Sun 26 DhQ 1435 - 21 September 2014
197477
ھاپىز قۇرئاننىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرى
مەن سەككىز يىل بۇرۇن قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان ئىدىم، لېكىن بىلگىنىمنى باشقىلارغا ئۈگەتمىدىم، مېنى قۇرئان ئۆگىتىشكە دەۋەت قىلىدىغان ھېچ كىشىنى ئۇچراتمىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار بولىمەنمۇ؟، قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچى قارىلارنىڭ قېلىشقا تىگىشلىك قانداق مۇھىم ئەمەللىرى بار؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     بىرىنچى: قۇرئان كەرىم ئۆگنىش ۋە ئۆگىتىش ئەڭ شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئۆگەتكەن كىشى ئەڭ ياخشى كىشىدۇر.» [بۇخارىي رىۋايىتى 5027-ھەدىس].

     ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالىمنىڭ ئابىدقا (يەنى بىلىمسىز ئىبادەت قىلغۇچىغا) بولغان ئارتۇقچىلىقى، مېنىڭ سىلەردىن ئەڭ ئاددى كىشى بىلەن بولغان ئارتۇقچىلىقىمغا ئوخشايدۇ. كىشىلەرگە ياخشىلىقنى تەلىم بەرگەن كىشىگە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان-زېمىن ئەھلى، ئۇۋىسىدا ياتقان چۈمۈلە، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارغا قەدەر، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى2685-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

      شۈبھىسىزكى، كىشىلەرگە قۇرئان ئۆگەتكەن كىشى ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئۆگىتىدۇ، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق ئىشىكلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئاچقان بولىدۇ.

     ئىككىنچى: قۇرئان ئۆگىتىش پەرز كۇپايە يەنى بەزى كىشىلەر ئۆگەتسە باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ. سىز تۇرىۋاتقان شەھەردە كىشىلەرگە قۇرئان ئۆگىتىدىغان باشقا كىشى بولسا سىزگە گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن سىز زور ياخشىلىق-پەزىلەتنى يوقىتىپ قويدىڭىز، ئەگەر سىزدىن باشقا قۇرئان ئۆگىتىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ باشقىلارغا قۇرئان ئۆگىتىشىڭىز پەرز بولىدۇ، ئۇنداق قىلمىسىڭىز گۇناھكار بولىسىز، قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشىڭىز لازىم بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلارغا ئىلىم مەرىپەت ئۆگىتىش پەرز كۇپايىدۇر. بىر يۇرتتا ياكى بىر مەھەللىدە بىرلا كىشى بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقىلارغا دىنى بىلىم ئۆگىتىش پەرز ئەيىن (يەنى شۇ كىشى قىلمىسا بولمايدىغان) بولىدۇ. ئەگەر بىرەر جامائەت ئارىسىدا بەزى كىشىلەر تەلىم-تەربىيە بىلەن مەشغۇل بولسا باشقىلار گۇناھكار بولمايدۇ، ئەمما ھەممىسى تەلىم-تەربىيىدىن باش تارتسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. بەزىلەر ئىجرا قىلسا، قالغانلىرىدىن ساقىت بولىدۇ.

     ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىدىن تەلىم بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ كىشى ئۇنىمىسا، گەرچە گۇناھكار بولمىغان تەقدىردىمۇ، تەلىم بېرىشتىن باش تارتىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ." تۈگىدى. ["ئەتتىبيان فى ئادابى ھەملەتۇل قۇرئان"41 ناملىق ئەسەر42-بەت].

      ئەگەر سىز بۇ يولدىكى ياخشىلىققا قىزىقسىڭىز، كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ سىزدىن تەلىم ئىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن سىز ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش ۋە ياد قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ، قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەنگەننىڭ پەزىلىتى ۋە شان-شەرىپىنى سۆزلەپ ئۇلارنى تەلىم ئىلىشقا قىزىقتۇرۇڭ، بۇ سىز ئۈچۈنمۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشىدۇر. بۇنىڭ سىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، ئەگەر چوڭلارنى تاپالمىسىڭىز كېچىك بالىلارغا ئۆگەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا، قۇرئان كەرىم يادلاش مەدرىسىلىرىگە بېرىپ ئۇستازلىق قىلسىڭىز بولىدۇ.

      ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچىلار باشقىلاردىن پەرقلىق بولىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق پەزىلەتكە مۇۋەپپەق قىلغان كىشى شۇ قۇرئان كەرىم بىلەن يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە ئۇتۇق قازىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا قارىلارنىڭ باشقا ئادەتتىكى ئوقۇمىغان كىشىلەردىن ھېچ پەرقى بولمايدۇ. تۆۋەندە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغۇچى قارىيلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئەدەپ-ئەخلاقلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

    1-قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش، ئوقۇش ۋە باشقىلارغا تەلىم بېرىشتە نىيەت توغرا بولۇش (يەنى خالىس ۋە سەمىمى بولۇش كېرەك).

    2-قۇرئان كەرىمنى ياكى ياد قىلغان سۈرىلەرنىڭ بەزىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى تەكرار ئوقۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

    3-قۇرئان كەرىم ياد قىلىشتىن، دۇنيالىق مەنپەئەت، مال-دۇنيا، ئەمەل-مەنسەپ، يۈز-ئابرۇي ياكى دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئۈستۈن بولۇش، باشقىلارنىڭ مەدھىيىلىشى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مايىل بولىشى قاتارلىق ئىشلارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلماسلىقى لازىم.

    4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئارقىلىق، قۇرئان كەرىم ئەخلاقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

    5-كىشىلەرنى قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش، ئوقۇش ۋە ياد قىلىشقا دەۋەت قىلىش، قۇرئانى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا يېتەكلەش لازىم. 

    6-ئۆزىگە قۇرئان تىڭشىتىۋاتقان كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى تەبرىكلەش لازىم.

    7-قۇرئان كەرىم كۆرسەتمىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، بەلگىلىمە-پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك. قۇرئان كەرىم ھەرىپلىرىنى ياد قىلىپ، بەلگىلىمىلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىغان كىشىلەردىن بولماسلىق لازىم. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىم سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ياكى زىيىنىڭىزغا ھۆججەت بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى223-ھەدىس].

     ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «بىزلەرنىڭ بىرىمىز قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۆگەنسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ، ھۆكۈملىرىگە تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە باشقا ئايەتكە ئۆتمەيتتى.» ["تەپسىر ئەتتەبەرىي" 1-توم 80-بەت].

     ئەبۇ ئابدۇرەھمان ئەسسۈلەمىي رەھىمەھۇللاھ، قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن ئۇستازلىرىمىز بىزگە مۇنداق نەسىھەت قىلاتتى دەيدۇ: "ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەتنى ئۆگەنسە، شۇ ئون ئايەتنى تولۇق ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنى ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىمىغۇچە باشقا ئايەتكە ئۆتمەيتتى، بىز قۇرئان كەرىمنى ئۆگەندۇق، ھەممىسىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك." ["تەپسىر ئەتتەبەرىي" 1-توم 80-بەت].

     8-قارىيلارنىڭ كېچىسى باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كېچىسىدىن پەرقلىق بولىشى كېرەك. ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئاسانلىق بەرگەن مىقداردا كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى لازىم. ئىلگىرىكى سەلەپلەردىن بولغان قارىيلار  كېچىنى قۇرئان تىلاۋىتى ۋە تەھەججۇت نامىزى ۋە سۈبھى ۋاقىتلىرىنى ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.

      بىز سىزگە مۇشۇ توغرىدا  قانائەت ھاسىل بولغىدەك كاتتا ئىككى كىتابنى كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمىز، بىرى ئىمام ئاجۇرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "قۇرئان كەرىم ياد قىلغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى" ناملىق ئەسىرى. يەنە بىرى، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئەتتىبيان فى ئاداب ھەملەتۇل قۇرئان" ناملىق ئەسىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇنىڭ دۇردانىلىرىدىن بەھرى ئىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.

     يەنە باشقا تەرەپلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن 127146-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

      ھەممىدىن توغرنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى