Thu 26 Rmd 1435 - 24 July 2014
160144
ھاپىز قۇرئان بىلەن نىكاھلانسا، خاس ئەجىر بېرىلەمدۇ؟
قۇرئان كەرىمنى مېھرى ھەققىنىڭ مۇقەددىمىسى قىلغان ھاپىز قۇرئان ئەر بىلەن نىكاھلانغان ئايالنىڭ ئالىدىغان مەنپەئەت ۋە ساۋاپلىرى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ تائالا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان كىشىلەر بىلەن توي قىلىشنىڭ پەزىلىتى بولسا، پەيغەمبەرلىك مىراسىنى كۆتۈرگەن كىشىلەر بىلەن توي قىلىشنىڭ پەزىلىتىدۇر. ئەگەر ئۇ قارى قۇرئان كەرىمدىن ياد ئالغان ئايەتلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭدا ياخشى خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇغلانغان بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قورسىقىدا يەنى ئىچكى قىسمىدا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم بار، تاشقى كۆرۈنۈشىدە ياخشى ئەمەللەر بىلەن گۈزەل ئەخلاق بىرلەشكەندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق.» [سۈرە پاتىر 32-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّـهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَّن تَبُورَ ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە، ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھىمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.» [سۈرى پاتىر 29-30-ئايەتلەر].

     مۇتەررەپ رەھىمەھۇللاھ: يۇقىرىقى ئايەت تىلاۋەت قىلىنسا، بۇ قارىيلار ئايىتى، دەيتتى. ["قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىي" 6-توم 545-بەت]

     بىز تور سەھىپىمىزدە، قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا 14035- ۋە 20803-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن ئىدۇق.

     شۇنداق، پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن توي قىلىش ئايالغا بەخت سائادەت ئىلىپ كېلىشى، شۇنداقلا، -ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- ياراملىق سالىھ پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئائىلىدە خاتىرجەملىك ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە شەك يوقتۇر. لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغۇچى، قارىم ۋە قارى خېنىملارنىڭ قۇرئان كەرىم پرىنسىپىغا تولۇق ئەمەل قىلىشى، قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئەدەپلىرى بىلەن ئەدەپلىنىشى، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادار بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. توي قىلىشتا بۇنداق شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان قىز-يىگىتلەر تەلەپ قېلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ ياد قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان ياكى ياد قىلغانلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل بولمىغان مەغرۇر قارىملاردىن ھەزەر قىلىش كېرەك.

     بۇ ھەقتە ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ "تەلبىسۇل ئىبلىس" ناملىق ئەسىرى137-140-بەتلەردە بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ۋە شەيتاننىڭ قارىلارنى قانداق ئازدۇرۇشى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ بەزىسىنى باشقا تويلۇق مېھرى يوق پەقەت قۇرئان ياد قىلغانلىقىغا ئاساسەن تويىنى قىلىپ قويغان. سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر بۆلەك كىشىلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا ئېدىم، تۇيۇقسىز بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئايال ئۆزىنى سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. ئاندىن ئۇ ئايال: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئايال ئۆزىنى سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇ ئايال يەنە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئايال ئۆزىنى سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. جامائەت ئارىسىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ ئايالنى ماڭا نىكاھلاپ قويسىلا؟، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: سېنىڭ توي قىلغۇدەك بىرەر نەرسەڭ بارمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ياق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن بېرىپ ئىزدەپ باققىن، تۆمۈر ئۈزۈك چاغلىق بىر نەرسە بولسىمۇ تېپىپ كەلگىن دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھېچنەرسە تاپالمىدىم، ھەتتا تۆمۈر ئۈزۈكمۇ تاپالمىدىم دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: قۇرئاندىن قانچىلىك بىلىسەن؟ دەپ دورىدى. ئۇ كىشى: مەن پالانى، پالانى سۈرىلەرنى بىلىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بارغىن، مەن ئۇ ئايالنى سەن بىلگەن قۇرئان ئايەتلىرى بەدىلىگە نىكاھ قىلىپ قويدۇم،» دېدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي "قۇرئان كەرىم بەدىلىگە نىكاھلىنىش" دېگەن بۆلۈمدە 5149-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. مۇسلىم رىۋايىتى 1425-ھەدىس].

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قازىي ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى «مەن ئۇ ئايالنى، سەن بىلگەن قۇرئان ئايەتلىرى بەدىلىگە نىكاھ قىلىپ قويدۇم،» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوچۇقراقى: سەن ئۇ ئايالغا قۇرئان كەرىمدىن بىلگەن سۈرە-ئايەتلىرىڭدىن ئۈگۈتۈپ قويغىن، ياكى مەلۇم مىقداردا ئۈگۈتۈپ قويغىن، بۇ ئاشۇ ئايالنىڭ تويلۇق مېھرى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەدىسنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن.  بۇ ھەدىسنىڭ بەزى سەھىھ ئىسنادلىرى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ، سەھىھ رىۋايەتتە: «ئۇ ئايالغا سەن بىلگەن سۈرىلەرنى ئۆگەتكىن،» دەپ كەلگەن. يەنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن سەن بىلگەننى ئۇنىڭغا ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۇنى ئىززەت قىلغىن، چۈنكى ئۇ ئايال ساڭا قارى ياكى قۇرئاننىڭ بەزىسىنى ياد بىلىدۇ دەپ تويلۇق مېھرى ئالماستىن ساڭا ياتلىق بولغان دېگەنلىكتۇر.

     ئۇممۇ سۈلەيم بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ توي قىلىش ۋەقەلىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ئىسناد بىلەن جەئپەر ئىبنى سۇلايماندىن ئۇ كىشى سابىتدىن ئۇ كىشى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۈلەيم بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇممۇ سۈلەيم ئۇنىڭغا: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ساڭا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تەلىپى رەت قىلىنمايدۇ، لېكىن سەن كاپىر، مەن مۇسۇلمان، مېنىڭ سەن بىلەن توي قىلىشىم توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭ، بۇ مېنىڭ تويلۇق مېھرىم بولسۇن، سەندىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، دەيدۇ. ئەبۇ تەلھە مۇسۇلمان بولدى، ئەبۇ تەلھەنىڭ ئىسلامغا كىرىشى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ تويلۇق مېھرى بولدى».

     ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۈبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھەدىن ئۇ كىشى ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە: «ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۈلەيم بىلەن توي قىلغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى تويلۇق مېھرى ئىسلام بولغان،» دەيدۇ. ئىمام نەسەئىي بۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا ئەبۇ تەلھەنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدىكى تويلۇق مېھرى بولغان دەيدۇ.

ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى: «ئىسلامغا كېرىش بەدىلىگە نىكاھلىنىش» دەپ چۈشەندۈرگەن. سەھەل ئىبنى سەئىد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى بولسا: «قۇرئان كەرىم ئايىتىگە ئاساسەن توي قىلىش،» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ ئىككىنچى ئېھتىماللىقنى كۈچلاندۈرۈشقا مايىل بولغان. [پەتھۇل بارىي 9-توم 212-213-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن).

     بىز يۇقىرىدا كۆپلىگەن ئايەت-ھەدىسلەرنى بايان قىلغان بولساقمۇ، ئەمما قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان قارىم بىلەن توي قىلغان ياكى قارى خېنىمنى نىكاھىغا ئالغان كىشى ئۈچۈن مۇئەييەن ساۋاپ ياكى ئارتۇقچىلىق بولىدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس ياكى ئەسەرلەرنى بىلمەيمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى