سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بەدەندىن يىرىڭ چىقىش بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

بەدەندىكى جاراھەتلەردىن سېرىقسۇ، يىرىڭ قاتارلىق نەرسىلەر چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟ ياكى جاراھەتتىن مەلۇم مىقداردا قان چىقىپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

روزىدار كىشىنىڭ جاراھەتلىرىدىن قان-يىرىڭ چىقىپ كەتسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ھىجامە قىلدۇرسا (قان ئالدۇرۇپ داۋالانسا) بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن روزا بۇزۇلىدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇت2367- ۋە ئىبنى ماجە 1679-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2074-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: روزىدار كىشىدىن قان-يىرىڭ چىقسا روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى روزىسىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "نورمال جاراھەتلەردىن قان-يىرىڭ چىقسا، روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ھىجامە قىلدۇرغان بولسا كۈچلۈك قاراشتا روزا بۇزۇلىدۇ، گەرچە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ لېكىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن، روزىدارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دەپ قارايمىز. ئەمما روزىدارنىڭ بۇرنى قانىسا ياكى پۇت-قوللىرى جاراھەتلىنىپ ئۇنىڭدىن قان-يىرىڭ چىقسا، بۇنىڭ روزىغا ھېچ زېيىنى يوق. يەنى ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ". تۈگىدى. شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى. (http://binbaz.org.sa/mat/18726)

بەزى ئالىملار قاننىڭ چىقىشىنى ئايرىيدۇ. مەسىلەن: ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن كۆپ مىقداردا قان ئالدۇرسا، يەنى باشقىلارغا كۆپ مىقداردا قان ياردەم قىلغان بولسا، بۇنى ھىجامىگە قىياس قىلىش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمما قاننىڭ چىقىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىختىيارسىز ھالدا، يەنى جاراھەتلىنىش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولغان بولسا، قان كۆپ چىقىپ كەتسىمۇ بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 37918 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

ئەمما جاراھەتتىن يىرىڭ-سېرىق سۇ دېگەندەك نەرسىلەر چىققان بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ :"ئەززىيائۇللامىئمىنەل خۇتەبىل جەۋامىئ" ناملىق ئەسىرى 5-توم 465 -بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: جاراھەتنى سىقىپ يىرىڭ-سېرىقسۇلارنى چىقىرىش جەريانىدا قان چىقىپ كەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. تۈگىدى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى