سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مۇئىمىنلەر جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرەمدۇ ؟

سۇئال

مۇئىمىنلەرنىڭ ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغانمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .

ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نىئېمەتلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . ئاللاھ بۇدۇنيادا مۇئىمىنلەرگە زىيادە نىئېمەتلەرنى خاس قىلدى . يەنى ، ئۇ ئۇلارغا ئىسلامنى نىئېمەت قىلىپ بەردى ، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن يىتەكلىنىشكە تاللىدى ھەمدە ئۇلارغا جەننەتتە ئۇلارغىلا بىرىلىدىغان كاتتا نىئېمەتلەرنى خاس قىلىدۇ . ئۇ بولسىمۇ ، ئەدىن جەننىتىدە ئاللاھنىڭ مۇقەددەس يۈزىگە قاراش شەرىپى ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئۇ كۈندە يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ . پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ . [ قىيامەت : 22-23 ]
يەنى ، مۇئىمىنلەرنىڭ يۈزلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن گۈزەللىشىدۇ ،پارقىرايدۇ ، خۇشال بولىدۇ . ھەسەن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ) مۇنداق دىگەن : " پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ-دە ، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىدۇ ."
ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " ئۇ كۈندە بەزى يۈزلەر نۇرلىنىدۇ . يەنى ، نىئىمەتلەردىن نۇرلىنىدۇ . پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ . يەنى ، پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قارايدۇ . ھەمدە بۇ بولسا سۈننەت ۋە ھەدىيس ئالىملىرىدىن بولغان تەفسىرشۇناسلارنىڭ سۆزى .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : جةننةتتة ظذلارغا خالعغان نةرسعلةر بار ؤة بعزنعث هوزذرعمعزدا (ظذلارغا) زعيادة (نئمةت) بار. [ قاف : 35 ]
بۇ يەردىكى زىيادە نىئېمەت : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى ئەلىي ، ۋە ئەنەس بىن مالىك شۇنداق تەپسىر قىلغان .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار .
[ يۇنۇس : 26 ]
ياخشى نەرسە – جەننەت ، زىيادىسى بولسا ھۆرمەتلىك ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) شۇنداق تەپسىر قىلغان . مۇسلىم سەھىيھىدە(266) سۇھەيىبتىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « جەننەت كىشىلىرى جەننەتكە كىرگەندە ، ئاللاھ دەيدۇ : يەنە بىر نەرسىنى خالىساڭلار ، زىيادە قىلىپ بىرىمەن . ئۇلار : " يۈزلىرىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ ؟ بىزنى جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ ؟ ئوتتىن قۇتقازمىدىڭمۇ ؟ " دەيدۇ . ئاندىن پەردە كۆتۈرلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا پەرۋەردىگارىغا قاراشتىنمۇ سۆيۈملۈك بىر نەرسە بىرىلمىگەن . ئەنە شۇ زىيادە مۇشۇ . ئاندىن بۇ ئايەتنى : بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار . تىلاۋەت قىلدى .
شۇڭا ، جەننەت كىشىلىرىگە ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراشتىنمۇ بەكراق ئۇلارغا ياقىدىغان نەرسىنىڭ بىرىلمەيدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ، ئاللاھ مۇنۇ سۆزى: ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ . [ مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ] بىلەن ئاگاھلاندۇرغان گۇناھكارلارنى كۈتىۋاتقان زىيان ۋە مەھرۇملۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى سىزگە ئايدىڭ بولىدۇ . ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز .
شافىئېينىڭ شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولغان رەبىيئې بىن سۇلەيماننىڭ شافىئېيدىن نەقىل قىلغان سۆزلەر نىمىدىگەن گۈزەل-ھە ! ئۇ مۇنداق دىگەن : " مەن مۇھەممەد بىن ئىدرىيس شافىئېينىڭ قېشىدا ئىدىم . ئۇ ئۈستۈنكى مىسىردىن بىر خەت تاپشۇرۋالدى . ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەنىدى : " ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ . دىگەن ئايەت ھەققىدە نىمە دەيسەن ؟ " شافىئېي مۇنداق دىدى : " چۈنكى بۇلار غەزەپ ئىچىگە پەردىلىنىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ يىقىنلىرىنىڭ( ئەۋلىيالىرى) ئۇنى رازىلىق ئىچىدە كۆرىدىغانلىقىغا دەلىل . "
بۇ بولسا مۇئىمىنلەرنىڭ جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان قۇرئاندىكى دەلىللەرنىڭ بىر قىسمى .
ئەمما سۈننەت دەلىللىرىگە كەلسەك ، ئۇلار ناھايىتى جىق . مەسىلەن :
1- بۇخارىي (6088) ، مۇسلىم ( 267) نەقىل قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەدىيسىدە ، كىشىلەر : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرۈمىزمۇ ؟ " دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى : سىلەر تولۇن ئاي كېچىسى ئاينى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟ دىدى . ئۇلار : " ياق ! ئى ئاللاھ ئەلچىسى . " دىدى . ئۇ : سىلەر ھىچقانداق بۇلۇت يوق چاغدا ، قۇياشنى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟ دىدى . ئۇلار : " ياق ! " دىدى . ئۇ : سىلەر ئۇنى ئاشۇنداق كۆرىسىلەر . دىدى . يەنە بىر نەقىلدە : سىلەر ئۇنى كۆرۈش توغىرسىدا ھىچقانداق شەكلەنمەيسىلەر ياكى تالاشمايسىلەر . ھەمدە ئۇنى كۆرۈش سىلەرگە ھىچقانداق مۇشەققەت ياكى ھارغىنلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ . ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . دىيلىدۇ . مۇسلىمنىڭ شەرھىيسىدىن يىغىنچاقلاپ ئىلىندى .
2- ئىككى سەھىيھتە (بۇخارىي (6883 )،مۇسلىم (1002 )) نەقىل قىلىندىكى ، جەرىير بىن ئابدۇللاھ بەجەلىي مۇنداق دىگەن : " بىز پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) يىنىدا ئولتۇراتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون تۆتىنچى كېچىدىكى ئايغا قارىدى-دە ئاندىن : سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى بۇ ئاينى كۆرگۈنىڭلاردەك ، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈسىلەر . ئۇنى كۆرۈۋاتقىنىڭلارغا شەكلەنمەيسىلەر . دىدى .
3- بۇخارىي( 4500) ، مۇسلىم( 6890) ئەبۇ مۇسادىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن : ئىككى كۈمۈش باغ ، ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ئىككى ئالتۇن باغ ، ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ھەمدە كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش ئوتتۇرسىدا ئەدىن جەننىتىدە ئۇنىڭ يۈزىنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش پەردىسىدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ .
ئاللاھنى كۆرۈش توغىرسىدىكى ھەدىيسلەر ئوتتۇزغا يىقىن ساھابە تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان . ئۇلارنى ئۆگەنگەن كىشى ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنى دىگەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ .
شۇڭلاشقا ، مۇشۇنىڭدىن كىيىن ئاخىرەت كۈنى ھىچكىم ئاللاھنى كۆرمەيدۇ دەپ بىلجىرلىسا ئۇ قۇرئاننى ، ھەمدە ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقارغان بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ : ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ . [ مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ]
ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز ، ئۇنىڭدىن بىزگە مۇقەددەس يۈزىگە قاراشقا نىسىپ قىلىشىنى سورايمىز ... ئامىين !
[ تەھاۋىييە ئەقىدىسىنىڭ شەرھىسى ، 1209 ۋە ئۇنىڭ كەينى . پېشىۋا ھافىز ھەكەمىينىڭ ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە 141ب غا قاراڭ . ]

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد