سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى كەمچىللىكىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا

162787

تارقاتقان ۋاقىت : 16-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 4067

سۇئال

ئانام كۆيۈمچان ئەمەس، بىزنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ، بىزگە كىچىكىمىزدىن قوپال مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدۇق، شۇ ھالەتتە چوڭ بولدۇق، ئۇنىڭدىن سىرت مەن قىز بالا بولساممۇ ماڭا باشقىلار قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلدۇرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن، ئومۇمەن بىزگە ياخشى تەربىيە بەرمىدى، خۇددى پەرزەنت ئاتا-ئانىنى قاقشاتسا ئازابقا ئۈچرىغاندەك، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلەرگە تەربىيە بېرىشكە سەل قارىسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەرزەنتلەر ئۈستىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەققى بولغىنىدەك، ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ھەققى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّـهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ. [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى (مەسئۇل بولغۇچى) ھەر كىشى ئۆز پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئائىلىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال يولدىشىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى ئىشلاردىن سوئال قىلىنىدۇ... [بۇخارى رىۋايىتى893-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1829-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلسا، ئۇ كىشى قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە خىيانەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى142-ھەدىس].

ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانىسى رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرى بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىم بولغانلىرى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1-ئوغلىغا دىيانەتلىك ياخشى قىز تاللاش شۇنداقلا قىزى ئۈچۈنمۇ دىندار، ئەخلاقلىق يىگىت تاللاش كېرەك. ئەر كىشى كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن كۆيۈمچان، تەربىيىچى بولىدىغان قىزلارنى تاللايدۇ، شۇنىڭدەك قىزلارمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ياراملىق دادا بولالايدىغان يىگىتنى تاللايدۇ.

2-بالىغا چىرايلىق ئىسىم قويۇش، تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىشى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە قىسىپمۇ قويماستىن، ئىسراپ قىلماستىن ئۇلارغا كېتىدىغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى تولۇق تەييارلاپ بېرىش كېرەك.

3-ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۈستىدىكى مۇھىم ھەقلىرىنىڭ بىرى: ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى، دىنى ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان شەكىلدە ئادا قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، دۇنيالىق ئىشلىرىنى كۈزۈتۈپ، يېتەكلەپ، ئۇلارغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلار بۇ ھەقنى ئادا قىلمايدۇ، تەربىيىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىمەي، ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئىنتايىن بەك ناچارلىق قىلغان بولىدۇ، كۆپچىلىك بالىلارنىڭ ناچارلىشىشى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا ياخشى تەربىيە قىلمىغانلىقى، دىنى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئۈگەتمىگەنلىكى، كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنى زايە قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ جىگەر پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىشىگە سەل قاراپ، خاتا ئىشلىرىغا يارەدم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىز بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار: بىز بالىلىرىمىزنى ئىززەتلىسەك، ئۇلار بىزنى خارلاۋاتىدۇ، كۆيۈنسەك زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىدىن پايدىلىنىشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك نسىۋېسى يوق قىلىۋېتىلگەن پەرزەنتلەردە بۇزۇقچىلىقنى كۆرگەندە، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلىسىز." [تەھپەتۇل مەۋدۇد بىئەھكامۇل مەۋلۇد 229-242-بەتلەر].

يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسا، پەرزەنتلەر ئۇنىڭ قارشىسىدا ئۇلارغا يامان مۇئامىلىدە بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىۋىتىپ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا تەرجىمىسى:پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. [سۈرە ئىسرا 23-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا تەرجىمىسى: ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن). [سۈرە لوقمان 15-ئايەت].

ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 20064-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار