جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دۇئا قىلىش جەريانىدا ياكى دۇئانى تۈگەتكەندە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

196421

تارقاتقان ۋاقىت : 22-09-2020

كۆرگۈچىلەر : 3795

سۇئال

ئاللاھدىن ھاجەتلىرىىمىزنى سوراپ ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا قىلغاندا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇساق بۇلامدۇ؟ ياكى بۇ بىدئەت ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھ تائالاغا بولسۇن.

رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئا قىلىش ھالەتلىرى ۋە دۇئادا قوللانغان ئۇسلۇب ۋە سۆزلىرى بايان قىلىنغان بارلىق رىۋايەتلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھسسالامنىڭ دۇئا قىلىش جەريانىدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشارەتمۇ قىلىنمىغان. يەنى سۈرە پاتىھەنى دۇئادا ئوقۇشنى مەقسەتلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش دىندا ئاساسى بولمىغان (يەنى بىدئەت) ئىشلاردىندۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىكى ئۆلىمالاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئادىن كىيىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار: بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئادىن كىيىن سۈرە فاتىھە ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا دۇئادىن كىيىن سۈرە فاتىھەنى ئۇقۇش بىدئەتتۇر.

ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى.(5282)

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمين (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "دۇئا ئارىسىدا ياكى دۇئادىن كىيىن سۈرە فاتىھەنى ئۇقۇش بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇئانى سۈرە فاتىھە بىلەن باشلىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تۈگەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان. ئىبادەت دەپ قارالغان ھەرقانداق ئىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بايان قىلىنمىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇنى قىلىش بىدئەتتۇر". [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 14-توم 159-بەت].

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك (ئاللاھ ئۇنى ھىمايە قىلسۇن): "دۇئانىڭ ئاخىرىدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇش قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلمىگەن، ساھابە كىراملار ۋە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن تابىئىنلار قىلمىغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ساۋاب بولىدۇ دەپ ئىشلەش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ،" دەيدۇ.

مۇئەييەن زامان ۋە ماكان ياكى بىرەر ئەھۋاللاردا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ياكى بەزى سۈرىلەرنى ئوقۇشنى دەلىلسىز (يەنى سۈننەتتە بايان قىلىنمىغان بولسا) خاسلاشتۇرىۋېلىش دۇرۇس ئەمەس.

ئاللاھ تائالا نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئۇقۇشنى ۋاجىپ قىلدى. سۈرە فاتىھە كېسەلنى سۇپلەپ داۋالاش ئۈچۈن ئۇقۇلىدىغان دۇئادۇر. ئۇنى ئۇقۇش قۇرئاننىڭ باشقا سۈرىلىرىنى تىلاۋەت قىلغانغا ئوخشاش ئىبادەتتۇر. بەلكى سۈرە فاتىھە بولسا قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. سۈرە فاتىھەنى يۇقىرىدا دېيىلگەندىن باشقا بىرەر مەخسۇس ئورۇندا ئوقۇشنىڭ يولغا قۇيۇلغانلىقىنى بىلمەيمەن.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى