Sat 19 Jm2 1435 - 19 April 2014
1672
رامزاندا روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغاننىڭ كاپارىتى
رامىزان ۋاقتىدا كۈندۈزدە ئايالىمغا بىرقانچە قېتىم  يېقىنچىلىق قىلدىم، مەن بۇنىڭغا قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، رامزاندا كۈندۈزى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغانلىقنىڭ كاپارىتى بىر قۇل ئازات قىلىش بولۇپ مەندە قۇل ئازات قىلغىدەك ئىقتىسات يوق، ياكى ئىككى ئاي ئارقىمۇ ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش بولۇپ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنداق قىلىش ماڭا بەك قىيىن بولىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرسەممۇ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۇشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: سىز ئىككى ئاي ئارقىمۇ ئارقا تۇتىدىغان روزىنى قىش كۈنلىرى ياكى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭىزدا تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ . ھەقىقەتتە بۇنداقمۇ قىلالمىسىڭىز ئۇ ۋاقتىدا سىزنىڭ ئاتمىش مىسكىنگە تائام بېرىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، بۇلارغا بىراقلا بەرسىڭىزمۇ ياكى بىر كىشىگە ئاتمىش كۈن بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ يەنى ئۆزىڭىزنىڭ تاقىتىڭىز يەتكۈچە قىلسىڭىز بولىدۇ، ئايالىڭىزمۇ سىزگە ماسلىشىپ رامزاننىڭ كۈندۈزدە يېقىنچىلىق قىلىشىڭىزغا رازى بولغان بولسا ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش كاپارەت ئادا قىلىدۇ . ئەگەر يېقىنچىلىق قىلىش بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم بولماستىن بەلكى بىر قانچە كۈندە بىر نەچچە قېتىم بولغان بولسا شۇ كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە كاپارەت ئادا قىلىسىلەر.

"كىپايەتۇتتالىب" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "ئادا قىلىنىدىغان كاپارەتنىڭ سانى كۈنلەرنىڭ سانى بويىچە بولىدۇ، ئەمما كاپارەتنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن يېقىنچىلىق قىلىش بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم تەكرارلانسىمۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بۇنىڭغا بىر قېتىم كاپارەت ئادا قىلىش لازىم بولىدۇ".

"ھاشىيەتى دۇسۇقىي" ناملىق ئەسەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: "بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم يېقىنچىلىق قىلىش ياكى بىر قانچە قېتىم يېمەك ئىچمەك ئىستىمال قىلىش بىلەن كاپارەت زىيادە قىلىنمايدۇ ".

"مۇغنىي مۇھتاج" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: "كاپارەتنىڭ سانى سادىر قىلىنغان بۇزۇقچىلىقنىڭ سانى بىلەن بولىدۇ، مەسىلەن بىر كىشى ئىككى كۈندە ئىككى قېتىم ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا، ئۇ كىشى ئىككى كاپارەت ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئىبادەت ھەركۈنى مۇستەقىل بولىدۇ، ئەمما يېقىنچىلىق قىلىش بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم تەكرارلانسىمۇ بۇنىڭ كاپارىتى تەكرارلانمايدۇ".

ئاللاھ ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ. سىزنىڭ سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكى ھەدىس بىلەن جاۋاپ بىرىمىز: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ - يا رەسۇلۇللاھ! مەن ھالاك بولدۇم- دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سېنى نېمە ھالاك قىلدى؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئادەم: مەن روزىدار تۇرۇپ ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بىر قۇل ئازات قىلالامسەن؟ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم: ياق، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن، ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم: ياق، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: 60 پېقىرغا تائام بېرەلەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئادەم: ياق دېدى. بۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ نەرسە دېمەي تۇرۇۋىدى، شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا بىر تاغار خورما كەلتۈرۈلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۇئال سورىغان كىم؟ دەپ سورىۋىدى، ھېلىقى ئادەم: مەن يارەسۇلۇللاھ! دەپ ئورنىدىن تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇنى ئال ۋە سەدىقە قىلغىن دېدى. ھېلىقى ئادەم : يارەسۇلۇللاھ! بۇنى مەندىنمۇ پېقىر بىرسىگە سەدىقە قىلامدىمەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىر ئائىلە يوق دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى . ئاندىن بولدى، بۇنى ئېلىپ كېتىپ ئائىلەڭگە سەدىقە قىل دېدى.» [ بۇخارى 1936 پەتھۇل بارىي ].

ئاللاھ تائالادىن خاتالىقلىرىمىزنى، ئىشلاردىكى ئىسراپچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز .

ئاللاھ ناھايىتى مېھرىبان ۋە تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر