سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇرئاننى يادقا ئىلىشنىڭ ئەجرى

20803

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 17191

سۇئال

ھافىز(قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى)بولۇشنىڭ ئەجرى نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
كىمكى قۇرئاننى يادقا ئالىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەركەت قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ ھەمدە ئۇنى كاتتا شان-شەرەپلىك ئىگە قىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنى ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يادلىغان مىقدارى بويىچە كۆتۈرلىدۇ .
تىرمىزىي(2914) ، ئەبۇ داۋۇت(1464) ، ئابدۇللاھ بىن ئامىردىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : قۇرئاننىڭ ھەمرىيىغا : تىلاۋەت قىلغىن ھەمدە كۆتۈرۈلگىن ، سەن بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك تىلاۋەت قىلغىن ، چۈنكى سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ . ( بۇ ھەدىس[ السلسلة الصحيحة(5281 ) ] تە ئەلبانىي تەرىپىدىن توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىلدى .) ئۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مۇنداق دىدى : شۇنى بىلىڭكى ، قۇرئاننىڭ ھەمرىيى دىگەننىڭ مەنىسى قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى دىگەنلىك ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئېيىتقاندەك : قۇرئاننى كۆپرەك بىلگۈچى نامازدا كىشىلەرگە ئىماملىق قىلىدۇ ، بۇنىڭ مەنىسى قۇرئاننى ئەڭ كۆپ يادقا ئالغۇچى دىگەنلىك .جەننەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن بولۇشى بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇ كۈندە قانچىلىك تىلاۋەت قېلىشىغا ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ بۇدۇنيادا قۇرئاندىن قانچىلىك يادقا ئالغانلىقىغا باغلىق . بۇ، قۇرئاننى يادقا ئالغۇچىنىڭ پەزىلىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ، بىراق شەرىت قۇرئاننى دۇنياۋى مەقسەتلەر ياكى ئېقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس ، ئاللاھ ئۈچۈن يادلىغان بولۇشى كىرەك .ئۇنداق بولمايدىكەن پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىكى مۇناپىقلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇرئاننى يادقا ئالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ .
قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى ھافىزنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا ، بۇخارىي(4937) ئائىشە دىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن :
قۇرئاننى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنى يادقا ئالغۇچىنىڭ مىسالى بولسا ، ئۇ ياخشى ھۆرمەتلىك پۈتۈكچىلەر(پەرىشتىلەر) بىلەن بىللىدۇر . ئۇنى ئوقۇيدىغان ، گەرچە ئۇنىڭغا قېيىن كەلگەن بولسىمۇ ئۇنى يادقا ئىلىشقا قاتتىق تېرىشقۇچىنىڭ مىسالى بولسا ، ئۇ ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ .
قۇرئاننى يادقا ئالغۇچى ھافىزغا نىسبەتەن كېچىلىك ناماز ئۆتەش ئاسان بولىدۇ .ھەمدە قۇرئان ئۇنى قىيامەت كۈنى تېلىۋالىدۇ(شاپائەت قىلىدۇ) ، چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : روزا ۋە قۇرئان كىشىنى قىيامەت كۈنى تېلىۋالىدۇ(شاپائەت قىلىدۇ ) . روزا دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى كۈندۈزى يىمەك-ئىچمەكتىن ۋە كۆڭۈل ھەۋەسلىرىدىن مەھرۇم قىلدىم ، شۇڭا ئۇنى تېلىۋالاي . قۇرئان دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى كېچىدە ئۇخلاشتىن مەھرۇم قىلدىم ، شۇڭا مەن ئۇنى تېلىۋالاي . ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇنى تېلىۋالىدۇ . ئۇنى ئەھمەت ، تەبەرانىي ۋە ھاكىم نەقىل قىلغان ؛ ئەلبانىي[ صحيح الجامع(3882)] دە توغرا دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، قۇرئاننى يادقا ئىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ئاجىز ھەدىس بار . ئۇ بولسا : قۇرئاننى ئېلىپ يۈرگۈچى ، ئەگەر ئۇ ھالال قىلغان نەرسىنى ھالال ، ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ قارىسا ، ئۇ قىيامەت كۈنى ئائىلىسىدىن ئون كىشىنى تېلىۋالىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىشكە لايىق كىشىلەردۇر . بۇنى بەيھەقىي[ الشعب ] تە جابىردىن نەقىل قىلغان ، ھەمدە ئۇنى ئەلبانىي [ضعيف الجامع] تا ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىغان .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى