سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كىشىلەر مېنى كۆرگەندە خۇددى ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدىن كۆپ ئازابلىنىمەن

150988

تارقاتقان ۋاقىت : 30-03-2014

كۆرگۈچىلەر : 3376

سۇئال

بۇ توربېكىتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
مېنىڭ قىيىنچىلىقىم: مەن كىشىلەرنى ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىمەن. بۇ ئىش مەن باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىنى تۈگەتكەن كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئالدىمدا كېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ خۇددى كۈلكىلىك بىر نەرسىگە قارىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بۇ تۇيغۇ باشلاندى. مەن ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، بۇ ئىشقا گىرىپتار بولغىنىمغا تولۇق يەتتە يىل بولدى. مەن ھەر قېتىم كوچىغا چىققاندا خۇددى ھەممە كىشى كۈلكىلىك بىر نەرسىگە قارىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتقان ياكى تەبەسسۇم قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. مەن كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە سەۋەب بولىدىغان كىيىم-كېچەك كىيمەيمەن. ئۆيگە كېلىپ ئەينەككە قارايمەن ئەمما مەندە ھېچ كۈلكىلىك بىرنەرسە يوق. بۇ ئەھۋالنى ئاپامغا ئېيتسام، ئاپام ماڭا: سىزدە باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە سەۋەب بولىدىغان ھېچ ئىش يوق دەيدۇ. ھەمشىرىلىرىممۇ ماڭا تەبىئىى قارايدۇ. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن، مېنىڭ دىنى ئېتىقادىم ياخشى، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىمەن، لېكىن مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان، كۆپىنچە مەسچىتكىمۇ بارمايدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلدىم. لېكىن، مەن ئۆزۈمدە غەلىتە بىر ئىش بارلىقىنى بىلمەيمەن. نىرۋامدىن كېتىپ قىلىشقا ئازقالدىم. ماڭا بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

قېرىندىشىم! سىزگە بىزنىڭ نەسىھىتىمىز:

بىرىنچى: بۇ ئىشقا بەك بىئارام بولۇپ كەتمەڭ، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، سىزدە كىشىلەر ئەجەبلىنىدىغان ياكى ھەيران قالىدىغان ياكى كۈلكىگە سەۋەپ بولىدىغان ھېچ بىر ئەيىب-نۇقسان يوق، بىر سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى كۆردۇق، سىزنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى شۇنداق قارايدۇ. بىز سىزنىڭ قانداق بولۇپ بۇ تۇيغۇغا كېلىپ قالغانلىقىڭىزدىن ھەيران قالدۇق. بۇ سەۋەبلىك نەچچە يىل دەرت تارتىپسىز، سىزنىڭ چىراي-شەكلىڭىز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن گۇۋاھلىقى كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر سىزدە بىرەر ئەيىب-نۇقسان بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار سىزنىڭ ئۇ ئىشنى تۈزىتىشىڭىز ۋە ئىسلاھ قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلاتتى.

سىزنىڭ ھېس قىلغىنىڭىز بەلكىم كۆز تېگىش ياكى ھەسەتنىڭ تەسىرى بولىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغاندا داۋالاش كېرەك بولغان نەپسى كېسەللىك بولىشىمۇ مۇمكىن. بەزى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك، چىراي-شەكلى، ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بەزى ۋەسۋەسىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى چۈشۈرسە ئۇنىڭ دورىسىنى بىرگە چۈشۈرىدۇ.

سىز ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىڭ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇڭ،شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن دۇئالار ۋە داۋالاشيوللىرىنى قوللىنىڭ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋاللار داۋاملاشسا، تەجرىبىلىك، ئىشەنچىلىك پىسخولوگىيە دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ، ياخشى دوستلار بىلەن بىرگە بولۇڭ، تەلىم-تەربىيە ۋە دەۋەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىڭ، ۋاقتىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ياد قىلىش ۋە باشقا مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى ئۈگىنىشكە سەرپ قىلىڭ.

ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان گۈزەل ئەخلاق، چىرايلىق قامەت، تەن-سەلامەتلىك، توغرا يول، ھىدايەت ۋە دىندىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىڭ. ئاللاھنىڭ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سىز ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىنى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىغا سىلىشتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مىڭلارچە ئىنسانلاردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ يېتەلەيسىز. ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان پەزلى-ئېھسانى، ھېسابسىز نېمەتلىرى ئۈچۈن، شۈكۈر ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىڭ.

ئىككىنچى: ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپتۇر. نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا سەل قاراش توغرا بولمايدۇ. شەيتاننىڭ سىزنى بۇ دەرىجىدە ۋەسۋەسىگە سىلىپ، نامازنى تەرك قىلىدىغان ياكى سەل قارايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشى ئاددى ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالادىن سىزگە توغرا يول، بەخت-سائادەت ئاتا قىلىشىنى، غەم-قايغۇلىرىڭىزنى يوق قىلىپ، قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاسان قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى