سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان بىر ياشنىڭ دادىسى شىئە بولۇپ، ئۇنى ھىدايەتتىن توسىدۇ، ئۇنىڭغا قانداق نەسىھەت قىلىش كېرەك؟

142071

تارقاتقان ۋاقىت : 01-08-2015

كۆرگۈچىلەر : 3274

سۇئال

مەن ئون بەش ياشقا كىردىم، ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلدىم، مېنىڭ بىردىن-بىر دىن ئۈگىنىش مەنبىيىم سىلەرنىڭ مۇشۇ تور بېتىڭلارغا ئوخشاش ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىكى ئىسلامى تور بەتلىرىدۇر. شۇنداقلا مېنى مەسچىتكە باشلاپ بارىدىغان ئادەممۇ يوق، مەن تۇرغان جاي بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىلىقى بەش مىل كېلىدۇ، ئۇ يەرگە مېڭىپ بېرىش خەتەرلىك، ئۇنىڭدىن سىرت دادام مېنىڭ تور بەتلەرنى كۆرۈشۈمنى چەكلەيدۇ. شۇنداقلا مېنىڭ ئىسلامى تور بەتلىرى ۋە سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلارنى كۆرۈشۈمنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ شىئە، ئۇنىڭ دېيىشچە: سىلەر مېنىڭ مېڭەمنى تازىلايدىكەنسىلەر، دادام مېنى شىئە مەزھىبىنى ئۈگىنىشگە زورلايدۇ، ھەتتا شىئەلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇللىرىمۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىكەن، مەن ھازىر نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ماڭا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئى جاسارەتلىك يىگىت، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ئېيتىمىز ۋە سىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز. سىزنى بارلىق ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز ھازىر كاتتا نېمەت ئىچىدە تۇرۇۋاتىسىز، سىز بۇ نېمەتنىڭ باراۋېرىدە ئۆزىڭىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىز ۋەمال-مۈلكىڭىزنى سەرپ قىلسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىلەمسىز، دۇنيادا سىزنىڭ دادىڭىزغا ئوخشاش مىليونلىغان كىشىلەر ئىنسانلارغا ۋە تاشلارغا چوقۇنىۋاتىدۇ؟ ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىلگەن، ساھابىلارنىڭ ئازراقىدىن باشقا ھەممىسى كاپىر بولغان دەپ ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ جاھىللىق بىلەن شېرىك ئېتىقادنى جانلاندۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا شېرىكنىڭ نۇرغۇن شەكلىنىڭ قېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟.

بىز ئىنسانلارنى پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى قەدىر-قىممىتىنى قىلىشقا، ساھابىلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا تەنە قىلماسلىققا، ساھابىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈشكە، ئۇلاردىن رازى بولۇشقا، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىشقا، بولۇپمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرۈپ-دوست تۇتۇشقا، مەزكۇر مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلىمىز.

ئىككىنچى: سىزنى دادىڭىز بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا مۇنداق نەسىھەت قىلىمىز:

1- كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە دادىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېرىشىڭ.

2-ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە دادىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭ، ھەرگىز سۇسلۇق قىلماڭ، قولىڭىزدىن كىلىدىغان ياردەمنى ئايىماڭ.

3-دەرسىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ. بۇ ئىشقا سەل قاراش سەۋەبىدىن دىنىڭىزنى زايە قىلىۋەتمەڭ. بىز بۇنى سىزنىڭ يازغان خىتىڭىزدىن چۈشەندۇق. ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. دادىڭىز سىزنى بىزنىڭ تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. ئەمما ئىسلامى تور بەتلەردە كۆپ مەنپەئەتلەر بار. ئاللاھ خالىسا تور بەتلىرىنى دەرسلىك قىلىش بىلەن دادىڭىزنىڭ ئارزۇسى يوق بولىدۇ، سىز دەرسىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. شەيتاننىڭ يولىنى ئېتىڭ، دادىڭىز سىزنى خاتا ئېتىقادتا ئوقۇتۇش ئارقىلىق سىزنى توغرا يولدىن توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

4-دادىڭىزنىڭ ئالدىدا مەنپەئەتلىك بولغان ئىسلامى تور بەتلىرىنى ئاشكارا ئاچماڭ. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئاشكارا قىلماڭ، ئەڭ ياخشىسى سىز دادىڭىز بىلەن ياخشىلىق يوللىرى توغرىسىدا جېدەل-مۇنازىرە قىلماڭ. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ئىش سىزنى ھىدايەت يولىدىن چەكلىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولمىسۇن.

5-دادىڭىز ۋە ئائىلە-ئەزالىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت- توغرا يول ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىڭ، بولۇپمۇ سەجدە قىلغاندا ۋە كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇئا قىلىشقا بەك ھېرىسمەن بولۇڭ.

6-ئاخىرىدا سىزنى دادىڭىزغا ھىكمەت، ئەقىل-پاراسەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر دادىڭىز شىئە-راپىزىلارنىڭ يولى بويىچە ناماز ئوقۇش يولىنى تەلىم بەرسە رەت قىلىشقا قادىر بولالمىسىڭىز ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىڭ ۋە پىكرىگە مۇۋاپىق كەلگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئەمما نامازنى سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويىچە توغرا شەكىلدە ئادا قىلىڭ. ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ ئىش بەك ئاسان. چۈنكى سىز مەجبۇرلانغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىسىز. سىز ھازىر دادىڭىزدىن ئايرىلالمايدىغان بىر ياشتا، ئايرىلىپ ياشاش يېشىغا يەتكۈچە سەۋىرچان بولۇڭ. بەلكىم ئۇنىڭغىچە ئاللاھ تائالا دادىڭىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاي ياكى سىز ئۆز دىنىڭىزنى ساقلاپ دادىڭىزدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاش يېشىغا يېتەرسىز. ئاللاھ سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى