شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇنيا ئىشلىرىدا شۆھرەت قازىنىشنى ياخشى كۆرۈش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن دۇنيالىق ئىشلاردا شان-شۆھرەت تەلەپ قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن. مەسىلەن: كىشىلەر سىزنى بەك ئەقىللىق، دانىشمەن دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىسە ياكى سىز تىلۋېزۇر ئېكرانىدا ياكى باشقا ئالاھىدە ئورۇندا كۆرۈنگەندە، سىزنى ماختايدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئىنسانغا بۇ ئىش ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ لېكىن بۇ گەرچە دۇنيالىق ئىشلار بولسىمۇ، گۇناھ- مەسىيەت ياكى شېرىك ھېسابلىنامدۇ؟، شۇنىڭدەك مەن ھازىر مەشھۇر، مېنىڭ نىشانىم دۇنيادا كىشىلەر ئارىسىدا شان-شۆھرەتكە قازىنىش، گەرچە دەسلەپتە مەقسىتىم توغرا بولمىسىمۇ، ھازىر مەقسىتىمنى ئۆزگەرتىپ شۆھرىتىمنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلالىشىم مۇمكىنمۇ؟، شۆھرىتىمنى دۇرۇس ئىشلار ئۈچۈن ۋەسىلە قىلسام، دۇنيالىق دۇرۇس ئىشلارغا سەرپ قىلسام، ئۇنىڭغا ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسىتىنى قاتسام بۇ ئىشلار ياخشى ئىشلارغا ئۆزگىرەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ھەرقانداق ھالەتتە نام-شۆھرەت تەلەپ قىلىش ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ، مۆمىن دېگەن نام-ئابرۇي قوغلاشمايدىغان، كەمتەر بولىدۇ، ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ ساناقلىق كىشىلەردىن بولۇپ قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىشىنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى: شۆھرەتپەرەسلىك، كىشىلەر ئارىسىدا شان-شەرەپ، نام-ئابرۇي قوغلىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام تىرمىزىي رەھىمەھۇللاھ كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقلى قىلغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان دىنىنى بۇزۇشتا، قوي قوتىنىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىنمۇ، ئۇنىڭ مال-دۇنيا، شان-شەرەپكە بولغان ھېرىسمەنلىكى يامانراقتۇر. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر5620-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مال-دۇنيا، نام-شۆھرەتنىڭ ئىنساننىڭ دىنىنى بۇزۇشى، ئاچ بۆرىنىڭ قوي پادىسىنى بۇزىشىدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى. دىنى ساغلام بولغان كىشىلەردە بۇنداق ھېرىسمەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسان قەلبى ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك قېلىشنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ لەززىتىنى تېتىغاندا، ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بەكرەك ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە بولمايدۇ، بۇنى ھەممە نەرسىدىن مۇقەددەم قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئەمەل قىلغان كىشىدىن ئۇنداق ناچار ئىشلار يىراق قېلىنىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 215-بەت].

ئىنساندىكى شان-شەرەپ، نام-ئابرۇيىنى ياخشى كۆرۈش بولسا، ئىنسان قەلبىدىكى يوشۇرۇن كېسەلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىنسان قەلبىنى بۇزىدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇزۇلغان قەلبىنى ئىسلاھ قىلىشى قېيىن بولغان، ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئاندىن بۇنى ھېس قىلالايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بەك كېچىككەن بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان قەلبىگە يوشۇرۇن شەھۋەتلەر ئارىلاشقان ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان ئىخلاسى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشى، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى بەندىچىلىك قىلىشنى روياپ چىقىرىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، بۇ خۇددى شەددات ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقادەك: ئى ئەرەبلەرنىڭ قالدۇقلىرى! مېنىڭ سىلەردىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا يوشۇرۇن شەھۋەت ۋە رىيا خورلۇقنىڭ سىڭىپ كىرىشىدۇر، ئەبۇ داۋۇد سىجىستانى رەھىمەھۇللاھدىن يوشۇرۇن شەھۋەت دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: نام-ئابرۇيىنى ياخشى كۆرۈش دەپ جاۋاپ بەرگەن." ["پەتىۋالار توپلىمى"10-توم214-215-بەتلەر].

شان-شەرەپ، نام-ئابرۇيىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپىتى، ئۇنى تاما قىلىش، توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تەلەپ قىلىشتۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ 16460-ھەدىستە، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سىلەر ماختانچاقلىقتىن ھەزەر قىلىڭلار، ماختانچاقلىق تېرىك بوغۇزلاشتۇر دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر 2674-ھەدىستە بايان قىلغان].

ئىمام مەناۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ماختانچاقلىق ئۆزىدىن ئەجەبلىنىش ۋە تەكەببۇرلۇقنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھايات بوغۇزلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسالام بۇنىغا ئوخشاتقان".

ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىرسى ساڭا ياخشىلىق قىلسا، ئۇ كىشى ماختاش، مەدھىيىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا، ئۇ كىشنى ماختىمىغىن، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ قىلغان زۇلمىنى قوللىماسلىق، ئۇ كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ رەھمەت-تەشەككۈر تەلەپ قىلىشى زۇلۇمدۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ كىشىگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىققا بولغان رىغبىتىنى زىيادە قىلىدۇ". ["پەيزۇل قەدىر" ناملىق ئەسەر 3-توم167-بەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبراھىم ئەدھەم مۇنداق دېگەن: "شۆھرەتنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئاللاھ تائالاغا سەمىمى بولغان بولمايدۇ." ["ئەلئەزلەتۇ ۋەلئىنفىراد" ناملىق ئەسەر 126-بەت].

ئىبراھىم نەخەئى ۋە ھەسەن بەسەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ دىن ۋە دۇنيالىقتا بارماق بىلەن سانالغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىشى ئاللاھ تائالا ساقلىغان كىشىلەردىن باشقىلار ئۈچۈن يېتەرلىك پىتنىدىن ئىبارەتتۇر". ئىبنى سىررىينىڭ "زاھىدلىق" ناملىق ئەسىرى2-توم442-بەت].

شۇنىڭدەك ئىبنى مۇھەيرىزمۇ "دەمەشىق تارىخى" ناملىق ئەسەر (33/18)دە يۇقىرىقىدەك بايان قىلغان.

ئىككىنچى: بىز شۇنى بىلدۇقكى، ئىنساننىڭ سالامەت بولىشى، پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان كەمتەرلىك، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، شان-شەرەپ، نام-ئابرۇي تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشنى تەرك قىلىدۇ، ھەتتا دۇنيا ئىشلىرىدىن بولغان توغرا ئىشلاردىمۇ بۇنى تەرك قىلىدۇ.

ئامىر ئىبنى سەئەد رەھىمەھۇللاھدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىدە تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇت ئوغلى ئۆمەر كەلدى، ئۆمەرنى كۆرگەن سەئد: بۇ ئۇلاغقا مىنگۈچىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن دېدى ۋە ئۇلاغدىن چۈشتى، ئوغلى ئۇنىڭغا: سەن تۆگە، قويلىرىڭنى تاشلىدىڭ، كىشىلەرنى ئۆز-ئارا ھاكىمىيەت تالىشىشقا تاشلاپ قويدۇڭ دېدى، سەئد ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: جىمتۇر، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، كىشىلەردىن بىھاجەت، ئىبادەت ئىشلىرى بىلەن ئۆز ئىشلىرىغا مەشغۇل بولغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2965-ھەدىس].

ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولغان كىشى كۆپ ھاللاردا ئىزىپ كېتىشتىن سالامەت قالىدۇ." ["كەشپۇل مۇشكىل" ناملىق ئەسەر167-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەتكە مەشغۇل بولغان كىشى ئۆزىنى ئاشكارىلىمايدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇشنى ياكى بارماق بىلەن سانالغۇدەك كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇشنى ياكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىقىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇنداق كىشىلەر ئۆيىدىن مەسچىتكە، مەسچىتتىن ئۆيىگە، ئۆيىدىن دوست-بۇرادەر، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يول ئالىدۇ، ئۆزىنى كەمتەر تۇتىدۇ." ["سالىھلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى" ناملىق ئەسەر 629-بەت].

پۇزەيل ئىبنى ئەياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولماسلىققا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق قىلغىن، كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلمىساڭ، كىشىلەر سېنى ماختىمىسا، بۇنىڭ ساڭا نېمە يامىنى بولىدۇ؟ گەرچە سەن كىشىلەر ئارىسىدا ماختالمىساڭمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ماختالساڭ بولمىدىمۇ؟." [ئەبۇ بەكر قۇرەيشىنىڭ "كەمتەرلىك، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش" ناملىق ئەسىرى43-بەت].

ئۈچىنچى: ئىنسان دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىدىن ياخشىلىقنى تەلەپ قىلىشقا قادىر بولسا، ئاندىن نام-ئابرۇي تەلەپ قىلماستىنلا كىشىلەرگە تونۇلۇپ قالسا، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ياخشىلىق تەلەپ قىلىش يولىدىكى نىيەت-مەقسىتىنى توغرىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن ھاسىل بولغان نام-ئابرۇيغا پەرۋا قىلماسلىق لازىم، ئۇ كىشىنىڭمەقسىتىنام-ئابرۇي تىپىش بولمىسا، قەلبى شۇنىڭغا باغلانمىسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، دىن-دۇنيا ئىشلىرىدا ئىنسانلارغا يېتەكچى بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئەھۋالى بويىچە نام-ئابرۇي ھاسىل بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نام-شۆھرەت قازىنىپ قىلىشتىن، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، پەرز ياكى ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ بولغان ۋە كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى ئىشلارنى تەرك قىلىش ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغانلىق بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشنى، مەشھۇر بولىشى، ئۆزىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىشى ۋە ئۆزىنى يوشۇرۇن تۇتۇشىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى يوشۇرۇن تۇتۇشنى تاللىشى كېرەك. ئەمما ئۆزىنى ئاشكارا قىلىش، تونۇتۇش زۆرۈر بولىدىغان ئورۇنلار بولۇپ قالسا يەنى كىشىلەر ئارىسىدا ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش، دىنى تەلىم-تەربىيە، دەرس ئۆتۈش، ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرى ھازىرلاش جۈمە، ھېيت كۈنلىرىدە خۇتبە سۆزلەش قاتارلىق ئىشلار ۋە باشقا ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا، بۇنداق ۋاقىتتا سالاھىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى زۆرۈر بولىدۇ." ["سالىھلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى"629-بەت].

تۆتىنچى: ئىنسان ئۈچۈن شەرىئەت يولغا قويمىغان يوللار بىلەن يەنى ناخشىچى، توپچى دېگەندەك ئىشلار سەۋەبىدىن نام-شۆھرەت ھاسىل بولغان بولسا، ياكى ئەسلىدە دۇرۇس بولغان يوللار بىلەننام-ئاتاق قازانغان بولسا، ئۇنىڭ نىيىتىگە قەلبىنى بۇزىدىغان، شان-شەرەپ، نام-شۆھرەت، ئەمەل-مەنسەپ دېگەندەك نەرسىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ناخشىچى ياكى باشقا چەكلەنگەن كەسپلىرىنى تەرك قىلىشى، شۇ يولدا ئېرىشكەن نام-شۆھرىتىنى ياخشىلىق يوللىرىغا خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىم، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە نەزەر سېلىۋاتقان، ئەگىشىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھەقىقەتنى تارقىتىش، سۈننەتنى، مەنپەئەتلىك ئىلىمنى ۋە ياخشى-ئەمەللەرنى تارقىتىشتا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىشى لازىم.

لېكىن قەلبىگە رىئايە قىلىشتا، نىيىتىنى توغرىلاشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، قىلغان خىزمەتلىرى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىشى لازىم، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىلەردىن ئۆزىنى ماختاشنى تەلەپ قىلماستىن، نام-ئابرۇيغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلماستىن، قەلبىدە ئۇنىڭغا مايىللىق بولماستىن،كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىسا، ئۇنى ماختىسا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش يولىدا بولسا، غەپلەتتە قالمىسا بۇنىڭ زېيىنى يوق.

سۇپيان ئەسسەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھەممە نەرسىدىن بەكراق نىيىتىمنى توغرىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلدىم، چۈنكى نىيىتىم ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ". بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 145767-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى