سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى

20059

تارقاتقان ۋاقىت : 08-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 6141

سۇئال

مەن گاھىدا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىمەن. ئۇنىڭ شەيتاندىن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ماڭا بۇ توغرىدا تەۋسىيە بېرىلسە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئىنسانغا بەزىدە غەپلەت يېتىدۇ ۋە ئىمانى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ چارىسى ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، قۇرئان ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. چۈنكى ئۇ قەلبنى غەپلەتتىن ئويغىتىدۇ.
ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى:
1. ئاللاھنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك ئىماننىڭ كەم بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئاللاھنى ، ئۇنىڭ ئىسىم - سۈپەتلىرىنى تونۇشتىكى يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ كەم بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
2. ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئالامەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈش. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
3. گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەش. چۈنكى مەسىيەتنىڭ قەلبكە ۋە ئىمانغا ناھايىتى چوڭ سەلبىي تەسىرى بار. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىنا قىلغان ئادەم مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ دېگەن.
4. تائەت - ئىبادەتنى تەرك ئېتىش. چۈنكى تائەتنى تەرك ئېتىش ئىماننى كېمەيتىدۇ. لېكىن پەرز بولغان ئىبادەتنى ئۆزۈرسىز تەرك ئېتىش ئىماننىڭ كېمىيىشىگە سەۋەب بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىگىسىنى جازاغا لايىق قىلىدۇ. ئەمما تەرك قىلغان ئىبادەت پەرز ئىبادەتلەردىن بولمىسا، ئۇ جازاغا لايىق قىلمىسىمۇ، ئىماننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. (مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋاسى).
سورىغۇچى قېرىندىشىمغا ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش، قۇرئاننى ھۇزۇر قەلب بىلەن ئىخلاس قىلىپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ(سۈرە ئىسرا 82 ئايەت).
شۇنىڭدەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنىمۇ كۆپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت،ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (ھۇد سۈرىسى 120- ئايەت).

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى