سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلغان؟

سۇئال

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان، ئاخىرقى ھەج بىلەن قىلغان ئۆمرىدىن باشقىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان. ھۇدەيبىيە كېلىشىمىدىن كىيىنكى ئۆمرە، ئۇنىڭدىن كىيىنكى يىلى قىلغان ئۆمرە، ھۇنەيىن غازىتىدىن كىيىن غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ بولۇپ، جەئرانىدىن قىلغان ئۆمرە، ھەج بىلەن بىرگە قىلغان ئۆمرە قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 4148-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1253-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كىيىن تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان ئۇنىڭ ھەممىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان.

بىرىنچى: ھۇدەيبىيەدە قىلغان ئۆمرە بولۇپ، بۇ تۈنجى قېتىم قىلىنغان ئۆمرە بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 6-يىلى مۇشرىكلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگىلەرنى شۇ يەردە بوغۇزلاپ، ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ئېھرامدىن چىقىپ مەدىنىگە قايتىپ كەتكەن.

ئىككىنچى: ھۇدەيبىيەدىن كىيىنكى يىلى قىلغان ئۆمرە بولۇپ، مەككىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۆمرە پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغاندىن كىيىن مەككىدىن قايتىپ كەتكەن.

ئۈچىنچى: ھۇنەيىن غازىتىغا چىقىپ، جەئرانىدىن قايتقاندا ئېھرام كىيىپ مەككىگە قايتىپ ئۆمرە قىلغان.

تۆتىنچى: ھەج بىلەن بىرلىكتە قىلغان ئۆمرە.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. " [زادۇل مەئاد 2-توم 90-93-بەتلەر].

ئىمام نەۋەۋىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئۆمرىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلىشى، بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغ ئاي بولغانلىقى، شۇنداقلا جاھىلىيەت ئەھلىگە قارشى ھالدا ئىبادەت قىلىشىدۇر. چۈنكى ئۇلار زۇلقەئدە ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنى بەك ئېغىر گۇناھ دەپ قارايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلقەئدە ئېيىدا تەكرار ئۆمرە قىلغانلىقى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ۋە جاھىلىيەت قارىشىنىڭ ھەقىقەتەن باتىل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا بايان قىلىپ بەرگەنلىكىدۇر". [شەرھى مۇسلىم ناملىق ئەسەر 8-توم 235-بەت].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد