سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەج قىلىش ئەرلەرگە پەرز بولغاندەك ئاياللارغىمۇ پەرزدۇر

سۇئال

جۈمە كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جۈمە خۇتبىسىدە: ئىمام ھەج قىلىش ئەرلەرگە پەرز، ئاياللارغا پەرز ئەمەس دېدى، بۇ سۆزنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر بۇ سۆز توغرا بولمىسا، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىدىغان ئايەت-ھەدىس بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قادىر بولالايدىغان ھەرقانداق مۇسۇلمانغا، ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىش پەرزدۇر. ئۇ ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى بولۇپ، ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكى قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىجمائ بىلەن بېكىتىلگەن.

ئا- قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

بۇ ئايەت ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق دەلىلدۇر. قۇرئان كەرىم ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِتەرجىمىسى:قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى دەپ ئىپادىلىدى. بۇ ھەج قىلىشنىڭ زۆرۈر ۋە پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ داۋامىدا مەزكۇر ھۆكۈم تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ:وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى: كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر.. ئايەتتە پەرزنىڭ قارشىسىدا كۇپىرنى بايان قىلدى. ئايەتنىڭ سىياقىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ھەج ئىبادىتىنى تەرك قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر.

ب-ھەجنىڭ پەرزلىكىگە ھەدىستىن دەلىل: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ شاھادەت ئېيتىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يۇقىرىقى ھەدىستە ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلدى دەپ بايان قىلىپ، ھەجنىڭ ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار، دېدى، ئارىدىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەتتا ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغۇنچە قەدەر سۈكۈت قىلىپ جاۋاپ بەرمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەگەر ھەئە دېگەن بولسام سىلەرگە ھەر يىلى ھەج قىلىش پەرز بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۇنىڭغا قادىر بولالمايتتىڭلار، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ھەجنىڭ ئەر-ئايالغا ئوخشاشلا پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەر كۆپلىگەن ساھابە كىراملار تەرىپىدىن بايان ئوخشاش لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.

ج: ئىجمائ بولسا: ئىسلام ئۈممىتى قادىر بولالىغان كىشى ئۈچۈن ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، شۇنداقلا بۇ دىندا بىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ. پىقھى توپلاملىرى 17/23-بەت.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى ھەج قىلىش شەرتلىرى ھازىرلانغان ئاياللارنىڭمۇ ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن". [سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى