جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر ئادەم ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق چارۋا قۇربانلىق قىلسىمۇ بولامدۇ؟

سۇئال

بىر كىشى ئىككىدىن ئارتۇق مالنى قۇربانلىق قىلسىمۇ بولامدۇ؟، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈچ ياكى تۆت مالنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى كۆردۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: قۇربانلىق يولغا قويۇلغان ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قۇربانلىق پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە تەكىتلەنگەن سۈننەت ياكى ۋاجىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى بىلىش ئۈچۈن 36432- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: بىر مۇسۇلماندىن گەرچە ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇ قۇربانلىققا بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. ئەتا ئىبنى يەسار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە قۇربانلىق قانداق بولغان؟ دەپ سورىسام، ئۇ كىشى: "بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى، ئۆزلىرى يېيىشەتتى، كەمبەغەللەرگە بېرەتتى، مانا بۇگۇنگە كەلگەندە ئىش سەن كۆرىۋاتقاندەك كىشىلەر قۇربانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان ھالەتتە،" دېدى.[تىرمىزىي رىۋايىتى 1505-ھەدىس. ئىبنى ماجە3147-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر قوي بىر كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، بىردىن ئارتۇق كىشىگە كۇپايە قىلمايدۇ، ئەمما بىر ئائىلىدىكىلەر بىر قوي قۇربانلىق قىلسا ھەممەيلەندىن ئىسلامنىڭ بۇ شوئارى ئادا بولغان بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق ھەممەيلەن ئۈچۈن كۇپايە بولغان سۈننەت ھېسابلىنىدۇ". تۈگىدى. ["ئەلمەجمۇئ" 8-توم 370-بەت].

باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن بىرقانچىنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربان ھېيت كۈنىدە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ سانىنى بېكىتتىمۇ؟ ئەگەر كۈچى يەتسە قانچىنى قىلسا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ سانىنى بەلگىلەپ بەرمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سېمىز ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، بىرىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن يەنە بىرىنى ئۆزىنىڭ ئۈممەتلىرىدىن ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغان بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلاتتى. مۇسۇلمان كىشى كۈچى يەتسە بىر ياكى ئىككى ۋەياكى بىر قانچىنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئۆزىمىز يەيتتۇق، كەمبەغەللەرگە يېمەك قىلىپ بېرەتتۇق، كىيىن كىشىلەر پەخىرلىنىپ قۇربانلىقنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىر قوينى قۇربانلىق قىلسا كۇپايە قىلىدۇ ھەم بۇنىڭ بىلەن قۇربانلىقتىن ئىبارەت بۇ سۈننەت ئائىلىدىكى ھەممە كىشىدىن ئادا بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ياكى ئۈچ ۋەياكى تۆت قوي ياكى بىرەر تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ." تۈگىدى.

<http://www.binbaz.org.sa/mat/11662>

قۇربانلىقنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن مۇنبەردىن چۈشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا سېمىز بىر قوي كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ قوينى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ كاتتىدۇر، بۇ قوي مەن ۋە مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قۇربانلىق قىلالمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر،» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2810-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۈننەتتە چىڭ تۇرۇش سۈننەتنى تەرك قىلغاندىن ياخشىدۇر، بىز بىر قوي قۇربانلىق قىلسا ئائىلىدىكى ھەممە كىشىلەردىن سۈننەت ئادا بولىدۇ دېسەك، بۇنىڭدىن يەنە ئۇلار بىردىن كۆپ قوينى قۇربانلىق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، لېكىن كۆپ ئەمەل قىلغاندىن سۈننەتنى ساقلاپ قالغانلىق ئەۋزەلدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا تەرجىمىسى: سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن. [سۈرە مۈلك 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئىش ئۈچۈن ئىككى كىشىنى بىر يەرگە ئەۋەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلار سۇ تاپالماي تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى، كىيىن سۇ تاپقاندا بىرى تەرەت ئىلىپ نامازنى قايتا ئوقۇدى، يەنە بىرى بولسا تەرەتمۇ ئالمىدى ۋە نامازنىمۇ قايتا ئوقۇمىدى، ئۇلار قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بېرىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تىپىلغاندىن كىيىنمۇ تەرەت ئالمىغان ۋە نامازنىمۇ قايتا ئوقۇمىغان كىشىگە: سۈننەت بويىچە ئىش قىلىپسەن دېدى، يەنە بىر كىشىگە: سەن ئۈچۈن قوش ئەجىر بولىدۇ، دېدى.

بۇ ئىككى كىشىنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغىنى ياخشى بولىدۇ؟ دېگەندە، يەنە بىر كىشىگە قوش ئەجىر بېرىلگەندىمۇ، ئەلۋەتتە سۈننەت بويىچە ئىش قىلغان كىشىنىڭ قىلغىنى ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى قوش ئەجىرگە ئېرىشكەن كىشى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ئىككى قېتىم ئەمەل قىلغان بولدى، گەرچە ئۇ كىشى ئىككى قېتىم ئەمەل قىلىپ قوش ئەجىرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلغان كىشىدەك ساۋاپقا ئېرىشەلمىدى." تۈگىدى. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى"].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار