سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

21515

تارقاتقان ۋاقىت : 23-03-2014

كۆرگۈچىلەر : 4075

سۇئال

مەن توي قىلغان مۇسلىمە ئايال، مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈم بىلىپ-بىلمەي بەزى نەرسىلەردىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىمەن، بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنساممۇ ھېچ پايدىسى بولمىدى. بۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجىم بار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.

خاتىرجەمسىزلىكنى يوق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، بىكارچىلىقتىن ساقلىنىپ، ۋاقىتنى پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا زىكرىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: الذين آمنوا وتطمئن قلوبهم بذكر الله ألا بذكر الله تطمئن القلوبتەرجىمىسى: (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ. [سۈرە رەئدە 28-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وننزل من القرآن ما هو شفاء ورحمة للمؤمنينتەرجىمىسى: بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز. [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدىً وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَتەرجىمىسى: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەرىم كەلدى. [سۈرە يۈنۈس 57-ئايەت].

ئاللاھ تائالا نامازنى تولۇق ئادا قىلغۈچىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: إن الإنسان خلق هلوعا . إذا مسه الشر جزوعا . وإذا مسه الخير منوعا .إلا المصلين الذين هم على صلاتهم دائمون تەرجىمىسى: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچى بولۇپ، پەقەت نامازنى تولۇق ئادا قىلغۈچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر، يەنى ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. [سۈرە مەئارىج 19-20- 21-22-23- ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا أيها الذين آمنوا استعينوا بالصبر والصلاة إن الله مع الصابرينتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. [سۈرە بەقەرە 153-ئايەت].

ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرەر مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلگەندە نامازغا بېرىلەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتقىن، ناماز بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن، دەيتتى.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7892-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن.

ناماز قەلبنىڭ راھىتى، كۆزنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلارنىڭ يوقىلىشىغا ئىلاجىدۇر. بىكارچىلىق ئىنساننى ھەمدەم خىيال بولۇش ۋە ناچار پىكىرلەرنى قىلىشقا يول ئاچىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئېچى سىقىلىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق غەم-قايغۇلار بارلىققا كېلىدۇ.

سىز ئىچىڭىز سىقىلىپ، بىئارام بولغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغاندا دەرھال تاھارەت ئىلىپ نامازغا تۇرۇڭ، قۇرئان ئوقۇڭ، پايدىلىق ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، بولۇپمۇ ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئويغانغاندىن كېيىن، يېمەك-ئىچمەك شۇنداقلا ھاجەتخانىغا كېرىپ-چىققاندا ئوقۇيدىغان دۇئا ۋە زىكرىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.

مۆمىن-مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە رازى بولىدۇ. تۇرمۇش، رىزىق ۋە پەرزەنت مەسىلىسى شۇنداقلا كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمى ئىشلاردا ئارتۇقچە بىئارام بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھەممە ئىشلار ئىنسان يارىتىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈلگەن ۋە بېكىتىلگەن.

ئەمما ئىنسان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقى ۋە گۇناھ مەسىيەتلىرى ئۈچۈن بىئارام بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىلاجى: ئاللاھ تائالاغا سەمىمىيەت بىلەن تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراشتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بىلەن ھايات كەچۈرگەن كىشىلەرگە گۈزەل بىر ھايات ئاتا قىلىدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحاً مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: ئەر- ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز. [سۈرە نەھلى 97-ئايەت].

بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولسىڭىز (22704) ۋە(21677) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى