سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھايۋاناتلارنىڭ تىرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھۆكمى

1695

تارقاتقان ۋاقىت : 09-01-2020

كۆرگۈچىلەر : 4619

سۇئال

گۆشى يىيىلىدىغان ياكى يىيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ، ئاشلانغان ياكى ئاشلانمىغان تىرىلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسى پاكىزىدۇر. تۆگە، كالا، قوي، بۆكەن، توشقان ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسى بوغۇزلاش بىلەن، مەزكۇر تىرە ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن پاك بولىدۇ.

ئەمما گۆشى يىيىلمەيدىغان ئىشىت، بۆرە، يولۋاس، پىل ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسى، بوغۇزلانسۇن ياكى ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسۇن بەرىبىر نىجىستۇر. چۈنكى مەزكۇر ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ تىرىسى ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن ئوخشاشلا نىجىستۇر. كۈچلۈك قاراشلاردا؛ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بوغۇزلاش ئارقىلىق پاك بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىلىرى، ئاشلاش ئارقىلىقمۇ پاكلانمايدۇ ۋە نىجىسلىق ھالىتىدە قالىدۇ.

بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلار تۈرىدىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنىڭ تىرىسى، ئاشلىنىشتىن بۇرۇن نىجىس ھېسابلىنىدۇ ئەمما ئۇ ئاشلانسا پاكىزە بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، ھايۋانلارنىڭ تىرىلىرى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى: پاكىزە تىرە. بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسى، ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن پاكىزىدۇر.

ئىككىنچى: نىجىس تىرە. چوشقىغا ئوخشاش گوشى يىيىلمەيدىغان ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تىرىسى ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن ئوخشاشلا نىجىستۇر.

ئۈچۈنچى: ئاشلاشتىن بۇرۇن نىجىس، ئاشلانغاندىن كېيىن پاكىزە بولىدىغان تىرە. بۇ گۆشى يىيىلىدىغان ھايۋانلار بولۇپ، شەرئى بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ تىرىسىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين ئۈچرىشىشلىرىدىن  (52\39)