سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەرئى ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

20092

تارقاتقان ۋاقىت : 18-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 5123

سۇئال

شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

شەرئى ئىلىم ئۆگىنىش پەرزى كۇپايە بولۇپ، (جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك ھالەتتە) بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى بىلەن، باشقلار ئۈچۈن سۈننەت بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۈچۈن شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرزى ئەين بولىدۇ، يەنى شەرئى ئىلىم ئىلىش ۋاجىپبولىدۇ.

شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولسا، ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىنى توغرا شەكىلدە ئىلىپ بارالىغۇدەك بىر نەرسە بىلىشى كېرەك. يەنى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتنى قانداق قىلسا توغرا ئادا بولىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولسا شەرئى ئۆلچەمگە چۈشۈدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بېلىشىئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىملەرنى ئۈگىنىش بولسا پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقاندا ئۆز كۆڭلىدە مەن پەرز ئەمەلدىن بىرنى ئادا قىلىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇ بىلەن ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ئادا قىلىۋاتقان ئەمەلنىڭ ساۋابىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئىلىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بەلكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ جۇملىسىدىندۇر. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىسلام دىيارلىرىدا بىدئەت-خۇراپات كەڭ تارقالغان، بىلىمسىزلىك، جاھىللىق يامرىغان، بىلىپ-بىلمەي ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىدىغان مۇپتىلار مەيدانغا چىقىۋاتقان، كىشىلەر ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە، ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارئەۋج ئىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتەشەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك ئىش مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن بۇنداق شارائىتتا ياشلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

بىرىنچى: بىدئەت ئاشكارا بولۇپ ئۇنىڭ زېيىنى كەڭ تارقىلىشقا باشلىغاندا.

ئىككىنچى: كىشىلەر ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىشكە يۈزلەنگەندە.

ئۈچىنچى: بىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن ئايدىڭلىشىپ بولغان مەسىلىلەردە،شەرئى بىلىم ساھىبى بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا ئورۇنسىز تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىققان پەيتلەردە.

شۇ سەۋەپتىن بىز نەزەر دائىرىسى كەڭرى، ئىلىمى چۈشەنچىسى مول، دىننى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى ئىلمى-ھېكمەت بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان بىلىملىك ئالىملارغا بەك ئېھتىياجلىق. چۈنكى ھازىر كۆپچىلىك دىنى مەسىلىلەر جۈملىسىدىن بولغان مەلۇم مەسىلىلەرنى نەزەرىيە تەرەپتىن چۈشىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئومۇمى خەلقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە توغرا شەكىلدە تەربىيىلەش مۇھىم ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئازغىنە بىلىمىگە تايىنىپ، تۈرلۈك پەتىۋالارنى بېرىش ئارقىلىق ئاقىۋىتىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان،ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزئىشلارغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين پەتىۋالىرى "كىتابۇل ئىلىم" 23-بەت