سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاينى ئارقىغا سۈرۈش كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر» دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى

سۇئال

تەۋبە سۈرىسى 37- ئايەتتە چەكلەنگەن ئاينى ئارقىغا سۈرۈش دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. ئەرەپ يىرىم ئارىلىدا ئاينى ئارقىغا سۈرۈش چەكلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىش قانداق شەكىلدە بولغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا النَّسِيءُ زِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ ۖ يُضَلُّ بِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا لِّيُوَاطِئُوا عِدَّةَ مَا حَرَّمَ اللَّـهُ فَيُحِلُّوا مَا حَرَّمَ اللَّـهُ ۚ زُيِّنَ لَهُمْ سُوءُ أَعْمَالِهِمْ ۗ وَاللَّـهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى: ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە تەۋبە 37-ئايەت].

بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ئاينى ئارقىغا سۈرۈش مەسىلىسىدىن بولغان مەقسەت توغرىسىدا ئۆلىمالارئوخشىمايدىغان قاراشلاردا بولغان بولۇپ، بۇ توغرىدىكى ئەڭ مەشھۇر قاراشلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

بىرىنچى: جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەر ئۇرۇش ھارام قىلىنغان (چەكلەنگەن) ئايلارنىڭ بەزىسىنى بەزى ئادەتتىكى ئايلارغا ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى چەكلەيتتى. ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۆزلىرى ئۈچۈن چەكلەگەن بەزى نەرسىلەرنى ئالماشتۇرغان ئايلاردا ئېھتىياجى بويىچە ئۆزلىرىگە ھالال دەپ ھۆكۈم قىلىپ ئىستىمال قىلاتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئايلارنىڭ سانىنى ئەسلىدىكى ئون ئىككىدىن زىيادە قىلالمايتتى پەقەت ئايلارنىڭ ئورىنىنى ئالماشتۇراتتى.ئۇلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن زۇل قەئەدە، زۇل ھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن مۇھەررەم ئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنمىگەن ئايغا ئۆزگەرتىپ، بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال(توغرا) دەپ قارايتتى. ئاندىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئورنىغا سەپەر ئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي قىلىپ ئالماشتۇراتتى. گوياكى ئۇلار خۇددى بىر نەرسىنى قەرىز بېرىپ ئاندىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قەرىزنى تولۇق ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئىش قىلاتتى. مانا بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئايەتنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە ئايلارنى ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ توغرا ۋە مەشھۇر بولغان ئىشلىرىدۇر. كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، ئىبنى كەسىر ۋە باشقا تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. چۈنكى بۇ قاراش ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ: يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا تەرجىمىسى: ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ [سۈرە تەۋبە 37-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكەن كاتتا ئالىم شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ ئايەتتىكى ئاينى ئارقىغا سۈرۈش دېگەن سۆزنى مۇشۇ سۈرەتتە چۈشەندۈرگەن.

ئىككىنچى: ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، ئۇلار بىر يىلى مۇھەررەم بىلەن سەپەر ئېيىنى ئۇرۇش ھالال قىلغان ئاي دەپ بۇ ئىككى ئاينى ئىككى سەپەر ئېيى دەپ ئاتىسا، كىلىدىغان يىلى بۇ ئىككى ئاينى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي دەپ قاراپ بۇ ئىككى ئاينى ئىككى مۇھەررەم دەپ ئاتايتتى. مانا بۇمۇ ئاينى ئارقىغا سۈرۈشنىڭ ئوخشىمايدىغان بىر شەكلى.

ئۈچىنچى: ئۇلار مۇھەررەم ئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ بىكىتىتتى، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا سەپەر ئېيىنىمۇ ئۇرۇش قىلىش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ قاراپ، بۇنىڭ ئورنىغا رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى ئالماشتۇرىتتى. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلغان.

ئەمما ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنى مەيدانغا كىلىشتىن ئىلگىرى داۋاملاشقان كىيىن ئىسلام دىنى چەكلىگەن ئاينى ئارقىغا سۈرۈش ئىشى توغرسىدا ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" سىيرەت ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىمام ئىبنى ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سىيرەت كىتابىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا ناھايتى ئوچۇق ۋە پايدىلىق بولغان سۆزلەرنى قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئەرەپلەر ئارىسىدا دەسلەپتە ئايلارنى ئارقىغا سۈرۈش يەنى ئۇ ئايلاردىن ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشنى چەكلىگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى چەكلىمەسلىك، ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشنى يولغا قويغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى چەكلەش" تىن ئىبارەت بۇ ئىشنى "ئەلقەلەممەس" يەنى ھۇزەيپە ئىبنى ئەبدۇ مۇدرەكە پۇقەيم ئىبنى ئۇدەي ئىبنى ئامىر ئىبنى سۇئلەبە ئىبنى ئەلھارىس ئىبنى مالىك ئىبنى كەنانە ئىبنى خۇزەيمە ئىبنى مۇدرەكە ئىبنى ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئىبنى نەزار ئىبنى مەئەددە ئىبنى ئەدنان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەبباد دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەببادنىڭ ئوغلى قەلەئە ئىبنى ئەبباد دادىسىنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلدى، قەلەئەدىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۇمەييە ئىبنى قەلەئە دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئوغلى ئەۋپ ئىبنى ئۇمەييە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇمەييەنىڭ ئوغلى ئەبۇ سۇمامە جۇنادەتە ئىبنى ئەۋپ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇ بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلدى. ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىكار بولغاندا ئەبۇ ئۇسامە جۇنادەتە ئىبنى ئەۋپنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلەپ بۇ يىلى رەجەب، زۇل قەئەدە ۋە زۇل ھەججە ئايلىرىنى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاي ۋە مۇھەررەمنى ئۇرۇش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ ئېلان قىلاتتى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئورنىغا سەپەر ئېيىنى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاي قىلاتتى. ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ھالال قىلغان ئاينى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەشھۇر شائىرى ئۇمەير ئىبنى ئەلقەيس ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيتتى:(شىئىرنىڭ مەناسى) مەن ئايلارنىڭ قايتىش ئورنىدىن شۇنى بىلدىمكى. مېنىڭ قەۋمىم ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ ئېسىل كىشىلەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى كۆپ ئىكەن، بىز ئايلارنىڭ قايتىشنى ئورنى بويىچە ئايلارنى ئارقىغا سۈرۈپ ئۇرۇش ھالال قىلىنغان ئاينى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاي قىلىمىز، باشقا ھېچ بىر ئىنسان بۇنى تاپالمايدۇ ۋە ھېچ بىر ئىنسان بۇنىڭ تۇتقۇچىنى بىلمەيدۇ". ["ئەلئەزبۇن نەمىير مىن مەجالىس ئەلشەنقىيتى" ناملىق ئەسەر 5-توم 439-بەت. "تەپسىرى ئىبنى كەسىر" 4-توم 144-بەت. ۋە ئۇنىڭدىن باشقا "تەپسىر تەبەرىي" 14-توم 235-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى