سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەرزەنتلىرىڭىز ناماز ئوقۇشقا سۇسلۇق قىلسا ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولىسىز؟

152628

تارقاتقان ۋاقىت : 16-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 3862

سۇئال

پەرزەنتلىرىمنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشىنى خالايمەن، چۈنكى ئۇلار بىر قېتىملىق نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلسا، يەنە بىر قېتىملىق نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلمايدۇ، ئۇلارغا دائىم نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن، جانابى ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت تىلەيمەن. قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ نامازغا قىزىقتۇرالايمەن ۋە قەلبىنى نامازغا باغلىيالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: شەرىئەت پرىنسىپىدا نامازنىڭ ئورنى ھەممىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ناماز دىننىڭ ئاساسى، نىجاتلىقنىڭ بەلگىسى، تەقۋادارلىقنىڭ ئالامىتى، شۇنداقلا بەندە قىيامەت كۈنى تۇنجى قېتىم ھېساب بېرىدىغان ئەمەلدۇر. ئىنسان ھاياتىدا ناماز تولۇق بەرپا قىلىنسا باشقا ئىبادەتلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تولۇق بولىدۇ، نامازدىن چاتاق چىقسا باشقا ئەمەللەرنىڭ ساغلام بولىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ.

ھەقىقەتەن پەرزەنتلەرنى توغرا بولغان ئىسلامى تەلىم-تەربىيە ئاساسىدا يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئۇلارنى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان، سۆز-ھەرىكەتلەردە ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان تەقۋادار ئەۋلاتلاردىن قىلىپ تەربىيىلەش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيىسىدە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا﴾ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن. [سۈرە تاھا 132-ئايەت].يەنى: "ئى پەيغەمبەر! ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۇلارنى پەرز-نەپلە نامازلارنى ئادا قىلىشقا ئالدىراتقىن. بىر ئىشقا بۇيرۇش بولسا، شۇ ئىش تولۇق ئادا بولىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا، يۇقىرىقى بۇيرۇقتا نامازنى تەلىم بېرىشنى، يەنى ناماز كامىل بولىدىغان، دۇرۇس بولىدىغان ۋە ناماز بۇزۇلىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنى تەلىم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ." [تەپسىر سەئدى 517-بەت].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا تەرجىمىسى: ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى. [سۈرە مەريەم 55-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت]. يەنى: "ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇڭلار، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويىۋەتسەڭلار، ئۇلارقىيامەت كۈنى دوزاخقا تۇتۇرۇق بولىدۇ." [تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-توم 240-بەت].

ئەمرۇ ئىبنى شۈئەيب دادىسىدىن دادىسى بوۋىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا ئۇلارنى ئەدەپلەڭلەر ۋە قىز-ئوغۇللارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىم قىلىپ بېرىڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد 495-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 6650-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "ئەلئىرۋا" ناملىق ئەسىرىنىڭ 247-بىتىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئائىلە-تاۋابىئاتىڭلارغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن غاپىل بولماڭلار، ئۇلارنى ئىسلاھ قېلىش ئۈچۈن تېرىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا يەتكەندە نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا يەتكەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا، ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغانھالەتتە تەربىيىلەش ئۈچۈن يەڭگىل ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭلار، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان." [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمىدىن 6-توم 46-بەت].

ئىككىنچى: پەرزەنتلەرنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان، نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە ياردىمى بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرقانچىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

1-پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۇلارغا نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدىغان ئەمەلىي ئۈلگىلەرنىڭ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتا پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

2- دادا ئوغۇلنى دائىم ئۆزى بىلەن بىرگە مەسچىتكە ئىلىپ بېرىشنى ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭدەك ئانىمۇ ئۆيدە قىزلارغا نامازنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئادا قىلىشقا بۇيرۇشىلازىم.

3- پەرزەنتلەرگە نامازنىڭ ئەھمىيەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ناماز ئوقۇماستىن دىننىڭ كامىل بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك.

4- نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغانلار ئۈچۈنجەننەت بىلەن ۋەدە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغانلىقىمغا گۇۋاھلىق بېرىمەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى. تاھارەتنى كامىل-تولۇق ئىلىپ، نامازنى تەئدىل ئەركان ۋە خۇشۇئلىرى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشىنىئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. نامازنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ۋە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلمىغان كىشى ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ۋەدىسىگە نائىل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەھدىسىگە نائىل بولۇشنى خالايدىكەن نامازنى بەرپا قىلسۇن. ئاللاھ تائالاھنىڭ ئەھدىسىگە نائىل بولۇشنى خالىماستىن ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە دەھشەتلىك ئازابىغا ئۈچرىتىشتىن قورقمايدىكەن، نامازنى تەرك قىلسۇن.

5- نامازنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە ناماز ئوقۇمىغانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن تەدرىجى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك.

6- مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ناماز ھەققىدىكى كىتاپچىلارنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئالىلىقى، شەنىنىڭ كاتتىلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش ۋەئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مەنپەئەتلىك ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىش كېرەك.

7- ئەۋلادلارنى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان ياشلار بىلەن دوستلىشىشقا قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياخشىلىقتا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىش كېرەك.

8- ئۇلارنى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقارىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى ماددى ۋە ئەدەبىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش كېرەك.

9- يۇقىرىدا ئەبۇ داۋۇدتا بايان قىلىنغان ھەدىسكە ئاساسەن، ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى قوللىنىش كېرەك. يەتتە ياشقا يەتكەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇش، ئون ياشقا يەتكەندىمۇ نامازنى ئادا قىلمىسا، ئۇلارنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئەدەپلەش، قايسى ئۇسۇل ئۇلارغا پايدىلىق دەپ قارالسا شۇ بويىچە ئەدەپلەش كېرەك.

10- ئۇلار نامازنى تەرك قىلغان ۋاقتىدا ياكى نامازغا سەل قاراپ ۋاقتىدا ئادا قىلمىغاندا، ئۇلارغا مۇۋاپىق ھالەتتە قاتتىقلىق قىلىش ۋە ئايرىم بىر جايدا تۇرغۇزۇش لازىم. بۇمۇ تەسىرى كۈچلۈك شۇنداقلا شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر.

11- ئۇلارنىڭ ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە ئاللاھ تائالادىن قورققان ھالەتتە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەردىن بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ كۆپ دۇئا قىلىش لازىم. مانا بۇ رېئاللىقتا ئەۋلادلارنى توغرا تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋەبلىرىدۇر. ئەمما كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنىڭدىن غاپىل قالماقتا.

12-ئۇلار تەكرار-تەكرار نامازنى تەرك قىلىپ ياكى نامازنى ئادا قىلىشقا سۇسلۇق قىلغاندىمۇ، ئاتا-ئانىلار تىرىكمەستىن، زېرىكمەستىن ئۇلارغا تەكرار نەسىھەت قىلىش، نامازنى ئەسلىتىپ تۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ توغرا يول تېپىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى لازىم. چۈنكى ھېچ بىر كىشى: ئۇلارغا نەسىھەتنىڭ پايدا بېرىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەن ياكى كەلمىگىنىنى بىلمەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى