سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئۆز بالام دەپ ئويلاپ ئېمىتىپ قويسا بۇنىڭ بىلەن ئىمىلداشلىق بىكىتىلەمدۇ؟

141208

تارقاتقان ۋاقىت : 14-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 3327

سۇئال

ھاممام (ياكى ئۆگەي ئانام) بىرقانچە يىل ئىلگىرى خوشنىمىزنىڭ بالىسىنى ئىككىلى تەرەپتىن تويغۇدەك ئېمىتىپ قويغان، ئۇ بالا تويۇپ كەچتىن تاڭ يورۇغىچە ئۇخلىدى (يەنى تولۇق تويغان). مېنىڭ سوئالىم: ھاممام ئۇ بالىنى ئىمىتكەندە، ئۆز بالام دەپ ئويلاپ ئېمىتكەن، چۈنكى ئىككىلىسى تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقلاردىن ئېدى، ھاممام خاتا ئېمىتكەن، گۇۋاھچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ بوۋاق ئون قېتىمدەك تويغۇدەك ئەمگەن، بۇ خاتالىق ھېسابلىنامدۇ؟ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۈزۈلمەس دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئېدى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئايال كىشى ئىككى ياشقا توشمىغان بوۋاقنى بەش قېتىم تويغۇدەك ئىمىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىمىلداشلىق بىكىتىلىنىدۇ، ئېمىتكۈچى ئايال مەزكۇر بوۋاقنىڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بولسا ئۇ بوۋاقنىڭ ئىمىلداشلىق تەرەپتىن دادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەر-ئاياللاردىن تۇغۇلغان بالىلار ياكى ئۇلار بىلەن ئىمىلداشلىق تەرەپتىن تۇغقان بولغان بالىلار بۇ بوۋاقنىڭ ئېمىلداش قېرىنداشلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمىلداشلىقنى ئىسپاتلاشتا ئايالدىن ياكى بوۋاقتىن ئىمىلداشلىقنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ ياكى بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ. ئىسلام ئالىملىرى ئىمىلداشلىق ھۆكمىنى بايان قىلغاندا، مۇشۇ ھۆكۈمىدىن ئىلىنىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايان قىلدى. ئەگەر ئېمىدىغان كىچىك بوۋاقتىن بىرسى ئۇخلاپ ياتقان چوڭ ئايالنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ كېلىپ، ئۇ ئايالنى ئىمىۋالغان بولسا بۇ ئايال ئۇ بالىنىڭ ئېمىلداش ئانىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمىلدەشلىك ھۆكمى بىكىتىلىنىدۇ. [ئەلمۇغنى 11-توم 333-بەت ۋە تۆھپەتۇل مۇھتاج 3-توم 492-بەت].

مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، ھاممىڭىز ياكى ئۆگەي ئانىڭىز ئۇ بوۋاقنىڭ ئېمىتكەن ئانىسى ھېسابلىنىدۇ، دادىڭىز ئۇ بوۋاقنىڭ ئىمىلداشلىق تەرەپتىن دادىسى ھېسابلىنىدۇ، سىز ۋە كىچىك ئۇكىڭىز بولسا ئۇ بوۋاقنىڭ ئېمىلداش قېرىنداشلىرى ھېسابلىنىسىلەر.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى