سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىر كىشىنى ھەج قىلىشقا ۋەكىل قىلسا، ئۇ كىشى ھەجنىڭ قايسى تۈرىنى تاللايدۇ؟

177182

تارقاتقان ۋاقىت : 05-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 2996

سۇئال

ھەجنىڭ ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بەزى كىشىلەر كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى پەرز ھەجنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ، يۇرتىمىزدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن پەرز ھەجنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشقا بىر كىشى ۋەكىل قىلىپ بەدەل ھەج قىلدۇرىدىغان ئادەت بار. مۇشۇنداق ھالەتتە ۋاپات تاپقان كىشى ئۈچۈن ھەج قىلدۇرساق، ھەجنىڭ قايسى تۈرىنى قىلدۇرىمىز، ئۆمرە قىلىپ ئاندىن ھەج ئۈچۈن ئايرىم ئېھرامغا (ھەج تەمەتتۇئ) كىرەمدۇ ياكى يالغۇز ھەج ئۈچۈنلا (ھەج ئىفراد) ئېھرام باغلامدۇ ۋە ياكى ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن بىرقېتىمدىلا (ھەج قىران) ئېھرامغا كىرەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەسلىدە ۋەكىل بولغان كىشى ئامانەتدار، ئىشەنچىلىك، خۇددى ۋەكىل قىلىنغان ئىشنى ۋەكىل قىلغان كىشى قىلغاندەك تولۇق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەكىل بولىدىغان كىشى ئۆزى ھەج قىلىپ بولغان بولسا، ۋاكالىتەن قىلىدىغان ھەجنىڭ تۈرىنى تەمەتتۇئ يەنى دەسلەپتە ئۆمرە قىلىپ ئېھرامدىن چىقىپ ئاندىن تەرۋىيە كۈنىدە يەنە قايتىدىن ئېھرامغا كېرىشى كېرەك.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ھەجگە كىيگەن ئېھرامنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى ۋە: ئەگەر مەن ھازىرقى ئىشىمنى بۇرۇن بىلگەن بولسام ئىدىم، يەنى قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەن بولسام، ھەجگە باغلىغان ئېھرامنى ئۆمرىگە ئالماشتۇراتتىم، لېكىن مەن ھەج بىلەن ئۆمرىنى بىرگە قىلىمەن دەپ قۇربانلىقھەيدەپ كەلدىم، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 12044- ھەدىس. بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمدىمۇ بايان قىلىنغان].

ئەگەر ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلگە ھەجنىڭ قايسى تۈرىنى ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ۋەكىل بولغۇچى شەرت بويىچە ھاۋالە قىلىنغان تۈرىنى ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن1745- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى