سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كرېسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مۇسۇلمانلار ئۆيلىرىنى تۈرلۈك شار-بالۇنلار بىلەن زىننەتلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار، يېڭى يىل كۈنى كەچتە ياكى ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆز ئائىلىسىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بايرام پائالىيىتى ئىلىپ بارىدۇ، ئۇلار ، توخۇ كاۋىپى ۋە ئۆزلىرى يېڭى يىل ھارپىسىدا تەييارلاپ ئادەتلەنگەن يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىدۇ، ئۆيلىرىنى رەڭگارەڭ شار-بالۇنلار ۋە رەڭلىك قەغەزلەر بىلەن زىننەتلەيدۇ، (سانتا سىري) نامىدا بىر-بىرىگە يوشۇرۇن سوۋغا تەقدىم قىلىشىدۇ، سوۋغا تەقدىم قىلغۇچىلار ئۆزىنى بىلدۈرمەيدۇ، (سانتا سىري دېگەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يېڭى يىل بايرىمىدا، سانتا كىلۇز قارىشى بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغان خۇراپىي ئادەتتىن ئىبارەت). بۇ ئىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟بۇ پائالىيەتكە پەقەت (ئۇرۇق-تۇغقانلار) ۋە مۇسۇلمانلارلا قاتنىشىدۇ. بۇ ئىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغان بايرام پائالىيىتىنىڭ چەكلەنگەن پائالىيەت ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق، چۈنكى ئۇنىڭدا كاپىرلارنى دوراش ئىپادىلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايرىمىدىن شۇنداقلا، ھەپتىلىك جۈمە كۈنىدىن باشقا ھېيت-بايرىمى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بايرام چەكلىنىدۇ ۋە چەكلەنگەن بايرام تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ: بىدئەت، يەنى مەۋلۇت پائالىيىتىگە ئوخشاش ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى: كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق، ئەگەر بايرام-پائالىيەت ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش يولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئادەت بولغان يول بىلەن بولسا كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ. چۈنكى بىدئەت- بايراملارنى ئاساسەن ئەھلى كىتابلار پەيدا قىلغان بولۇپ، بىز ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشقا بۇيرۇلغان تۇرساق، ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا ئوخشاشلا پائالىيەت ئىلىپ بېرىش قانداق توغرا بولىدۇ؟.

ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۆينى رەڭلىك قەغەز ۋە تۈرلۈك شارلار بىلەن زىننەتلەش، كاپىرلارنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا شېرىك بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان بۇ كۈننى ئالاھىدە يېمەك تەييارلايدىغان، ئۆينى زىننەتلەيدىغان ياكى ئايرىم پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان مەخسۇس كۈن قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر كاپىرلارنىڭ بايرىمىغا ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلسا بۇ كەسكىن چەكلەنگەن ھارام ئىشتۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا ئوخشاش پائالىيەت ئىلىپ بېرىش ياكى تاتلىق-تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش ياكى ئۆز-ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىش ياكى زىياپەت ھازىرلاش، بايرام قىلىش ئۈچۈن قەستەن خىزمەتكە بارماي دەم ئىلىش قاتارلىق ئىشلار ھارام بولىدۇ يەنى قاتتىق چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى باشقا مىللەتكە ئوخشىۋالسا، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن ھەدىسىگە ئاساسلىنىپ چەكلىنىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "توغرا يولغا ئەگىشىش ۋە جەھەننەم ئەھلىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ھېيت-بايراملارنى كاپىرلارنىڭ بايراملىرىغا ئوخشاش ئىلىپ بېرىش ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇرسەنلىككە چۆمىدۇ، ھەتتا ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قارىتىش پۇرسىتى ھازىرلىنىدۇ". تۈگىدى.

كىمكى بۇنداق ئىشنى قىلىدىكەن، مەيلى ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قىلسۇن، ياخشى كۆرۈپ قىلسۇن، خىجىل بولۇپ قىلسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن قىلسۇن بۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا ياغلىمىچىلىق قىلغانلىق ۋە كاپىرلارنى روھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز دىنى بىلەن پەخىرلىنىشىگە سەۋەب بولۇشتىن ئىبارەتتۇر". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى 3-توم 44-بەت].

بۇ مەسىلىگە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "مۇسۇلمانلاردىن بەزى كىشىلەر يېڭى يىل بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كۈنىدە خرىستىئانلارنىڭ خۇسۇسى يېمەكلىرىنى تەييار قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەھۇدىيلارنىڭ ۋە باشقا دىنسىزلارنىڭ بايرىمىدا ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ ساتىدۇ، مۇسۇلمالارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشى توغرىمۇ؟ دەپ سورىغاندا تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بېرىدۇ:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

مۇسۇلمالار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بايرام پائالىيىتىگە خاس بولغان يىمەكلىك، كىيىم-كېچەك، شام يورۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشى توغرا بولمىغاندەك، نورمال تۇرمۇش ئادىتى ياكى كۈندىلىك ئىبادەتلىرىنى مەزكۇر بايرام سەۋەبلىك تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ كۈنگە توغرىلاپ توي، ئەقىقە، بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىشى توغرا بولمايدۇ. بالىلارنى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن چىرايلىق كىيىندۈرۈپ باغچىلارغا ئىلىپ بېرىپ ئوينۇتۇشمۇ ياخشى ئەمەس. ئومۇمەن ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىگە خاس بولغان ئىشلاردىن ھېچ بىرىنى قىلماسلىق لازىم. بەلكى ئۇ كۈننى ئادەتتىكى كۈنلەردەك ئۆتكۈزۈش كېرەك.

ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىگە ماسلىشىپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بەلكى بىر قىسىم ئالىملار بۇنداق قىلغانلارنى كۇپرى ئىشنى قىلغانلىق دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ئۇلۇغلاش شەكىللىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: ئۇلار بايرام كۈنىدە چوشقا ئۆلتۈرگەندەك قوي بوغۇزلىغان كىشىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلاردىن كىمكى، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بايرام ۋە دىنى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇلارغا ئوخشاش ياشاپ دۇنيادىن كەتسە ئۇ كىشىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار بىلەن بىرگە جەملىنىدۇ".

سۈنەنى ئەبۇ داۋۇتتا سابىت ئىبنى دەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى بەۋانە دېگەن جايدا تۆگە ئۆلتۈرىمەن دەپ نەزىر قىلغان. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بەۋانە دېگەن جايدا تۆگە ئۆلتۈرىمەن دەپ نەزىر (ئەھدى) قىلغانتىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ يەردە جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان بۇتلار بارمىدى؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇ يەردە كاپىرلار بايرام پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەمتى؟ دىدى. ئۇ كىشى: ياق دىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: قىلغان نەزىرنى ئادا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگەۋە ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسە ئۈچۈن نەزىر قىلىش يوق، دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسلىدە قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىش پەرز بولسىمۇ ئۇ كىشىگە دەرھال رۇخسەت قىلماستىن، بەلكى ئۇ جايدا جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ھېچ بىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كىيىن نەزىرىنى ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلدى ۋە: « ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە نەزىرگە ۋاپا قىلىش يوق،» دېدى. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان بايرام ئورۇنلىرىدا مال بوغۇزلاشتىن چەكلىگەن تۇرسا، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايرام پائالىيىتىگە قاتنىشىش قانداقمۇ توغرا بولسۇن؟!.

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلار ۋە ئىسلام ئالىملىرى غەيرى دىندىكىلەرگە: مۇسۇلمانلار دىيارىدا كاپىرلار دىنى پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا ئىلىپ بارماسلىق، ئۆز ئۆيلىرىدە مەخپى ئىلىپ بېرىشنى شەرت قىلغان تۇرسا، بۇنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئاشكارا ئىلىپ بارسا قانداق بولىدۇ؟، ھەتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "يات مىللەتنىڭ يەنى ئەجەملەرنىڭ چۈشىنىكسىز سۆزلىرىنى ئۆگەنمەڭلار، مۇشرىكلارنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانلىرىغا كىرمەڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشىدۇ،" دېگەن.

ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە دىنى بايرام پائالىيەت سورۇنلىرىغا بېرىپ بېقىشمۇ چەكلەنگەن تۇرسا، كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىغا ئورتاقلىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغان ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟!.

كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ: والذين لا يشهدون الزور تەرجىمىسى: ئۇلار باتىل ئىشلارغا ھازىر بولمايدۇ دېگەن ئايەتتىكى باتىل ئىش كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىدىن ئىبارەت دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق بولماي پەقەت مۇراسىمغا ھازىر بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟!. ھەدىس توپلاملىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى كاپىر قەۋمنىڭ بىرەرسىگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن ھەدىسى ۋە: بىزدىن باشقا بىر مىللەتكە (كاپىرلارغا) ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس، دېگەن ھەدىسلىرى سەھىھ ھەدىس بولۇپ، غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئادەت قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ، ئەلۋەتتە. تۈگىدى. ["چوڭ پەتىۋالار" ناملىق ئەسەر 2-توم487-بەت ۋە "پەتىۋالار توپلىمى" 25-توم 329-بەت]. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى