جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلار

سۇئال

پىتىر سەدىقىسى پىقىر، مىسكىنلەردىن باشقا قۇرئان كەرىمدە دەلىل بايان قىلىنغان زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگىمۇ بېرىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى پىتىر سەدىقىسى زاكات سەدىقىسى بېرىلىدىغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىنىدۇ، دەيدۇ. ["ئەسنا ئەلمەتالىب"1-توم 402-بەت].

    مالىكى مەزھەپ ئۆلىمالىرى پىتىر سەدىقىسىنى پىقىر، مىسكىنلەرگە خاس قىلدى، ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىم زامانىمىزدىكى ئۆلىمالاردىن شەيخ ئىبنى باز(ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن)قاتارلىقلار بۇ قاراشنى تاللىغان.

    "ھاشىيەتىل دۇسۇقى"1-توم 508-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پىتىر سەدىقىسى پىقىر، ھۆر مۇسۇلمانغا بېرىلىدۇ، ھاشىمىيلارغا بېرىلمەيدۇ، سەدىقە يىققۇچىلارغا، كۆڭلى دىنغا مايىل قىلىنغۇچىلارغا، قۇللۇقتىن ئازات قىلىشقا، قەرىزدارغا بېرىلمەيدۇ، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدقا ۋە مۇساپىرغا پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن ئۆز يۇرتىغا يېتىۋالغۇدەك بېرىلىدۇ".

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ دەلىل جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك قاراشتۇر". [ئىبنى تەيمىنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 25-توم 71-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادىل مىئاد" 2-توم 22-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە بۇ سەدىقىنى پىقىرلارغا خاس قىلىش بولۇپ، بۇنى زاكات تەقسىم قىلىنىدىغان سەككىز تۈرگە بىر چاڭگال، بىر چاڭگالدىن بەرمىگەن ۋە بۇنىڭغا بۇيرۇمىغان، ساھابىلاردىن ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى كىشىلەرمۇ بۇنداق قىلمىغان، بەلكى بىزنىڭ قارىشىمىزدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرىدە، پىتىر سەدىقىسىنى پىقىردىن باشقىغا بېرىش توغرا بولمايدۇ، بۇ قاراش پىتىر سەدىقىسىنى سەككىز تۈرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك دېگەن قاراشتىن كۈچلۈكتۇر".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسى پىقىر، مىسكىنلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى روزىدارنى بىھۇدە، ناچار ئىشلاردىن پاكلاش ۋە كەمبەغەللەرگە يېمەك قىلىش ئۈچۈن پەرىز قىلغان دېيىلگەن. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"14-توم 202-بەت].

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى