سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېھرام كىيىپ بولغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا

سۇئال

ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن پائالىيەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ئېھرامنى بىكار قىلىۋەتسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشتىن ۋاز كېچىش ئەگەر ئېھرامنى كىيىپ ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى (يەنى تەلبىيە ئېيتمىغان بولسا)، شۇنداقلا، پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى خالىسا (قەلبىدە) نىيەت قىلىپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ خالىسا ئېھرامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەمما ئېھرامنى كىيىپ بولغاندىن كىيىن ھەج ياكى ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ بولغان بولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن نىيەتنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئېھرامدىن چىقىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نىيەت قىلغان ئىبادەتنى ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِ تەرجىمىسى: ھەج بىلەن ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. بۇنىڭدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى ئېھرامغا كىرىپ ھەج ياكى ئۆمرىنى نىيەت قىلىدىكەن، نىيەتنى بۇزۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى نىيەت قىلغان پائالىيەتنى شەرىئەت بەلگىلىگەن يول بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى لازىم.

ئەگەردە ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى شەرتلىك نىيەت قىلغان بولسا، نىيەتتىن كىيىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىن توسۇلۇپ قالسا، مەزكۇر جايدا ئېھرامدىن چىقسا بولىدۇ (يەنى نىيەتنى بۇزسا دۇرۇس بولىدۇ). چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن زۇبەيرنىڭ قىزى دىبائە سۇئال سوراپ: ئۆزىنىڭ ھەج قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئەمما كېسەللىك سەۋەبىدىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرالماسلىقتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئېھرام كىيگەندە شەرت بىلەن كىيىڭ(يەنى تەلبىيە ئېيتقاندا) قەيەردە توسۇلۇپ قالسام، شۇ يەر ئېھرامدىن چىقىدىغان ئورنۇم دەڭ،دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئاللاھ توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات، ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى 11/ 166 پەتىۋاسى