يىل توشقاندىن كېيىن دەرھال مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ، يىل توشقاندىن كېيىن زاكاتنى ئايرىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ئۇنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ  تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. [سۈرە ئال-ئىمران 133-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  سَابِقُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ  تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر. [سۈرە ھەدىد 21-ئايەت].

    چۈنكى ئىنسان زاكاتنى كېچىكتۈرگەندە ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارغا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەگەر ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيەت قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

     چۈنكى كەمبەغەللەرنىڭ ئىھتىياجى ئۇ زاكاتقا ئالاقىدار بولۇپ، زاكاتنى يىل توشقاندىن كېيىن ئادا قىلماي كېچىكتۈرسە، كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 187-بەت].

     دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: بىر كىشى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇپ، رەجەپ ئېيىدا زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت توشقان بولسا، ئۇ كىشى زاكاتنى كېچىكتۈرۈپ رامىزاندا ئادا قىلسا توغرىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى بۇ يىل رەجەپ ئېيدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مالغا ئىگە بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە كېلەر يىلى رەجەپ ئېيىدا زاكاتنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەمبەغەللەرنىڭ مالغا بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ مالغا ئىگە بولۇپ يىل توشۇشتىن ئىلگىرى رامىزان ئېيىدا مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىسا توغرا بولىدۇ، ئەمما رەجەپ ئېيىدا زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت توشسا، ئۇ ۋاقتىدا زۆرۈر بولغان زاكاتنى ۋاقتىدا ئايرىماي ئۇنى رامزانغا كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"9-توم 392-بەت].

   9-توم 395-بەتتىكى يەنە بىر پەتىۋادا: قۇرئان-ھەدىستە زاكاتنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئالدىراش توغرىسىدىكى دەلىللەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، زاكاتنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان كىشى شەرئى ئۈزۈرسىز زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي كېچكتۈرسە گۇناھكار بولىدۇ دېيىلگەن.

    9-توم 398-بەتتىكى يەنە بىر پەتىۋادا: يىل توشقاندىن كېيىن شەرئى ئۈزۈر بىلەن يەنى يىل توشقاندا كەمبەغەللەرنىڭ تېپىلماسلىقى، زاكات ماللىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك ۋە مالنىڭ يوقاپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەپلەرسىز زاكاتنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولىدۇ، ئەمما پەقەت رامزاندا ئادا قىلىمەن دەپ زاكاتنى ئادا قىلىشنى كېچكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ئەمما زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت شەباننىڭ يېرىمىدا توشقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بىر-ئىككى ھەپتە كېچىكتۈرۈپ زاكاتنى رامزاندا ئايرىسا بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى