پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

زاكالەت سودىسى توغرىسىدا

سۇئال

    مال ساتقۇچىلارنىڭ بەزىسى تاۋارنى سېتىۋالىدىغان ياكى ئىجارىگە ئالىدىغان كىشىگە ئالدىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل تاپشۇرۇشنى، ئەگەر سېتىۋالغۇچى ياكى ئىجارىگە ئالغۇچى ئۆز پىكرىنى ئۆزگەرتسە ياكى يېنىۋالسا، ئالدىدىن تاپشۇرغان پۇل ساتقۇچىنىڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا شەرت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ سوئالنىڭ تېمىسى بولسا، ئەربۇن(زاكالەت) سودىسى، ئەربۇن سودىسىدىن بولغان مەقسەت: مال سېتىۋالغۇچى سودا پۈتۈشتىن ئىلگىرى ساتقۇچىغا مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدۇ، ئەگەر مالنى سېتىۋالسا، بۇ پۇلنى ھېسابلاپ مالنىڭ ئومۇمى پۇلىدىن چىقىرىۋېتىدۇ، ئەگەر مالنى سېتىۋالمىسا ئالدىدىن بەرگەن بۇ پۇل ساتقۇچىغا قالىدۇ، قايتۇرۇۋالمايدۇ.

    ئىجارە سودىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مەنپەئەتلەرنى سېتىشتۇر، ئەربۇن سودىىنى چەكلىگەنلىك توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ، بۇنىڭدىن مەلۇم ھالەتتىكى ئەربۇن سودىسىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سەلەم سودىسى(پۇلنى بۇرۇن تاپشۇرۇپ، مالنى كېيىن ئىلىش)، چۈنكى بۇ سودىدا سودا قىلىنغان ئورۇندا پۇلنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇرۇش شەرت قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك نەخنى نەخكە سېتىش، ئالتۇن ۋە كۈمۈش سودىسى، بو سودىلاردا سودا قىلىشقان سورۇندا تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك بولىدۇ، بۇ سودىلاردا ئەربۇن سودىسى توغرا بولمايدۇ.

     ئەربۇن سودىسىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئالدىدىن مەلۇم مىقداردا پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن كۈتىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىش كېرەك، سودا پۈتكەندە ئەربۇن دەپ بەرگەن بولسۇن ئومۇمى پۇلنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، ئەگەر سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ رازى بولۇپ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىسە ياكى مالنى سېتىۋېلىشتىن باش تارتسا ئۇ ۋاقىتتا ئەربۇن دەپ بەرگەن پۇل ساتقۇچىنىڭ ھەققى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.  

مەنبە: "ئىسلام پىقچى مەجمۇئەسى قارارلىرى" 165 -بەت.