سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى يېيىش ياكى سەدىقە قىلىۋىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى ئەقىقە ياكى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئىككى قوي بوغۇزلىغان بولسا، ئۇ ئىككى قوينىڭ بىرىنى تولۇق يىسە يەنە بىرىنى تولۇق سەدىقە قىلىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟ (يەنى بىر قويدىن ھېچ نەرسىنى سەدىقى قىلماستىن يىدى، يەنە بىرىدىن ھېچ نەرسىنى يىمەستىن سەدىقە قىلىۋەتتى) ھەر ئىككى قوينىڭ گۆشىدىن ئازراقتىن سەدىقە قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىسلام شەرىئىتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربانلىق قىلغان ۋە ھەدىيە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئۇلاغنىڭ گۆشىدىن ئازراق بولسىمۇ سەدىقە قىلىۋىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسىئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. [سۈرە ھەج 36-ئايەت].

"بىر نەرسە سورىغان ۋە سورىمىغان كەمبەغەللەرنىڭ ھەدىيە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇلاغنىڭ گۆشلىرىدە ھەققى بار بولۇپ، گەرچە يۇقىرىقى ئايەتتە ھەدىيە توغرسىدا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەدىيە بىلەن قۇربانلىق بىر باپتىن ھېسابلىنىدۇ". ["پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەر 6-توم 115-بەت].پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، ساقلاپ قويۇڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى 1971-ھەدىس].

ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ زاھىرى مەناسىغا قارىغاندا شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى بويۇنچە قۇربانلىق قىلىنغان ياكى ھەدىيە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇلاغنىڭ گۆشىدىن بىر نەرسىنى سەدىقە قىلىش ۋاجىب دەپ قارىلىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " گۆشتىن سەدىقە دېگەن ئىسىمگە لايىق كىلىدىغان مىقداردا كەمبەغەللەرگە بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت كەمبەغەللەرگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ قادىئىگە ئاساسەن قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى يەۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلدى دېگەن سۆزگە مۇناسىپ كىلىدىغان بىر نەرسىنى كەمبەغەلگە بېرىش كېرەك بولىدۇ". ["رەۋزەتۇت تالىبىين ۋە ئۇمدەتۇل مۇپتىين" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-تومى 223- بېتىدىن ئىلىندى].

مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۆشنىڭ ھەممىسىنى يەۋەتكەن بولسا، گۆشتىن سەدىقە قىلىشى بۇيرۇلغان مىقداردىكى بىر نەرسىنى كەمبەغەلگە بەرسە دۇرۇس بولىدۇ." ["ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسەر 6-توم 491-بەت].

بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر قويدىن ھېچقانداق بىر نەرسىنى سەدىقە قىلمىغان بولسا سەدىقە قىلدى دېگەن ئىسىمگە مۇناسىپ كىلىدىغان بىر نەرسىنى كەمبەغەلگە بېرىشى كېرەك". تۈگىدى. "كەششاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 7-توم 444-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: "قۇربانلىقتىن ھېچنەرسە سەدىقە قىلماستىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن پىشۇرۇپ يېسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: لِّيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّـهِ فِي أَيَّامٍ مَّعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِۖ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ تەرجىمىسى: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. سىلەر قۇربانلىقلارنى گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار.» [سۈرە ھەج 28- ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن، ئۇلار قۇربانلىققوينىڭ گوشىدىن سەدىقە قىلماستىن پۈتۈن يىگەن بولسا، ھەر بىر قوي ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا گۆش سىتىۋىلىپ ئۇنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىدۇ". تۈگىدى. ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى"ناملىق ئەسەر 25-توم 132-بەت].

ئىككىنچى: قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ گۆشىنى يىيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنى يىيىش پەرز ئەمەس بەلكى مۇستەھەبدۇر. بۇ تۆت مەزھەب ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىدىن يىيىش پەرز ئەمەس بەلكى مۇستەھەبدۇر (ياخشىدۇر). بۇ بىزنىڭ ۋە باشقا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، لېكىن بەزى سەلەپ ئالىملىرى بۇ گۆشتىن يىيىشنى پەرز دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدىكى ھەدىسنىڭ زاھىرى مەناسىدىن يىيىش دېگەن سۆز بۇيرۇق شەكىلدە ئىپادىلەنگەن، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىمۇ: ﴿فَكُلُوا مِنْهَا تەرجىمىسى: ئۇنىڭ گۆشىدىن يەڭلەر دەپ بۇيرۇق شەكىلدە بايان قىلىنغان. كۆپچىلىك ئالىملار ئايەت- ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇيرۇق شەكلىنى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەب دەپ قارىغان. بولۇپمۇ بۇ بۇيرۇق شەكلى ئاگاھلاندۇرۇشتىن كىيىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇستەھەب ياكى ياخشى دېگەن مانانى ئىپادىلەيدۇ." تۈگىدى. [سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى13-توم 131-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلغان دۇرۇس بولىدۇ." تۈگىدى. ["ئەلمۇغنىي" 13-توم 380-بەت]. 

ئۈچىنچى: ئەقىقە مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەقىقە قىلىنغان قوينىڭ گۆشىنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنمىغان، شۇنداقلا ئۇ گۆشنى يىيىش ياكى سەدىقە قىلىش توغرىسىدىمۇ ھۆكۈم بايان قىلىنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىقە ئىشىدا، قايسىسىنى ياخشى دەپ قارىسا شۇنداق قىلسا بولىدۇ، گۆشنىڭ ھەممىنى سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ مەيلى ياكى ھەممىنى يەۋەتسىمۇ مەيلى. ئەمما ئەڭ ئەۋزىلى قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى قانداق قىلغان بولسا ئەقىقىنىمۇ شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: ئەقىقىنىڭ گۆشىنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، ئىمام ئەھمەد جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قانداق قىلسىڭىز بولاۋىرىدۇ، ئىبنى سىيرىن رەھىمەھۇللاھمۇ ئەقىقە توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە قانداق قىلسىڭىز بولاۋىرىدۇ دەپ جاۋاپ بېرەتتى". تۈگىدى. [تۆھپەتۇل مەۋدۇد بىئەھكامىل مەۋلۇد" ناملىق ئەسەر 55-بەت].

تۆتىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قۇربانلىقتىن مەلۇم مىقداردا سەدىقە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۇ گۆشتىن يىيىشنىڭ ۋاجىپ ياكى مۇستەھەبلىكى توغىرسىدىكى ھۆكۈملەر ئەقىقە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ھەر بىر قويغا تەتبىقلىنىدۇ.ئەگەر ئون قوي ئۆلتۈرگەن بولسا، ھەر بىر قويدىن مەلۇم مىقداردا سەدىقە قىلىش كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھەر بىر قوينىڭ گۆشىدىن مەلۇم مىقداردا يىيىش ياخشى دەپ قارىلىدۇ. قويلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر قوينىلا سەدىقە قىلىۋىتىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىر قويدىن مەلۇم مىقداردا سەدىقە قىلىدۇ. چۈنكى ھەر بىر قوي مۇستەقىل بىر قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆگىنى ئۆلتۈرگەندە قازانغا ھەر بىر تۆگىدىن مەلۇم مىقداردىن گۆش سىلىشقا بۇيرىغان.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممىنادا مال بوغۇزلايدىغان جايغا بېرىپ 63 تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىدى، قالغان تۆگىلەرنى بوغۇزلاشنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇردى، ئاندىن ھەر بىر تۆگىنىڭ گۆشىدىن ئازراقتىن ئەكەلدۈرۈپ قازانغا سالدى، گۆش پىشقاندىن كىيىن گۆشتىن يىدى ۋە شورپىسىدىن ئىچتى....[مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر تۆگىنىڭ گۆشىدىن بىر پارچىدىن كىسىپ ئەكىلىشكە بۇيرىغانلىقى، قۇربانلىق قىلىنغان ھەر بىر مال ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھۆكۈم بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ قىلغان قۇربانلىقى ۋە ھەدىيىسىنىڭ گۆشىدىن يىيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنىڭ ھەر بىرىدىن مەلۇم مىقداردا يېيىش سۈننەت بولغاندا، يۈز تۆگىنىڭ گۆشىدىن ئايرىم-ئايرىم بىر پارچىدىن يىيىش قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ گۆشلەر بىر قازاندا قىلىندى، پىشقاندا ئۇنىڭ شورپىسىدىن ئىچكەن ۋاقتىدا ھەر بىرىدىن ئايرىم-ئايرىم يىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ". تۈگىدى. "سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" ناملىق ئەسەر 8-توم 192-بەت].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەر بىر تۆگىنىڭ گۆشىدىن بىر پارچىدىن كىسىپ پۇشۇرۇپ ئۇنىڭ شورپىسىدىن ئىچكەنلىك، ھەر بىر تۆگىنىڭ گۆشىنى يىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ". تۈگىدى. ["ئەلمەجمۇئ شەرھىل مۇھەززەب" ناملىق ئەسەر 8-توم 414-بەت].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ گۆشىدىن سەدىقە قىلماي ھەممىسىنى يىگەن بولسىڭىز، ئازراق گۆش سىتىۋىلىپ ياكى شۇ پۇلنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن سەدىقە قىلغاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

قۇربانلىق گۆشىدىن يىمەي ھەممىنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭىز بولسا توغرا بولۇپتۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىشنى بارلىق ئالىملار دۇرۇس دەپ قارايدۇ.

ئەقىقە مەسىلىسىدە، سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىزدا سىز خاتا قىلغان بولمايسىز (بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار).

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى