Mon 18 Shw 1436 - 3 August 2015
13990
ھارام ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان ياش تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ
مەن پاسىق، كاپىر، مەن ئۆزەمنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق قىلمىشلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن نامازمۇ ئوقۇمايمەن، ئۇستازلاردىن مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى يەنى تەۋبە قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى سورايمەن؟.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ . وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار.» [سۈرە زۇمەر 53-54-ئايەت].

    سىزنىڭ سوئالىڭىزنى كۆردۈم، سىزنىڭ بارلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ، شۇنداقلا ھەممە خاتالىقنىڭ باشلىنىشى بولغان نامازنى تەرك قىلىش قىلغان تۇرۇقلۇق، قىلمىشلىرىڭىزغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىشقا ھېرىسمەن بولغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. مۇھىم بولغىنى، ئى ياش يىگىت! بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، سىز  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئايەتنى ياخشى ئويلىنىڭ، مەن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە قانداق تەۋبە قىلىش توغرىسىدا ئوچۇق، ئەمەلىي يوللارنى بايان قىلىپ بېرىمەن: تەۋبە قىلىش؛ ئىنتايىن كۆپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى سۆز بولۇپ ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك، ئاغزاكى سۆزلەپ ئاندىن خاتالىقنى داۋاملاشتۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس. سىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى ئويلىنىپ بېقىڭ: ﴿وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار.» [سۈرە ھۇد 3-ئايەت].

     بۇ ۋاقىتتا تەۋبىنىڭ ئىستىغپاردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.                                          چۈنكى كاتتا ئىشلارنىڭ مەلۇم شەرتلىرى بولىدۇ، ئالىملار تەۋبە قىلىشنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئىلىنغان بەزى مۇھىم شەرتلىرىنى زىكىر قىلدى. تۆۋەندە بۇنىڭ مۇھىملىرىدىن بەزىسىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:                                         

    بىرىنچى: گۇناھتىن تىزدىن قول ئۈزۈش.

    ئىككىنچى: قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش.

    ئۈچىنچى: مەزكۇر گۇناھنى قايتا تەكرارلىماسلىققا بەل باغلاش.

    تۆتىنچى: باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان ياكى تۆھمەت قىلغان ئىشلار بولسا ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش. 

   بۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى تەۋبە قىلىشتا مۇھىم بولغان ئىشلار بولۇپ بۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەك:

    بىرىنچى: گۇناھ، خاتالىقلارنى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەرك قىلىش، باشقا مەقسەت بولماسلىق، (يەنى ئۇ گۇناھنى قىلىشقا قادىر بولالماسلىق ياكى ئۇنى داۋاملاشتۇرالماسلىق ياكى كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن ئەنسىرەش قاتارلىقلار خالى بولۇش). گۇناھنى ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاپ قىلىش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى قوغداش ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ تەرك قىلغان كىشى گۇناھتىن ھەقىقى تەۋبە قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭدەك گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى، سالامەتلىكى ئۈچۈن تەرك قىلغان بولسا، يەنى زىيا-پاھىشەنى ئەيدىزگە ئوخشاش كېسەللىكتىن ياكى ئاجىزلاپ قىلىشتىن ياكى ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تەرك قىلغان بولسا ئۇ كىشى گۇناھدىن ھەقىقى تەۋبە قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭدەك پارا ئىلىشقا قارشى تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن ئەنسىرەپ پارا ئېلىشنى تەرك قىلغان كىشىمۇ خاتالىققا تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. پۇل-ماللاردىن ئايرىلىپ قىلىپ ھاراق ۋە چېكىملىكنى تەرك قىلغان كىشىمۇ گۇناھدىن تەۋبە قىلغان ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن گۇناھ-مەسىيەت قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىمۇ، مەسىلەن: يالغانچى-كاززاپ ئادەم پالەچ بولۇپ سۆزلەشتىن قالسا، زىناخور كۈچىدىن قىلىپ زىنانى تەرك قىلسا، ئوغرى بىرەر ھادىسىگە ئۇچراپ ئوغرىلىق قىلالمىسا، بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ھەقىقى تەۋبە قىلىش ئۈچۈن  قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئارزۇ قىلماسلىق، قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلانماسلىق كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش تەۋبە قىلغانلىقتۇر.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 6802-نومۇرلۇق ھەدىس].

    ئىككىنچى: گۇناھ-مەسىيەتنىڭ قەبىھ ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن ئۆتكەنكى خاتالىقلارنى ئەسلەپ ياكى كەلگۈسىدە شۇنداق قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ خۇرسەن بولۇش ۋە لەززەتلىنىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "كېسەللىك ۋە ئىلاج" ناملىق ئەسىرىدە، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ زىيانلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قىلىش، قەلبنىڭ يالغۇزلۇقى، ئىشلارنىڭ قىيىن بولىشى، بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى، تائەت-ئىبادەتتىن مەھرۇم قىلىش، بەرىكەتنىڭ يوق بولىشى، توغرا يول تاپالماسلىق، دىلنىڭ سىقىلىشى، تولا ئۇنتۇلۇپ قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتكە ئادەتلىنىش، گۇناھكارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلىشىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىشى، جانلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇنىڭغا لەنەت قىلىشى،  دائىم خار بولىشى، قەلبىنىڭ پىچەتلىنىشى ۋە لەنەتگەردى بولىشى، دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولماسلىقى، ھەريەردە بۇزۇقچىلىق قىلىشى، مەھرەملىرىنى ياتلاردىن كۈنلىمەسلىك، ھاياسىزلىشىپ كېتىشى، نېمەتنىڭ يوقىلىشى، ئازابنىڭ چۈشىشى، گۇناھكارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ چۈشىشى، شەيتاننىڭ تورىغا چۈشىشى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مېنۇتلىرىدا ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىشى ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    گۇناھنىڭ زېيانلىرىنى تونىغاندىن كىيىن بۇ ئىشلار سىزنى گۇناھ-مەسىيەتتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرىدۇ.بەزى كىشىلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر گۇناھتىن چەتنەپ يەنە بىر گۇناھقا يۈزلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى:

    ئۇ كىشىنىڭ قارىشىدا بۇ گۇناھنىڭ جازاسى يەڭگىلرەك دەپ قارالغانلىقتىن، ئىنساننىڭ نەپسى ئۇنى قىلىشقا مايىل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان شەھۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ گۇناھنى قىلىش شارائىتى قولايلىق ۋە باشقا گۇناھقا نىسبەتەن ھېچ تەييارلىق كەتمەيدۇ، ئۇنى قىلىشنىڭ ھەممە سەۋەبلىرى تولۇقلانغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ دوستلىرى، يېقىنلىرى مەزكۇر گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلىش قېيىن بولىدۇ. مەلۇم گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇ كىشىنى دوستلىرى ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئابرۇيدىن ئايرىلىپ قىلىش قىيىن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    ئۈچىنچى: تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشىڭىز كېرەك، چۈنكى تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ تەۋبە قىلىش كېرەك بولغان گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

    تۆتىنچى: ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىلگىرى ئادا قىلالمىغان ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرى بولسا، (زاكاتقا ئوخشاش) ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئۇ پەقىر-يوقسۇللارنىڭ ھەققىدۇر.

    بەشىنچى: ئىلگىرى گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغان ئورۇندىن ئايرىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ ئۇ ئورۇندا بولىشىڭىز، قايتا گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىشىڭىزغا سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

    ئالتىنچى: سىزگە گۇناھ-مەسىيەت قىلىشتا ياردەملەشكەنلەردىن ئايرىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ كۈندە دوستلار بىر- بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان تەقۋادارلارلا ئۇنداق ئەمەستۇر.» [سۈرە زۇخرۇپ 67-ئايەت]. 

    قىيامەت كۈنى ناچار دوستلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە لەنەت قىلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبە قىلغۇچى ئى يىگىت! سىز ئۇلاردىن ئايرىلىڭ، ئالاقىڭىزنى ئۈزۈڭ، ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىشتىن ئاجىز كەلسىڭىز، شەيتانغا قارشى تۇرالمىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا شەيتان سىزنىڭ ئۇلارغا دەۋەت قىلغانلىقىڭىزنى ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتۇرۇش پۇرسىتى دەپ ئەسكى ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، سىز ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىسىز. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ناچار دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى تولۇق ئۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ بولۇپ يەنە ئىلگىرىكى ھالىغا قايتىۋالغان.

    يەتتىنچى: يېنىڭىزدا بار بولغان مەست قىلغۇچى ئىچىملىك، دۇتار، راۋاپ، گىتار دېگەندەك چالغۇ ئەسۋابلىرى ياكى قالايمىقان سۈرەت، سېرىق پىلىم قاتارلىق چەكلەنگەن نەرسىلەر بولسا، بۇنى سۇندۇرۇپ، بۇزۇپ تاشلىشىڭىز كېرەك. تەۋبە قىلغۇچى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى گۇناھ-مەسىيەتكە ئالاقىدار بولغان بارلىق نەرسىلەردىن خالى بولىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى نۇرغۇن ئەمەلىي ۋەقەلىكتىن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھ-مەسىيەتكە ئالاقىدار بولغان نەرسىلەرنى يوق قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ نەرسىلەر ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىپ، توغرا يول تاپقاندىن كىيىنمۇ خاتالىشىپ ئەسلىدىكى ئازغۇنلىقىغا قايتقانلىقى ئاڭلاۋاتىمىز ۋە كۆرۈۋاتىمىز. ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

    سەككىزىنچى: ئىلگىرىكى ناچار دوستلارنىڭ ئورنىغا، ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان سالىھ دوستلارنى تاللاش كېرەك. قۇرئان-تىلاۋەت، زىكىر-سۆھبەت سورۇنلىرىغا كۆپراق قاتنىشىش ئارقىلىق ۋاقىتنى پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ، شەيتاننىڭ ناچار قىلمىشلارنى ئەسلىتىپ ئازدۇرۇشىغا پۇرسەت قالدۇرماسلىق لازىم.

    توققۇزىنچى: ھارام-چەكلەنگەن نەرسىلەر بىلەن كۈچلانغان بەدەننى ھالال-پاكىزە نەرسىلەر بىلەن غىزالاندۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتىگە يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

    ئونىنچى: ياخشىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىش كېرەك. چۈنكى ياخشىلىق يامانلىقنى كەتكۈزىدۇ.

    سىز ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋبە قىلىدىكەنسىز، شۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇڭكى، سىزنىڭ بارلىق يامان ئەمەللىرىڭىز ياخشىلىققا ئۆرۈلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّـهِ إِلَـٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّـهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا ، يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا ،  إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَـٰئِكَ يُبَدِّلُ اللَّـهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە پۇرقان 68-69-70-ئايەتلەر].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەن ئاللاھ تائالا سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، قەلبىڭىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن. ھازىر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىڭ، بەدىنىڭىزنى پاكىزلاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان شەكىلدە نامازنى ئادا قىلىڭ. بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداپ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن تولۇق يېنىڭ. باشقا ھەرقانداق ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز سىزگە ياردەم بېرىشكە تەييارمىز.

    ئاللاھ تائالادىن سىز ۋە بىزنى توغرا يولغا، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، ھەممەيلەننىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇر.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى