جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىغا قۇربانلىق سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ؟

سۇئال

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايلىق كىرىمى چەكلىك بولغان كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىشى ئۈچۈن كارت تارقىتىپ بېرىدۇ، مەزكۇر كارتىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئالدى بىلەن سوئالدا بايان قىلىنغان نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان كارتقا ئالاقىدار بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم پروگراممىسى توغرىسىدا تۆۋەندە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز:

1-يېمەك-ئىچمەك كارتى. بۇ ئىشنى ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپ يولغا قويغان.

2- بۇ لاھىيە: "يېمەكلىكنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىش پىروگراممىسى"دېگەن ئىسىم بىلەن روي خەتكە ئالدۇرۇلغان.

3-ئامېرىكىدا بۇ پروگراممىغا مەسئۇل بولغان ئورۇن: "زىرائەت مىنىستىرلىكى".

4- ھازىرقى ۋاقىتتا بۇ رەسمى كارت شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، ھەر ئايدا 100$ دوللار ئەتراپىدا پۇل قاچىلىنىدۇ.

5-بۇ پروگرامما كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك- ئىچمەكتىن قىينالغان ياكى ئايلىق كىرىمى يېتىشمەيدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

6-ئامېرىكىدا بۇ پروگراممىدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانى 36 مىليونغا يېتىدۇ.

ئىككىنچى: مۇسۇلماننىڭ بۇ تۈردىكى كارتىلار بىلەن قۇربانلىق ئۇلاغ سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغان كارت بولۇپ، كەمبەغەللەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى يولغا قويۇلمىغان.

تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ پروگراممىغا ئەزا بولىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئۆزى ئۈچۈن ھالال بولمىغان مالنى ئالغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 6357- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى