سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەردە كەمبەغەل مۇسۇلمان تاپالمىسا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قانداق تارقىتىدۇ؟

سۇئال

مەن غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، قۇربانلىق قىلىش ئارزۇيۇم بار، مېنىڭ بىلىشىمچە، قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ، ئۈچتىن بىر قىسمى ئائىلىدىكىلەرگە، ئۈچتىن بىر قىسمى مېھمانلارغا يەنە ئۈچتىن بىر قىسمى كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىكەن، مەن ئوقۇۋاتقان شەھەردە كەمبەغەل مۇسۇلمانلار تېپىلمايدىكەن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارمۇ قۇربانلىق قىلغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كەمبەغەل بولمىغانلىقتىن ئىسلام مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىدىكەن، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ياكى بۇنىڭدىن باشقا يول بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈش توغرىسىدا بەزى ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغان، بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بولۇپ، مۇھىمى قۇربانلىقتىن ئازراق بولسىمۇ كەمبەغەللەرگە يەتسە بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرى ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بىر قىسمى ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن، بىر قىسمى مېھمان ئۈچۈن يەنە بىر قىسمى كەمبەغەللەر ئۈچۈندۇر". ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يۇقىرىقىدەك ئەسەر بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى: قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىدىن كەمبەغەل مۇسۇلماندىن بىرىگە بولسىمۇ يېمەك قىلىپ بەرگەن بولسا، قالغان قىسمىنى باشقا مۇسۇلمان بولمىغان كەمبەغەل كىشىلەرگە سەدىقە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق گۆشىدىن دىنسىز-كاپىرغا يېمەك بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى، ھەسەن ئەلبەسەرىي ۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى قۇربانلىق گۆشىنى سەدىقە قىلىش بولسا، نەپلە سەدىقىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا سەدىقىلەرگە ئوخشاش دىنسىزغا ۋە ياكى تۈرمىدىكى ئەسىرلەرگە يېمەك قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەمما پەرز دەرىجىسىدىكى سەدىقىلەرنى يەنى زاكات، قەسەمنىڭ كاپارىتى قاتارلىق سەدىقىلەرنى دىنسىز، كاپىرغا بېرىش توغرا بولمايدۇ". تۈگىدى. ["ئەلمۇغنىي" ناملىق ئەسەر 11-توم 109-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن، سىز قۇربانلىق قىلغاندىن كىيىن كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنى ئىزدەڭ، يوقسۇلدىن بىرنى بولسىمۇ تېپىپ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئازراق بەرسىڭىز، قالغان قىسمىنى ئۆزىڭىز يەپ ۋە ساقلاپ، باشقىلارغا ھەدىيە قىلىپ سەدىقە قىلسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن كەمبەغەل كىشىنى تاپالمىسىڭىز دىنسىزلارغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەلكىم بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبى ئىسلام دىنىغا مايىل بولىشى مۇمكىن.

شۇنداقلا مۇسۇلمان ياكى كاپىرلاردىن كەمبەغەللەرنى تاپالمىسىڭىز، شۇ يەردىكى ئىسلام مەركەزلىرىگە بەرسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ئورنىڭىزدا كەمبەغەللەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى