سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەجدىن قايتقاندىن كىيىن گۇناھ-مەسىيەتكە يولىغا قايتىپ قالىمەن دەپ ھەجگە بېرىشتىن چېكىنىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن 24 ياشلىق قىز، ھەجگە بېرىشنى مەقسەت قىلىمەن، لېكىن بەزى يېقىنلىرىم ماڭا: سەن ھازىر ھەجگە كەتسەڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چوقۇم گۇناھقا چۈشۈپ قالىسەن، چۈنكى بۇ يەردە ناخشا-مۇزىكا، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئادەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شۇنداق ئورۇنلارغا بارالايمەنمۇ؟، تاغام بىلەن ھەجگە بارسام توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىزنىڭ مۇشۇ يىشىڭىزدا كىشىلەر ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش پىكرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن بىر جايدا تۇرۇپ، ھەجنى مەقسەت قىلىپ سەپەرگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز. بەلكى ئۇلارنىڭ دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مالغا ھېرىس بولغانلىقى، شۇنداقلا كاپىر يۇرت ئەھلىنىڭ تەبىئەتلىرى سىڭىپ قالغان بولىشى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە كاپىرلار بىلەن بىر يۇرتتا ماكان تۇتۇپ ياشاشتىن چەكلىگەن ۋە بۇنىڭدىن تەكرار-تەكرار ئاگاھلاندۇرغان.

ئىككىنچى: ھەمشىرەم شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، گۇناھ-مەسىيەت ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولىدۇ. گۇناھ-مەسىيەت ھەجدىن بۇرۇن ياكى ھەجدىن كىيىن سادىر بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ: "كېسەلدىن شىپا تېپىش ئۈچۈن سورىغان كىشىگە يېتەرلىك جاۋاپ" ناملىق ئەسىرىدە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئۆز ساھىبىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئومۇمى چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ، بىز ئۇنى 23425 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلغان.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: گۇناھ-مەسىيەت، بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىنىڭ يىراقلىشىشىغا، بەرىكەتنىڭ يوق بولىشىغا، ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىشىغا، ئىشلىرىنىڭ قىيىن بولىشىغا، رىزقىنىڭ تار بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە نېمەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق، تائەت-ئىبادەت مەۋسۇملىرىنى بېكىتتى، مۇسۇلمان كىشى خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە ئەجىر-ساۋاپلىرىنىڭ ئارتۇق بولىشى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشى كېرەك، مەسىلەن: ئەرەپات كۈنىدە ھاجىلاردىن باشقىلار روزا تۇتسا، ئىككى يىللىق گۇناھىغا يەنى ئۆتكەن بىر يىل ۋە كىلىدىغان بىر يىللىق گۇناھىغا كاپارەت بولىدۇ، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش بولسا، ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ. تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشىلىق مەۋسۇمىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھەج مەزگىلىدۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەج قىلىش جەريانىدا ناچار سۆز-ھەرىكەت، پىسق-پۇجۇردىن ساقلانغان كىشى ئانىدىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك گۇناھدىن پاك قايتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1683-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1349-ھەدىس].

ئەقىللىق مۇسۇلمان ئىبادەت پۇرسەتلىرىنى غەنىمەت بىلىدۇ، ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن يېڭىدىن يەنە گۇناھ-مەسىيەتكە ئاتلانمايدۇ، بەلكى يېڭىدىن بىر ھايات سەھىپىسى ئاچىدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرىدۇ، مۇسۇلمان شۇنى بىلگەن ۋاقتىداقايتا گۇناھ-مەسىيەتكە ئاتلانمايدۇ، رەببىگە شۈكۈر ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا غەزەب قىلىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز تەكرارلىمايدۇ.

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەج قىلغان كىشى ھەرگىز گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنىسى؛ ئومۇمى جەھەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن تائەت-ئىبادەت ئۆز ساھىبنى گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلەيدۇ، بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى شۇنداق بولىدۇ. ھەج ئىنساندىن گۇناھ-مەسىيەتنىڭ تەسىرىنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ھەج بىلەن ئۆمرىنى ئەگەشتۈرۈڭلار، خۇددى كۆرەك ئالتۇن-كۈمۈش ۋە تۆمۈرنىڭ دادلىرىنى يوق قىلغاندەك، ھەج بىلەن ئۆمرىمۇ گۇناھ ۋە كەمبەغەللىكنى يوق قىلىدۇ، تولۇق ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ ساۋابى جەننەت بولىدۇ. [تىرمىزى 810-ھەدىستە سەھىھ دەپ بايان قىلىنغان. نەسائى2631-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا2901 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بۇنىڭدىن شۇ ئىپادىلىنىدۇكى، مۇسۇلمان ھەجدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ قالىدۇ، چۈنكى ھېچ كىشى گۇناھدىن خالى بولالمايدۇ، ئەمما ھەج-ئۆمرىنى كۆپ قىلىش گۇناھ-مەسىيەتكە كاپارەت بولىدۇ.

بىز بۇنىڭدىن ئىنسان ئۈچۈن ھەجدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان دېمەكچى ئەمەسمىز، (ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن) ھېچ كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا رۇخسەت بېرىلمىگەن، لېكىن بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەج قىلىشتىن چەكلەنسە، كەبىگە كېلىپ ھەج-تاۋاپ قىلىدىغان كىشى قالمايدۇ، ھېچكىم ئاللاھ تائالانىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدىن ئىبارەت بۇ ئىبادىتىنى قىلمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ-مەسىيەتتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەج قىلمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ بەيتىگە بېرىپ ھەج قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەت ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتقان بولمامدۇ؟! مۆمىن كىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىمەن دېيەلمەيدۇ، بۇ ئىشتا بىزنىڭ دەيدىغان ئاخىرقى سۆزىمىز، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى تەۋبە قىلىشقا بۇيرىغان دەيمىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار [سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

بۇ چوڭ-كىچىك بارلىق گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمى بۇيرۇقتىن ئىبارەتتۇر. تەۋبىنىڭ تولۇق بولىشى ئۈچۈن: ئىنسان ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا قايتماسلىق ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئەگەر نەپسى غالىپ كېلىپ يەنە خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا، تىزدىن يەنە قايتا تەۋبە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

گۇناھقا چۈشۈپ قىلىش بىزگە ياخشى ئەمەللەرنى ئىشلەشكە ئالدىرىشىمىزنى، شۇنداقلا ھەر قانداق يەردە ۋە ھەرقانداق ئورۇندا تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. قايتا خاتالىق سادىر قىلىشتىن ئەنسىرەش بىزنى ھەجدىن ئىبارەت كاتتا ئەمەلنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويماسلىقى كېرەك.

ئۈچىنچى: تاغىڭىز بىلەن ھەجگە بارسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى تاغىڭىز سىزگە مەھرەم بولالايدۇ.

ئەگەر بۇ سىز ئۈچۈن پەرز ھەج بولسا، تاغىڭىز بىلەن بىرگە ھەجگە بىرىشىڭىز دۇرۇسلا بولماستىن بەلكە سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە ۋاجىپ بولىدۇ.

پەرىز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە- ئىستىغپار ئېيتىشقا ھەرۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ، ئاللاھ تائالادىن سىزنى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلاشنى تىلەڭ.

ھەممدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى