سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

يىڭى مۇسۇلمان دىننى ئۆگىنىشنى ئويلايدۇ

سۇئال

مىنىڭ سۇئالىم بىر نەچچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەن ئىسلام دىنىغا ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىخى يىڭىلا كىردىم . دەسلەپتە بەش نامازنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇردۇم( مەن ئەرەب تىلىنى بىلمەيمەن) . بىر كىشى ماڭا : مىنىڭ چوقۇم ئەرەب تىلىدىلا سۆز قىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيىتتى . . شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ناماز ئوقۇشتىن توختىدىم . مەن ھەر كۈنى پەرۋەردىگارىم ھەققىدە ئويلىنىمەن ... ھەمدە ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەگىشىمەن .... لىكىن مەن ئۆزۈم ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلىدىغان بەزى نەرسىلەردىن توختىيالمىدىم .... ئاللاھ مىنى يىتەكلىگەندىن بىرى ھاياتىمنى تولىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆزگەرىتتىم ھەمدە مەن ھازىر بۇرۇنقى ئۇزۇن يىللىرىمغا قارىغاندا تولىمۇ بەخىتلىكمەن . مەن بۇرۇن ھەر كۈنى ھاراق ئىچەتتىم ..ھازىر دىگۈدەك ئىچمەيمەن ..مەن بارلىق پۇللىرىمنى قىمارغا تىكەتتىم ..ھازىر بولسا دىگۈدەك قىمار ئوينىمايمەن . مەن ھەر قىتىم بۇ خاتا ئىشلارنى قىلغىنىمدا ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلىمەن ھەمدە مەن ئىلگىركى ۋاقتىمغا قايتىشنى ئويلىمايمەن . مەن ئاللاھنىڭ مىنى مەن بىلمەيدىغان يوللار بىلەن يىتەكلىگەنلىكىنى ھىس قىلىمەن . . مەن گۇناھكار ھىس قىلمايمەن لىكىن مەن نىمە ئۈچۈن بۇنى قىلىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن .مەن بىرگە ئىشلەيدىغان بىر نەچچە مۇسۇلمانلاردىن سورۇدۇم ھەتتا ئىنتېرنىت تورىدا بىر كىشى بىلەن ئۇچراشتىم .ئۇلاردىن توغرا ئۇسۇلدا ناماز ئوقۇشنى ماڭا ئۆگۈتۈپ قويۇشىنى ۋە ماڭا باشقا ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى سورۇدۇم . . لىكىن مەن ئاۋىستىرالىيك بولغىنىم ئۈچۈن ، ئۇلار مىنىڭ راستلا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ھىس قىلمايۋاتىدۇ ... شۇڭا ئۇلار ئىككىلىنىۋاتىدۇ . مەن ئويلايمەن مەن ياخشى كىشى ئەمەس .. لىكىن ئىلگىركى ھالىتىمگە قارىغاندا كۆپ ياخشىمەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە يىتەكلىشى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايمەن ... ئالدىمدا ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر تۇرۇپتۇ ... قىنى ماڭا نەسىھەت قىلساڭلار .. مەن ئۆزۈم يالغۇز تېرىشىشىم لازىممۇ ياكى گەرچە مۇسۇلمانلار ماڭا ياردەم قىلىشنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنىلا ئۇلاردىن ياردەم سورايمەنمۇ .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
مەدھىيە باشتىن ئاخىر ئاللاھقا بولسۇن .. ھەمدە تەشەككۈرلەر ھەمىشە ئۇنىڭغىلا بولسۇن . .ئۇ ئۆزى خالىغان بىرىنى يىتەكلەش بىلەن نىئېمەتلەندۈرىدۇ .. ھەمدە ئۆزى خالىغان بىرىنى بەختتىن مەھرۇم قىلىدۇ . .ئۇ بەندىسىنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزىدۇ .. ھەمدە قىيامەت بولغىچە ئۆزىنىڭ يىقىن دوستلىرىنى ( ئەۋلىيالىرىغا) يۆلەيدۇ .
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداش ، سىزنىڭ يىتەكلەش بىلەن نىېمەتلەنگىنىڭىزنى تەبرىكلەيمىز . بىز ئاللاھتىن سىزنى ئۆلگىچە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز .
سىزنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە ۋەسىز ئىلگىرى ئۆسۈپ يىتىلگەن ئازغۇنلۇق ۋە چەكلەنگەن شېركىزىمنى تاشلاشقا قارار قىلغىنىڭىز بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت . بىز سىزنى ئىسلامدىكى يىڭى قېرىندىشىمىز سۈپىتىدە قارشى ئالىمىز ھەمدە ھۆرمەتلىك بۇ تور بېتىنى زىيارەت قىلغۇچى خۇش كىلىپسىز !
ئالدى بىلەن ، سىزگە ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا چوڭ سىناق ۋە ئىمتاھانلار بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن ئۆلگىچە چىدامچانلىق ، مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئىرادىلىك بولۇشقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سەمىڭىزگە سالىمىز .
ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ! ﺳﻪﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻐﺎ ﻣﯘﻻﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ (ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﯖﺪﺍ) ﺳﻪﻳﻰ- ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯖﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ) .
ئاللاھ بەندىلىرىنى سىنايدىغان سىناقلارنىڭ بىرى بولسا ناماز ، روزا ، زاكات ، ھەج ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش پەرىزلەر ۋە ۋاجىپلارنى بۇيرۇش . ھەمدە يالغانچىلىق ، ئالدامچىلىق ، زىنا-پاھىشە ، بەچچىۋازلىق ۋە باشقا چەكلەنگەن نەرسىلەرنى قىلىشتىن توسۇش . شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان راستچىل مۇئىمىننى كۆرۈش ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ ، ھەمدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلمايدىغان يالغانچى ۋە مۇناپىقنى كۆرۈش ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى دوزاخقا يوللايدۇ .
كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىلىشكە تېرىشىڭ ، ھەمدە ئۇنى قىلىڭ ، ھەمدە ئاللاھ چەكلىگەن نىمىلەرنى بىلىشكە تېرىشىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن ساقلىنىڭ .
بۇيرۇقلار كۆپ ، توسۇقلارمۇ ھەم . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە تىزىملاش ياكى ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس . بىراق بىز سىزنى بىزنىڭ بۇ ئىسلام تەلىماتلىرى ھەققىدىكى سۇئاللار تور بېتىمىزدە تىلغا ئىلىنغان نىمىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇنىڭغا قاراپ ، ئۇنىڭدا دىيىلگەن نىمىنى ئوقۇيالايسىز . ھەمدە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق سىزگە مەنپەئەت بەرسۇن .
سىزنىڭ ئەرەب تىلىنى قانداق ئۆگىنىش توغىرسىدىكى سۇئالىڭىزدا تىلغا ئالغان نىمىگە نىسبەتەن ئېيىتساق ، بۇ راست . بىراق سىز تىلنى پۈتۈنلەي ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . بەلكى سىز دىنى ئىشلىرىڭىزدا مۇھتاج بولىدىغان نىمىنىلا ئۆگىنىشىڭىز ۋاجىپ.
6524 -سۇئالغا قاراڭ . ھەمدە سىزنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلمەسلىكىڭىز نامازنى تاشلىۋىتىشكە بانا بولالمايدۇ . چۈنكى ناماز ئوقۇشقا مۇھتاج بولىدىغان نىمىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىپ بولالايسىز ، ھەمدە سىز ئۇنى ئۆگىنىپ بولغىچە نامازنى ۋاقتىدا داۋاملىق ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز كىرەك ، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ قىلالىغىنىڭىز بويىچە ناماز ئوقۇيسىز . ئاللاھ بىر كىشىنى ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىغا بۇيرىمايدۇ .
[ بەقەرە( ئىنەك) : 286 ]
ئاخىرىدا بىز سىزنى شەھرىڭىزدىكى ئىسلام مەركىزىنى ئىزدىشىڭىزنى ، ئۆزىنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن دائىم ھەمرا بولۇشىڭىزنى نەسىھەت قىلىمىز . ئىشەنچىلىك تور بەتلىرىنى ئوقۇشنى ئۇنتىماڭ ، ھەمدە قىلالىغىنىڭىزچە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا تېرىشىڭ . بىز يەنە سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتقانلارغا ياردەم قىلىش بىلەن بەختلىكمىز . ھەمدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە كۆرسەتمىلەرنى سۇنىمىز . شۇڭا بىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاڭ . ھەمدە ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ۋە ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسۇن .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى