Wed 2 Shw 1435 - 30 July 2014
184570
قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەردىنمۇ؟
بىر كىشى قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى زىيادە بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، قۇرئان كەرىم ئىسلام شەرىئىتىدە يولغا قويغان تەلىم-تەربىيە يوللىرى ئارقىلىق، زىرەكلىكنى ھاسىل قىلىشىم قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئىنسانى ئەقىل-پاراسەتنى ئۆستۈرۈش (يەنى پىسخولوگىيە ئىلىملىرى) ئىلمى تەخەسسۇسلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەركەزلىرى، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىلىق ئاز بولمىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكتە.

      قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچىنىڭ ئۇنى يادلاش جەريانىدا ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەرتىپلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە دەرسلىكلەرگە، قۇرئان كەرىم ياد قىلدۇرۇش مەركەزلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرگە تايىنىش، ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان كەرىم ياد قىلىشتىن ئىلگىرىكى زېھنى قابىلىيىتى بىلەن ياد قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى خەلقئارالىق ئىنچىكە ئەقىل-پاراسەت ئۆلچەش بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تۇرغۇزۇش كېرەك. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياش ۋە تەلىم-تەربىيە پەرقىگە رىئايە قىلىش بىلەن قۇرئان ياد قىلغان ئوقۇغۇچىنى قۇرئان ياد قىلمىغان ئوقۇغۇچى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان نەتىجىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

      بىز مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ لېكىن بىز  ھازىرغىچە بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە ئىگە بولالمىدۇق. 

     بىز بۇ يەردە شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش ۋە تىلاۋەت قىلىش، قەلب پاكلىقى ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بەندىگە بەرىكەت يېتىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەردە تۆۋەندە بېكىتىلگەن بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

      بىرىنچى: قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش بەندە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن نۇر بولۇپ، ئۇ نۇرنى ئاللاھ تائالا شۇ بەندىنىڭ قەلبىگە تاشلايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە بەرگەن خەۋىرى كۇپايە قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن پۇراقلىق لىمۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، لېكىن تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، لېكىن تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ياۋا خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمى يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 5020-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 797-ھەدىس].

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن  رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەلبىدە قۇرئان كەرىمدىن ھېچنەرسە بولمىغان كىشى خۇددى خارابى ئۆيگە ئوخشايدۇ.» [تىرمىزىي رىۋايىتى2913-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

      ئىككىنچى: قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش ئۇنى چۈشىنىش، پىكىر قىلىش ۋە ئويلۇنۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ دىننى تولۇق چۈشىنىشنىڭ ئاساسلىق يولىدۇر. قۇرئان ئۆگىنىش جەريانىدىكى زېرەكلىك بولسا: ئاللاھ تائالا ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەر ھەققىدىكى ئايەتلەر كەلگەندە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان ۋە غەزەپ قىلىدىغان ئەمەللەر توغرىسىدىكى ئايەتلەر كەلگەندە ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىم دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى، خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەقىل-پاراسەت ۋە زېرەكلىك، ئاسىلىقنىڭ ئاسارىتى ۋە غەم-قايغۇغا توشقان غاپىل قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن تولۇق ھاسىل بولمايدۇ.

      تۆتىنچى: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دۇنيادا ئەقىل-پاراسەت ۋە زېرەكلىك، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى  ياد قىلىش بىلەن ئېتىبارغا ئېلىناتتى. بىز ئىلگىرى ئۆتكەن ئىمام تەبەرىي، قۇرتۇبىي، ئىبنى كەسىر، پەخرۇر رازىي، ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پېشقەدەم تەپسىرسۇناش ئالىملارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشنىڭ ئەقىل-پاراسەتنى ئۆستۈرۈشكە زور تۈرتكە بولىدىغانلىقىنىڭ بۈيۈك دەلىل ئىسپاتىدۇر.

      بەشىنچى: قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش بولسا، ھەقىقەتتە ئۇنى كۆپ ئوقۇش ۋە تەپەككۇر قىلىشتۇر. مۇشۇ ئەسىردە ئىلىپ بېرىلغان كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن شۇ ھاسىل بولدىكى، قۇرئان كەرىم قارىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى قۇرئان كەرىم بولسا، سۆزلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ساپ ۋە پاك بولغان سوزدۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى